مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 17

ھوقۇق ھەققىدە بايان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 05:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4eb456bf447a8c8d73540.jpg

ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز

بارلىق ئەكسىيەتچىل كۈچلەر قەغەز يولۋاستۇر.
رەئىس ماۋزېدۇڭ

ھوقۇق ئاتالغۇسى ناھايىتى كەڭ دائىرلىك ئۇقۇم بولۇپ،ئۇ بىر خىل ئىمتىياز、 سالاھىيەت、 پۇرسەت ياكى كاپالەت دەپ چۈشەنسەك خاتالاشقان بولمايمىز.قانۇنشۇناسلار بۇنىڭغا ھەرخىل تەبىر بەرگەن بولۇپ،كىشىلەرنى مەلۇم تەلەپ بويىچە ئىش قىلدۇرۇشنىڭ ئىجازىتىنى بىز ھوقۇق دەپ ئاتايمىز.ھوقۇق تۇرغۇن نەرسە ئەمەس،ئۇ مەلۇم شارائىتتا ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.شۇڭا ئۇ مۇتلەق بولغان ئەمەس،بەلكى نىسپى بولىدۇ.ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھوقۇق مۇناسىپ مەجبۇرىيەتنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بولىدۇ.مەجبۇرىيەتمۇ داۋاملىشىش جەريانىدا ،ھوقۇقنى تەۋەللۇت قىلغان بولىدۇ.ھوقۇق چوڭ ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ،بۇنىڭ بىرسى تۇغما ھوقۇقتۇر؛يەنە بىرى ئىجتىمائى جەمىيەت مۇئەييەن ئىھتىياجى سەۋەبىدىن ،قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ بەلگۈلىگەن ھوقۇقتۇر.ئادەم بالىسى مىيىتنى كۆمۈشنى قاغىدىن ئۈگەنگەندەك،تۇغما ھوقۇق ئىنسانلار ئۆزى بەلگۈلىۋالغان ھوقۇقنىڭ مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ.بۇ تىمىدا ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇقلىرى ئۈستىدە،كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن.
تۇغما ھوقۇق ھەققىدە تولۇق چەشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن،ئامىرىكىنىڭ 1776-يىلىدىكى مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىدىكى بۇ توغرىلىق بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر.《مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى》دە مۇنداق بايانلار بار : ياراتقۇچى ھەممە ئادەمنى باراۋەر ياراتقان ھەمدە تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان ھوقۇق ئاتا قىلغان.بۇ ھاياتلىق ھوقۇقى、ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەختىنى قوغلىشىش ھوقۇقى دىگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن بولۇپ،ھۆكۈمەتنىڭ ھەق- ھوقۇقى ھۆكۈمىرانلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئىجازىتىدىن كەلگەن.ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت يۇقارقى مەقسەتنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن،خەلقنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش、 يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ؛ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى تەشكىل قىلىش ئۇسۇلى ،ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىگى ۋە بەختىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
