2014-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەكىت ناھىيە تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ يىغىن زالىدا،مەكىت ناھىيىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت، ساياھەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، مەكىت «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى رېداكسىيىسى، مەكىت ناھىيىلىك دولان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، مەكىت ناھىيىسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك «دولان مەدەنىيىتى ئىجادىيەت مۇكاپاتى» تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىنغا يازغۇچى ئەدىبلىرىمىزدىن غەيرەت ئاسىم، مۇساجان يونۇس، تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم....قاتارلىقلار ۋە ياش ھەۋەسكارلار، شائىرلار، مەكىت ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن خانقىز داۋۇت، ئاينۇر داۋۇت قاتارلىق سەكسەندىن كۆپ كىشى قاتناشتى.
يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، يازغۇچىلار سۆز قىلغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلارنى مۇكاپاتلاش قارارى ۋە مۇكاپاتلانغان يازغۇچى، ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى.
بۇ قېتىمقى «دولان مەدەنىيىتى ئىجادىيەت مۇكاپاتى»غا بەش نەپەر يازغۇچىنىڭ بەش دانە ئەسىرى مۇكاپاتلانغان بولۇپ، ئاپتۇر، ئەسەر، مۇكاپات سوممىسى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى دەرىجە:ئادىل مۇھەممەت، دولان مەدەنىيىتى ھەققىدە، ئون مىڭ يۈەن.
ئىككىنچى دەرىجە:تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم، دولان قوي مەدەنىيىتى، بەش مىڭ يۈەن.
ئۈچىنچى دەرىجە:مۇتەللىپ سىيىت، مەكىت دولان دېھقانلار رەسىمى، ئۈچ مىڭ يۈەن.
مۇساجان يونۇس، مۇساجان يونۇس شېئىرلىرى، ئۈچ مىڭ يۈەن.
ئادىل ئابدىرىھىم، زىمىن سودىسى، ئۈچ مىڭ يۈەن.
مۇكاپاتلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلار ۋەكىلى، ئوقۇرمەنلەر ۋەكىلى قاتارلىقلار يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيىتپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت مۇشائىرە ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-17 09:03 AM):
http://dolanlik.com/forum.php?mo ... tid=2510&extra=
رەسىملەرنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن كۆرگەيسىزلەر