تۇغما ھوقۇق ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولغان ھوقۇق بولۇپ، تەبىئى ھوقۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ،ئۇ ئىجتىمائى قانۇن بىكىتكەن ھوقۇقتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.ئۇ تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ،تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار ئومۇمى يۈزلىك بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇقتۇر.ھەرگىزمۇ قانۇن、 ئۆرپ-ئادەت、 ھۆكۈمەت بەلگۈلەپ بەرگەن ھوقۇق ئەمەس.ئىجتىمائى قانۇن ھوقۇقى ھۆكۈمىرانلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئارقىلىق بىكىتكەن ھوقۇقتۇر.تۇغما ھوقۇق كۆزقارشى قەدىمقى گىرىك پەلسەپىسىدىن كەلگەن بولۇپ ،تۇغما ھوقۇق ئەدىبىيات-سانئەت گۈللىنىشىدىن كىيىن، غەرپ ئەللىرىنىڭ قانۇن  ۋە سىياسى تىمىسى بولدى ۋە غەرپنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالدى.ھازىر تۇغما ھوقۇق باراۋەر ياشاش ھوقۇقى、 ئەركىنلىك ھوقۇقى、 ھاياتلىق ھوقۇقى دەپ ئىزاھلاندى، مەيلى قانداق بولمىسۇن ئىنسان تۇغما ھوقۇقسىز ياشىيالمايدۇ،ئۇ ئىنساننىڭ ھەربىر تىنىقىغىچە سىڭگەن بولىدۇ.ئىنسان تۇغۇلىشىدا ئەركىن ئىدى،لىكىن ئىنسان ھەرۋاقىت بويۇنتۇرۇقتا ياشايدۇ.بويۇنتۇرۇقنىڭ سېلىنىشىدا ئىنسان ئۆزى ئىچكى ئامىل،سىرتقى كۈچ تاشقى ئامىل بولىدۇ.بۇيۇنتۇرۇقنى ئاجىزلارغا كۈچلۈكلەر سالىدۇ،لىكىن ئاجىزلار بوينىنى ئاڭلىق تۇتۇپ بەرمىسە ياكى كۆڭلىدە ئۇنى ئىتىراپ قىلمىسا بويۇنتۇرۇق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.بۇ خۇددى “چۈجە چىقىرىش ئۈچۈن، مىكيان چوقۇم تۇخۇم بېسىشى كىرەك” دىگەندەك بىر گەپ بولۇپ،باسقىنى تۇخۇم بولماي تاش بولسا چۈجىدىن ئۈمىت كۈتكىلى بولمايدۇ.
ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇقلىرى تەڭرى قانۇنىيەتلىرى ئىچىدىكى  ئەڭ يۈكسەك ھوقۇق بولۇپ،ئۇز ھوقۇقىنى بويۇنتۇرۇقتىن قانداق ساقلاپ قېلىش شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە باغلىق بىر ئىشتۇر.ھوقۇقنىڭ چوڭ-كىچىگى بولمايدۇ،ھوقۇقىنى قانداق يۈرگۈزەشنى بىلگەن ئادەمگە توخۇنىڭ پېيىدەك كىچىككىنە ھوقۇقمۇ، باشقا خالىغان ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يىتەرلىكتۇر.بۇ خۇددى قار توپى ،يۇمىلىغانسىرى يوغىنىغاندەكلا بىر ئىش.ھەرقانچە چوڭ ھوقۇقى بولسىمۇ يۈرگۈزەلمىسە،ئۇنىڭ ھوقۇقى بولمىغاندىن پەرقى يوق.چوڭ ھوقۇقنىڭ كاپالىتى،كىچىك ھوقۇق ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەلنىڭ يېغىندىسى! مىسال(1):ئىناۋەتمۇ بىر خىل ھوقۇق بولۇپ،ياپۇن سونى شىركىتى سودا ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،قەرەلى توشۇپ قالغان مالنى ئايرۇپىلان ياللاشتىن كىلىدىغان زور زىيانغا تەۋەككۇل قىلىپ ،خېرىدارنىڭ قولىغا مالنى ۋاختىدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق كىيىنكى پايدىغا ئاساس سالغان. مىسال(2):مىلتىقنى ھوقۇق دىسەك ،ئىككى ئوۋچى ئوخشاش مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى بارسا،بىرسى ئولجىنى كۆتۈرۈپ قايتسا،يەنە بىرى ئوۋغا يەم بولىشى مۇمكىن. مىسال(3):ئاكتىپ پوزىتسىيەنى ھوقۇق دىسەك،ئافرىقىغا ئاياق ساتقىلى بارغان ئىككى يىگىت ،بىرى قارىسا ھىچكىم ئاياق كەيمىگەندىكىن “بۇلار ئاياق كەيمىسە قانداق ئاياق ساتقىلى بولا”دەپ ئۈمىتسىز قايتىپتۇ.يەنە بىرى“بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ پۇتىدا ئاياق يوق ئىكەن،بۇ نىمدىگەن كەڭرى بازار-ھە”دەپ ، زور پايدا ئالغان ئىكەن.
ئىنساننىڭ ئۆز توغما ھوقۇقلىرىنى بىلىشى، خۇددى بىپايان دېڭىزدا يۆلىنىشنى بىلىۋالغاندەك زور ھاياتى قىممەتكە ئىگە.مەن كىم ؟مىنىڭ تۇغما ھوقۇقلىرىم قايسى؟دىگەن سۇئال دائىم قويۇلۇپ تۇرغىنى ياخشى،بۇنىڭ ئويغىنىشقا پايدىسى بار. ئۆزىنىڭ تۇغما ھوقۇقىنى تونۇش، ئۆزىنى مۆلچەرلەش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا مىڭە تەپەككۇر (ئوي-پىكىر) ھوقۇقى بىرىلگەنلىكنىڭ،قول-پۇت يۇرۇش-تۇرۇش(قانداق كىيىم كىيىش،چاچ-ساقىلىنى قانداق رەڭدە بوياش دىگەندەك)ھوقۇقىنىڭ، ئېغىز سۆزلەش ھوقۇقىنىڭ تەڭرى بەرگەن ئىجازىتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ تەكىتلىنىدىغىنى سۆزلەش ھوقۇقى بولۇپ،ئىنسان جەمىيىتى سۆز ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ،كەڭ قوساق مۇئامىلىدە بولسا ئويلىمىغان تەرەقىياتلارغا ئىرىشەلەيدۇ.ئەلۋەتتە ئويلىماي قىلغان سۆز،سۆز قىلغۇچى بىلەن قىلىنغۇچىغا مەلۇم زىيانلارنى كەلتۈرىشى مۇمكىن.بۇ دىگەنلىك،سۆز ھوقۇقىنى چەكلەشنىڭ ئۆزىگە تەڭ ئەمەس.سۆزىڭىزنىڭ كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىگى بولغان ئەڭ يامان ئاقىۋىتىنى،كۆڭلىڭىزدە قوبۇل قىلالىسىڭىز قانداق سۆزلىسىڭىز ھوقۇق سىزدە ئەلۋەتتە.
مەلۇم جەمىيەتنىڭ مەھسۇلى بولغان قانۇن، ئوي-پىكىر سوتى ئاچماسلىغى كىرەك بولىدۇ.تېخى ئىنسان مېڭىسىدە نىمىلەررنى ئويلايدىغاننى ، تەكشۈرىدىغان ئەسۋاپ مەيدانغا كەلمىدى.قانداق ئويلاش شۇ ئىنساننىڭ تەڭرى بەرگەن ھوقۇقى بولۇپ،ئوي-پىكىر ھەرقانچە يامان بولسىمۇ، مىڭىدىكى خىيالغا ھىچكىم سوت ئاچالمايدۇ.ئوي-پىكىر سۆز-ھەركەتكە ئايلىنىپ باشقىلارغا زىيان كەلتۈرسە،ئىجتىمائى قانۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى چەكلەيدۇ.ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇقلىرى دۆلەت-جەمىيەت ۋە باشقىلارغا بىۋاستە ئەمىلى زىيان كەلتۈرسە،قانۇننىڭ جازالاش فونكىتسىيىلىك رولى ھەركەتكە كىلىدۇ. ھاۋاغا ئوخشاش قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان،سۇغا ئوخشاش رەڭسىز-شەكىلسىز ،ئالەمگە ئوخشاش چەك-چىگرىسىنى بىكىتكىلى بولمايدىغان ئابىستىراكىت“زىيان”غا قانۇن جازا بىرەلمەيدۇ.جازا بەردى دىگەندىمۇ جەمىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن، “ناھەقچىلىق”دەپ قارىلىپ نارازىلىق قوزغايدۇ.
ئىنسان ئۆز قولىدىن كىلىدىغىنى بىلەن كەلمەيدىغىنىنىڭ چىگرىسىنى ئېنىق ئايرىۋالغاندىلا، بىلىق سۇدا ئەركىن ئۈزگەندەك ھاياتىنى ئەركىن پەرۋاز قىلىپ داۋاملاشتۇرالايدۇ.تەڭرىنىڭ ھوقۇقى、 ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى、 ئىنسان ھوقۇقىنىڭ چەك-چىگرىسى ئېنىق بولۇپ،بۇلارنىنىڭ پەرقىنى ئايرىماق ئانچە تەسمۇ ئەمەس.كىشىلەر ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بۇ ئۈچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئارىلاشتۇرىۋالمىسىلا،بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چىگرا دۆلەت چىگرىسىدىنمۇ ئېنىق ئايرىلغان.بىر-بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەنسىرى قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىپ ،ئىنسان قاتارلىق بارلىق جانلىقلارنىڭ ھايات ياشىمىغى تەسلىشىپ بارىدۇ. قايسىسىنىڭ تەڭرىنىڭ ھوقۇقى、قايسىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى、قايسىسىنىڭ ئىنساننىڭ ھوقۇقى ئىكەنلىگىنى ئېنىق ئايرىپ ،ئۆز ھوقۇقىنى دادىللىق بىلەن قان-تەر بەدىلىگە قوغداش ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.دۇنيا بەرپا بولغاندىن باشلاپ،ئىنىرگىيەسىز ھەركەت بولغان ئەمەس.شۇڭا ئادەم قان-تەر بەدىلى تۆلەشكە ھەرۋاقىت تەييار تۇرىشى، بۇ يولدا ئىككىلىنىپ گۇمانلىنىپ تۇرۇپ قالماسلىغى  تەڭرى بىكىتكەن قانۇنىيەتتۇر.دەل تۇغما ھوقۇق مۇقەددەس بولغانلىغى سەۋەبىدىن،جان تىكىپ ھوقۇقىنى قوغداش ھەركىتى تارىختىن بىرى قەدىرلىنىپ كەلگەن،بۇ توغرىلىق قىلىنغان ھەركەت ھەققانى ۋە يوللۇق بولۇپ ،ھەرزامان قەھرىمانلىق بىلەن مەدىھلەنگەن. ھەقىقەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ ،ھەققانى تەرەپتە تۇرغۇچى ھامان غەلىبە قىلىدۇ.بۇنىڭغا قارشىلاشقۇچى ۋاقتىنچە ھەرقانچە كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ ،ئاخىرى ھامان ھالاك ۋە مەغلۇپ بولىدۇ.
ھەرقانداق زامان-ماكان ئىنساننىڭ ئوي-پىكىر قىلىش شۇنداقلا ئىتىقات قىلىش ھوقۇقىنى ئۈنۈملىك توسالىغان ئەمەس،بۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس توسۇپمۇ قالالمايدۇ.تارىختا ئوي-پىكىر قىلىش ھوقۇقىقا، دەخلى   قىلغانلار شەرەپسىزلەرچە مەغلۇپ بولغان.بۇھەقىقەت مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، ياراتقۇچى دەسلىۋىدىلا  بىكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتتۇر.خۇددى قۇياش نۇرىنى ئىتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك،ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەت دەۋىرلىرىدە تۇغما ھوقۇق بىرمەھەل چەكلەنگەن بولسىمۇ،ئۇ تەڭرى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ئىنسان ھوقۇقى بولغانلىغى ۋەجىدىن، بۇنى چەكلىگەن زاماننىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىشتىن باشقا رولى بولمايدۇ.ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ كەڭ قوساق بولغان زامان، بەختىيار بولغان ۋە مىسلىسىز گۈللەنگەن.جۈملىدىن ھىچكىم بىراۋنىڭ يانچۇغىدىكى پۇلنى، نەگە قانداق سەرپ ئىتىشىڭىزنى چەكلىيەلىگەن ئەمەس.
“ئۆرۈلۈپ چۈشمەكچى بولغان تامنى يۆلىمە”دەيدۇ بىر دانا،دىمەكچى  زاۋاللىقنى تاللىغان ھەرقانداق كۈچنى توسۇپ قالغىلى بولماس.ئىنساننىڭ تۇغما ھوقۇقى ئەڭ ئاخىرقى چەكلەش قىزىل سىزىغى بولۇپ،ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغان ساراڭدىن باشقىسى ئاسانلىقچە بۇ يولغا كىرمەيدۇ.تاماكىنى “ئاستا خارەكتىرلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش”دەپ تۇرۇپ يەنىلا تاشلىيالمايۋاتقان بەڭگىدەك،ئىنسان تۇغما ھوقۇقىىنى ئويناپ كۆنۈپ قىلىپ شەرەپسىزلەرچە ئۆلىمىنى سېغىنىپ قالغانلار يەنىلا ئاز ئەمەسكەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 07:04 PM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104099
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-2-25
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:13:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزىدۇڭنىڭ كۆمۇلۇپ قالغان ماقالىسىدىن بىرسى تەرجىمە قىلنىپتۇ ،  كاشكى  ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالىسا ، ھە  !

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:23:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bu harbning tapakkuri digan kitab tiki bayanlarha ohxap mu kalidikan

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:25:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nahayiti asatayidil qong kur pikirlakan rahmat tima yolliguqiga

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
namrulla9 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 07:13 PM
ماۋزىدۇڭنىڭ كۆمۇلۇپ قالغان ماقالىسىدىن بىرسى تەرجىمە  ...

كۆمۈلگەن نەرسىلەر قىممەتلىك بولىدۇ.مەسىلەن :ئالتۇن،نىفىتلەرگە ئوخشاش.
كۆمۈلۈپ قالغان نەرسىلەردىن پايدىلنىشنى بىلىش ، ئاسماندىن چۈشۈشىنى ساقلاپ تۇرغاندىن كۆپ ياخشى.

قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قانداق مۇنبەر ،ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنامدۇ-يوق؟
مەن يوللىغان تىمىنى ناشقىلارنىڭ نامىدا ئىلان قىلىۋالسا قانداق بولىدۇ؟

قانۇن بىلەن ئويناشما !

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:02:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
namrulla9 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 05:13 PM
ماۋزىدۇڭنىڭ كۆمۇلۇپ قالغان ماقالىسىدىن بىرسى تەرجىمە  ...


kim mawzudung ning daydu aldidiki ikki igiz kerix suzila mawzudung ning hammisi amas بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 06:03 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:07:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، يەنى بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ھوقوق ئۇقۇمى بەزى  ھاللاردا پۇل تېپىپ باي بۇلۇش،
يانچۇقىنى چىڭداش، ئائىلىسى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا نەپ يەتكۈزۈش دەپ قارىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بەزى كىشىلەر بار ئامالى بىلەن ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101532
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-12-30
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ نامىڭىزدا تۇرمامدۇ، بىر قسىم سۆز-جۇملىلىرىڭىزنى ئاخىردا «قابىلجان»دىگەن تورداش تۇزەتكەن يېرى باركەن شۇ، يازمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، قورۇقماڭ بۇ يوللانما سىزنىڭ، ھەممىمىز بەھىر ئالىمىز خالاس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:26:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghari يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 08:07 PM
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، يەنى بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ھوقو ...

شۇنداق،كىشىلەرنىڭ ھوقۇققا بولغان تونۇشى بۇرمىلانغان ياكى بەكمۇ غۇۋا،كۆپىنچە كىشىلەر ئىستىخىيىلىك ھالدا تەپەككۇرسىز ھەركەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

قانۇن بىلەن ئويناشما !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش