مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 664|ئىنكاس: 7

2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى توغرىسدىكى ئېلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107665
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-6-12
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 04:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيەمىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانى» نىڭ (144- نومۇرلۇق) روھىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيەئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:


بىرىنچى، تىزىمغا ئالدۇرۇش


1. تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتى

1) تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار تىزىمغائالدۇرۇپ، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگەبولغانلار؛

(2) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» نى ھىمايە قىلىدىغان، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار؛

(3) تولۇق ھەق – تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگەبولغانلار؛

(4) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ياكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقاكەسىپلىرىدە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، قانۇن كەسپىي بىلىملىرىنى ھازىرلىغانلار (ئالىي مەكتەپلەردىكى باشقا كەسىپلەردىن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ قانۇن كەسپى بىلىملىرىنى ھازىرلاش دەرىجىسىگە تەلەپ بېكىتىلمىدى).

2014- يىلى شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون)لاردا تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى شەرتى كەڭرى قويۇۋېتىلىدۇ، يەنى ئالىيمەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە ئوقۇغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى مەخسۇس كۇرس بولسىمۇ بولىدۇ. كەڭرى قويۇۋېتىلگەن ئوقۇش تارىخى شەرتىگە چۈشىدىغانلار تىزىمغائالدۇرغاندا، تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ نوپۇسى ئاساس قىلىنىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغاندا نوپۇسى كەڭرى قويۇۋېتىلگەن رايونلاردا بولسا شۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولىدۇ.

قانۇن كەسپىنىڭ دائىرىسى: قانۇن، قانۇنشۇناسلىق،ئىقتىسادىي قانۇن، خەلقئارا ئىقتىسادىي قانۇن، سودا قانۇنى، جىنايى ئىشلارئەدلىيەسى، ئادۋۇكاتلىق، تۈرمە ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشنى باشقۇرۇش (بۇرۇنقى ئەمگەكبىلەن تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھەق – تەلەپ سوداقانۇنى، ئەدلىيە ياردەمچىسى، قانۇن كاتىباتلىقى، ئەدلىيە ساقچى ئىشلىرى، قانۇن ئىشلىرى، پۈتۈكچىلىك، جىنايى ئىشلار ئىجراسى، ھەق – تەلەپ ئىجراسى، مەمۇرىي ئىجرا،جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تېخنىكىسى، ئەدلىيەلىك باھالاش تېخنىكىسى، بىخەتەرلىك قوغداش تېخنىكىسى، ئەدلىيەلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئەدلىيەلىك ئۇچۇر بىخەتەرلىكى،خەلقئارالىق تامۇژنا قانۇن ئەھدىنامىسى ۋە كېلىشىمى، تەپتىش ئىشلىرى، ئىقتىسادىي قانۇن ئىشلىرى، تۈرمە باشقۇرۇش (بۇرۇنقى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش كەسپىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)، جىنايەت ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسىنى ئۆلچەش ۋە تۈزىتىش تېخنىكىسى،ئەدلىيە بوغالتىرلىقى، زەھەرگە چېتىشلىق خادىملارنى تۈزەش، قانۇن مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، مەھەللىدە تۈزەش، قوللىنىشچان قانۇن – تۈزۈم پىسخىكا تېخنىكىسى،ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش،بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ۋە كاتىباتلىق، تۈرمە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىشقاتارلىق 37 كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(5) ئەخلاق – پەزىلىتى ياخشى بولغانلار؛


ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2015- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىمتىھانغا قاتناشسابولىدۇ.

شاڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونى ۋە چەت ئەل ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇشتارىخىغا ئىگە بولغانلار ئوقۇش تارىخىنى پائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن تىزىمغائالدۇرۇپ، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.

2) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان خادىملارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ،دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان بولسا، تىزىما ئالدۇرۇشى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

(1) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، جىنايى جازاغا تارتىلغانلار؛

(2) ئىلگىرى دۆلەت ئورگىنىدىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر، ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كېنىشكىسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كېنىشكىسى كۈچتىن قالدۇرۇلغانلار؛

(3) ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ دەپ جازا بېرىلىپ ۋاقتى توشمىغانلار ياكى ئۆمۈر بويى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغاتىزىملاپ، ئىمتىھان بېرىشكە بولمايدۇ دەپ جازا بېرىلگەنلەر؛

(4) ساختا ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ياكى باشقا ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن تىزىملاتقانلار؛

3) دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، A تۈردىكى قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ياكى B تۈردىكى قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن، لېكىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغانلارنىڭ يەنە تىزىمغا ئالدۇرۇپ،دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ.


2. تىزىمغائالدۇرۇش شەكلى، ۋاقتى ۋە تەرتىپى

1) تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىمغائالدۇرۇشتا، توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلارتوردا ئۇچۇر تولدۇرۇش، ئېلېكترونلۇق سۈرەت يوللاش، ئىمتىھان ھەققى تاپشۇرۇش،ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ.

2) توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەدلىيەمىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ، (تور ئادرېسى: http://www.moj.gov.cn) توردا تىزىملىتىش تەلىپى،تەرتىپى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى بويىچە توردا تىزىملىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، تولۇقلاپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ.

ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم ئاۋام مائارىپى تىزىملىكىگى دائىرسىگە تەۋە بولغان ياكى دۆلەت مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان ئوقۇش تارىخى كېنىشكىسىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە ئالدىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تورى (تور ئادرېسى:xlcx/lscx.jsp /http://www.chsi.com.cn) غا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىككى نۇسخا بېسىپ چىقىرىشى كېرەك. بۇنى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قالسا، سالاھىيەت ئىلتىماس قىلغاندا تاپشۇرىدۇ.مۇناسىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىگەنلەر دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارئۇچۇر مەسلىھەت بېرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىدىن ئوقۇش تارىخى ئېتىراپنامىسىنى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

بۇ يىللىق سالاھىيەتكە ئىلتىماس قىلىش باسقۇچىدا دىپلومنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىۋە ئوقۇش تارىخىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ياكى ئوقۇش تارىخى ئېتىراپنامىسىنى تەمىنلىيەلمىگەنلەر، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىگە ماس كەلمىگەن دەپ قارىلىدۇ.تىزىملىتىپ ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى، ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار تىزىملاتقاندا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچەتۆت خىل يېزىقتىن بىرنى تاللاپ ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ.

بەلگىلەنگەن تىزىملاش شەرتىگە ماس كېلىدىغان، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر قىسىم ئەدلىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرىدا تىزىملاتسا بولىدۇ.


3. تىزىملىتىش تەرتىپى

رايونىمىزدىكى تىزىملاتقۇچىلار توردا تىزىملاتقاندا، تىزىملىتىش ئورنىنى«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى  XXXشەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست)» دەپ تاللىشى ھەمدە تۆۋەندىكى تىزىملىتىش تەرتىپى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

(1) ئىمتىھان ئېلانى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار،تىزىملىتىش شەرتلىرى ۋە تىزىملىتىش تەرتىپىنى ئوقۇش.

ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار تىزىملىتىدىغان تور بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن،«ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»، «تىزىملىتىش شەرتلىرى» ۋە«تىزىملىتىش تەرتىپى»نى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تىزىملىتىش سىياسەتلىرى ۋە كونكرېتنى تەلەپلەرنى ئوبدان ئىگەللەپ، تىزىملىتىشقا كېرەكلىك ھەر خىل ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ، تىزىملاش ئۇچۇرىنى ھەقىقىي، توغرا تولدۇرۇش كېرەك.

(2) تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش ۋە ئۇچۇر دەلىللەش ۋەدىنامىسى بېرىش

تىزىملاتقۇچىلار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش تەرتىپىگەكىرگەندىن كېيىن، ئۆزى ھەقىقىي، توغرا، مۇكەممەل بولغان ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشى ھەمدە ئۇچۇرلىرىنى دەلىللەشكە قارىتا مۇناسىپ ۋەدىنامە بېرىشى، ئۆزىنىڭ تىزىملىتىش شەرتىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تەييارلىشى كېرەك. ساقتا ئۇچۇر ۋە ساقتا ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تىزىملىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلار تەكشۈرۈپ بايقالسا، تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلارئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەم ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكىلىگە قاراپ مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. زۆرۈر بولغاندا تىزىملاتقۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى، مەكتىپىگە ئۇختۇرۇشقىلىنىدۇ.

(3) ئېلېكترونلۇق سۈرەت يوللاش

تىزىملاتقۇچىلار بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە چۈشىدىغان(626×413)، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە چۈشكەن رەڭلىك (قىزىل، كۆك، ئاق تەگلىك)، ئۇدۇلدىن تارتىلغان يالاڭباش كېنىشكە سۈرىتىنى يوللىشى كېرەك. سۈرەت ئېنىق، مۇكەممەل بولۇشى، PS بىرتەرەپ قىلىشتىن ئۆتمىگەن بولۇشى كېرەك.

تىزىملاتقۇچىلاريوللىغان ئېلېكترونلۇق سۈرەت ئۆزىنىڭ تىزىملىتىش جەدۋىلى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى،نەتىجە قەغىزى، قانۇن كەسپىي سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى، قانۇن كەسپى يسالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىشلىتىلىدىغان بىردىنبىر سۈرەت، شۇڭا ئۇنى ياخشى ساقلاشلازىم.

(4) ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2014 - يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا توردا ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار ئېلېكترونلۇق سۈرەتنى توردا يوللاپ بولغاندىن كېيىن، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھەق تاپشۇرغىلى بولىدۇ. رايونىمىزنىڭ ئىمتىھان ھەققى 210 يۈەن،ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا تىزىملىتىش ھەقىقىي ئاخىرلاشقان بولىدۇ. توردائىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرغاندا چوقۇم توردا پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارى بار ھەم بانكابىرلەشمىسى ئارا ئۆتىدىغان بانكا كارتىسى ئارقىلىق تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل تورداھەق تاپشۇرغىلى بولىدىغان بانكىلاردىن سودا – سانائەت بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى،قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا – ئامانەت قەرز كوپىراتىپى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەق تاپشۇرغاندا، توردىكى ئۇلىنىش بويىچە تاللىسا بولىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار توردىكى پۇل تاپشۇرۇش كۆرسەتمىسىنى ۋە ئەسكەرتمە ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ، تەرتىپ بويىچە ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ. توردا ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە بولىدۇ (تورداتىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈش ۋاقتى 5- چىسىلاغىچە بولىدۇ).

تىزىملاتقۇچىلارتوردا ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىستېما ئەسكەرتمە ئۇچۇرنى چىقىرىپ بېرىدۇ.تىزىملاتقۇچىلار ئۆزى بېكىتكەن مەخپىي نومۇرنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى لازىم. بۇ نومۇرئارقىلىق تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرۈش، نەتىجە قەغىزىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

تىزىملاتقۇچىلارپەقەت ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا توردا تىزىملىتىش ھەقىقىي ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

تىزىملاتقۇچىلارئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،تىزىملاتقۇچىلار ئۆزى تىزىملاش شەرتىگەچۈشمىگەن ياكى ئىمتىھان بېرىش ئورنىنى ئۆزگەرتكەن سەۋەبلەر بىلەن تىزىملىتىش ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتسە، تاپشۇرغان ھەق قايتۇرۇلمايدۇ.

تاپشۇرغان ئىمتىھان ھەققىگە مالىيە تالونى ئالىدىغانلار 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچەتىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا بېرىپ، كىملىك ۋەئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىگە ئاساسەن، تالون ئېلىۋالسا بولىدۇ.

(5) توردىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرۈش

2014- يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئاساسى كېنىشكىسى ۋە قوشۇمچە كېنىشكىسى دەپ ئىككى كېنىشكە بولمايدۇ. رايونىمىزدىكى بارلىق تىزىملاتقۇچىلار 9- ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىمتىھانغا قاتنىشىشكېنىشكىسى (رەڭلىك، رەڭسىز)نى چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم ئىمتىھانغاقاتنىشىش كېنىشكىسى، ئىناۋەتلىك كىملىكى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك.

تىزىملاتقۇچىلارنىڭ توردا تىزىملىتىش شارائىتى بولمىسا ياكى ئۆزلىرى توردا مەشغۇلات قىلالمىسا،ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرەلمىسە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تىزىمغائالدۇرۇش ئورنىدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ.


ئىككىنچى، ئىمتىھان


1. ئىمتىھان ۋاقتى (بېيجىڭ ۋاقتى)

2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى 9- ئاينىڭ 20-، 21- كۈنلىرى بولىدۇ. كونكرېت ۋاقتى:

بىرىنچى ئىمتىھان قەغىزى: 9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:30 دىن 11:30 غىچە،ئىمتىھان ۋاقتى 180 مىنۇت.

ئىككىنچى ئىمتىھان قەغىزى: 9- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دىن 17:00 غىچە،ئىمتىھان ۋاقتى 180 مىنۇت.

ئۈچىنچى ئىمتىھان قەغىزى: 9- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:30 دىن 11:30 غىچە،ئىمتىھان ۋاقتى 180 مىنۇت.

تۆتىنچىئىمتىھان قەغىزى: 9- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دىن 17:30 غىچە،ئىمتىھان ۋاقتى 210 مىنۇت.


2. ئىمتىھان نۇقتىسى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى، كۈيتۇن، شىخەنزە، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر،خوتەن قاتارلىق توققۇز ئىمتىھان رايونى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈرۈمچى ئىمتىھان رايونىدائىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى،قاراماي شەھىرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۈيتۇن ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھانغاقاتنىشىدۇ. قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قەشقەر ئىمتىھان رايونىدائىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.


3. ئىمتىھان مەزمۇنى، شەكلى ۋە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان دەرسلىكلەر

دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى: قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان قانۇنشۇناسلىق، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇن بەلگىلىمىلەر، قانۇن كەسپى ۋەقانۇن كەسپىي ئەخلاقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا دۆلەت بىر تۇتاش سوئال چىقىرىش شەكلى يولغا قويۇلىدۇ. سوئال چىقىرىش دائىرىسى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان «2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى تېزىسى» نى ئاساس قىلىدۇ.

2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا يېپىق، يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىش شەكلى قوللىنىلىدۇ.ئىمتىھان تۆت ئىمتىھان قەغىزىگە ئايرىلىدۇ. ھەربىر ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تولۇق نومۇرى 150 بولۇپ، تۆت ئىمتىھان قەغىزى جەمئىي 600 نومۇرلۇق. بىرىنچى، ئىككىنچى،ئۈچىنچى ئىمتىھان قەغەزلىرى كومپيۇتېردا ئوقۇيدىغان تاللاش سوئاللىرى، تۆتىنچى ئىمتىھان قەغىزى يېزىقچە جاۋاب بېرىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەر (دېلو مىساللىرى)دۇر.

ھەرقايسى ئىمتىھان قەغىزىدىكى كونكرېت دەرسلىكلەر:

بىرىنچى ئىمتىھان قەغىزى:

ئۇنىۋېرسال بىلىملەر. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى ئىلمى، قانۇنچىلىق تارىخى، ئاساسىي قانۇن، ئىقتىسادىي قانۇن، خەلقئارا قانۇن،خەلقئارا خۇسۇسىي قانۇن، خەلقئارا ئىقتىسادىي قانۇن، ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە قانۇن كەسپىي ئەخلاقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى ئىمتىھان قەغىزى:

جىنايى ئىشلارۋە مەمۇرىي قانۇن – تۈزۈم. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، مەمۇرىي قانۇن ۋە مەمۇرىي دەۋا قانۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى ئىمتىھان قەغىزى:

ھەق – تەلەپ،سودا قانۇن تۈزۈمى:

سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، ھەق – تەلەپ قانۇنى، سودا قانۇنى، ھەق – تەلەپ دەۋاقانۇنى (كېسىم تۈزۈمى) قاتارلىق مەزمۇنلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆتىنچى ئىمتىھان قەغىزى:

ئەمەلىي مىسال(دېلو مىساللىرى)نى تەھلىل قىلىش. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى،قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى ئىلمى، ئاساسىي قانۇن، مەمۇرىي قانۇن ۋە مەمۇرىي دەۋاقانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، ھەق – تەلەپ قانۇنى،سودا قانۇنى، ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئۈچىنچى.ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە سالاھىيەت بېرىش


دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا ئىمتىھان قەغىزى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تەكشۈرۈلىدۇ.

«دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش چارىسى»غا ئاساسەن، 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىنى ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئەدلىيەئىمتىھانى ئېلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

   دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا نەتىجىسىلاياقەتلىك بولۇپ، سالاھىيەت بېرىش شەرتىگە چۈشىدىغانلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن كەسپى سالاھىيىتى بېرىپ، «قانۇن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى»نى تارقىتىپ بېرىدۇ.

نوپۇسى ئوقۇشتارىخى كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان رايونلاردىكى تىزىملاتقۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغاندا كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار B ياكى Cتۈردىكى قانۇن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، چوقۇم نوپۇس تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرىدۇ.

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2015- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلىرى 2015- يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى نەتىجە قەغىزى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىغا قانۇن كەسپىي سالاھىيىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.


تۆتىنچى.ئىمتىھان ئىنتىزامى ۋە تەلەپلىرى


ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى، ئىناۋەتلىك كىملىكىنى چوقۇم بىللەئېلىپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشى لازىم. ئەگەر ئېلىپ كىرگەن كېنىشكىلىرى ياكى ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار توردا تىزىملاتقان ئۇچۇر بىلەن بىردەك بولمىسا، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئىمتىھان بېرىش قائىدىسى»نى ئەستايىدىل،تەپسىلىي ئوقۇشى لازىم. ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەر بويىچە سىزىقلىق كودنى چاپلىشى ۋە بويىشى لازىم (ئەگەر كود بولمىسا چاپلىمايدۇ). ئىمتىھان بەرگۈچىلەر«دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئىمتىھان ئىنتىزامى ۋە ئىمتىھانتەرتىپىگە بويسۇنۇشى لازىم.

ئىمتىھان ئىستىلى ۋە ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە كۆچۈرۈش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىل رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا كۆپ خىل ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىش ۋە كۆچۈرۈشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، باپباراۋەر ئىمتىھان بېرىش مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاڭلىق ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە ئىمتىھان تۈزۈمىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈزگەن «دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئىنتىزامغاخىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشقا، كەلتۈرگەن ئاقىۋىتىگە قاراپ ئېغىزچە ئاگاھلاندۇرۇش،ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇش ھەمدە شۇ مەيداندىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىكار قىلىش، شۇ يىلقى ئەدلىيە ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىكار قىلىش، ئىككى يىل ياكى ئۆمۈرلۈك دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى بېرىشنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزغانلارنى ج خ تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچەسۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىغا ياكى تۇرۇشلۇق ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.


بەشىنچى. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى


دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا چېتىشلىق ئىشلار بولسىلا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتلىك ئەدلىيەئىمتىھانى ئىشخانىسى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك ئەدلىيە ئىدارىسىغاتېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

1.  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئىشخانىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى:

0991 – 2356099,  2336585,2356097

2. ھەرقايسى ئىمتىھانغاتىزىملاش ئورۇنلىرىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفون نومۇرى:



  

تىزىمغا  ئالدۇرۇش ئورنى

  

ئالاقىلىشىش  تېلېفون نومۇرى



ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى



0999 ─ 8233226



ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0991 ─ 2322045, 2828044



سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى



0994 ─ 2351904



شىخەنزە شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0993 ─ 2912275, 2912276



قاراماي شەھەرلىك ئەدلىيە ئىداىسى



0990 ─ 6234160



بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى



0909 ─ 2314042



تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0901 ─ 6223733



تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0995 ─ 8522566



قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0902 ─ 2230012



ئالتاي ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0906 ─ 2125820, 2132250



بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى



0996 ─ 2027260, 2033544



ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0997 ─ 2283192



قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى



0908 ─ 4230810



قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0998 ─ 2652469



خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0903 ─ 2022025



كۈيتۇن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى



0992 ─ 3234433




تورداتىزىملىتىش مەشغۇلاتىدا مەسىلە كۆرۈلسە، شىننو رەقەملىك پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

تېلېفون نومۇرى:  88177422 ، 88177421  ─ 010

مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت ۋاقتى: ھەر كۈنى8:00 دىن 22:00 گىچە.

ئەدلىيەئىمتىھانى توردا ھەق تۆلەشتە مەسىلە كۆرۈلسە، ھەرقايسى بانكىلارغا تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

سودا – سانائەت بانكىسى : 95588

قۇرۇلۇش بانكىسى : 95533

جۇڭگو بانكىسى: 95566


ئالتىنچى.مەسلىھەت سوراش تور بېكەتلىرى

خەنزۇچە تور نامى (中华人民共和国司法部) تورى

ئېنگلىزچە تور نامى: http://www.moj.gov.cn

خەنزۇچە تور نامى (新疆司法行政) تورى

ئېنگلىزچە تور نامى: http://www.xjsft.gov.cn


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى


2014-يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   231kaysar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 04:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 05:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2014-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى ئېلانى



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى توغرىسدىكى ئېلان

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلانى» نىڭ (144- نومۇرلۇق) روھىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز:

بىرىنچى، تىزىمغا ئالدۇرۇش:

. تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتى

تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار تىزىمغا ئالدۇرۇپ، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ

1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغانلار؛

2) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» نى ھىمايە قىلىدىغان، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار؛

3) تولۇق ھەق – تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلار؛  I4 a, g( _' `
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ياكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقا كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، قانۇن كەسپىي بىلىملىرىنى ھازىرلىغانلار (ئالىي مەكتەپلەردىكى باشقا كەسىپلەردىن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ قانۇن كەسپى بىلىملىرىنى ھازىرلاش دەرىجىسىگە تەلەپ بېكىتىلمىدى).! }8 H. O& p& J! t, e
2014-يىلى شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون) لاردا تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى شەرتى كەڭرى قويۇۋېتىلىدۇ، يەنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە ئوقۇغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى مەخسۇس كۇرس بولسىمۇ بولىدۇ. كەڭرى قويۇۋېتىلگەن ئوقۇش تارىخى شەرتىگە چۈشىدىغانلار تىزىمغا ئالدۇرغاندا، تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ نوپۇسى ئاساس قىلىنىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغاندا نوپۇسى كەڭرى قويۇۋېتىلگەن رايونلاردا بولسا شۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولىدۇ

قانۇن كەسپىنىڭ دائىرىسى: قانۇن، قانۇنشۇناسلىق، ئىقتىسادىي قانۇن، خەلقئارا ئىقتىسادىي قانۇن، سودا قانۇنى، جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى، ئادۋۇكاتلىق، تۈرمە ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشنى باشقۇرۇش (بۇرۇنقى ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھەق – تەلەپ سودا قانۇنى، ئەدلىيە ياردەمچىسى، قانۇن كاتىباتلىقى، ئەدلىيە ساقچى ئىشلىرى، قانۇن ئىشلىرى، پۈتۈكچىلىك، جىنايى ئىشلار ئىجراسى، ھەق – تەلەپ ئىجراسى، مەمۇرىي ئىجرا، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تېخنىكىسى، ئەدلىيەلىك باھالاش تېخنىكىسى، بىخەتەرلىك قوغداش تېخنىكىسى، ئەدلىيەلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئەدلىيەلىك ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، خەلقئارالىق تامۇژنا قانۇن ئەھدىنامىسى ۋە كېلىشىمى، تەپتىش ئىشلىرى، ئىقتىسادىي قانۇن ئىشلىرى، تۈرمە باشقۇرۇش (بۇرۇنقى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش كەسپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جىنايەت ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسىنى ئۆلچەش ۋە تۈزىتىش تېخنىكىسى، ئەدلىيە بوغالتىرلىقى، زەھەرگە چېتىشلىق خادىملارنى تۈزەش، قانۇن مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، مەھەللىدە تۈزەش، قوللىنىشچان قانۇن – تۈزۈم پىسخىكا تېخنىكىسى، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ۋە كاتىباتلىق، تۈرمە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئۇنى قوللىنىش قاتارلىق 37 كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

5) ئەخلاق – پەزىلىتى ياخشى بولغانلار؛

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2015- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ.
 شاڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونى ۋە چەت ئەل ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئوقۇش تارىخىنى پائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ

2. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان خادىملارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان بولسا، تىزىما ئالدۇرۇشى ئىناۋەتسىز بولىدۇ،

1) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، جىنايى جازاغا تارتىلغانلار؛

2) ئىلگىرى دۆلەت ئورگىنىدىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر، ئادۋۇكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كېنىشكىسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كېنىشكىسى كۈچتىن قالدۇرۇلغانلار،

3) ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا بولمايدۇ دەپ جازا بېرىلىپ ۋاقتى توشمىغانلار ياكى ئۆمۈر بويى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاپ، ئىمتىھان بېرىشكە بولمايدۇ دەپ جازا بېرىلگەنلەر؛
4)ساختا ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ياكى باشقا ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن تىزىملاتقانلار؛

3.دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، A تۈردىكى قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ياكى B تۈردىكى قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن، لېكىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغانلارنىڭ يەنە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ؛

 2. تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى، ۋاقتى ۋە تەرتىپى

 1) تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشتا، توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار توردا ئۇچۇر تولدۇرۇش، ئېلېكترونلۇق سۈرەت يوللاش، ئىمتىھان ھەققى تاپشۇرۇش، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئۆزى ئېلىپ بارىدۇ.

2) توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە بولىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ، (تور ئادرېسى: http://www.moj.gov.cn) توردا تىزىملىتىش تەلىپى، تەرتىپى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى بويىچە توردا تىزىملىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، تولۇقلاپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ.(يەنەبىر ئادىرسى:http://exam.crm.cn/EXAMSF/public/index.jsp)

ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم ئاۋام مائارىپى تىزىملىكىگى دائىرسىگە تەۋە بولغان ياكى دۆلەت مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان ئوقۇش تارىخى كېنىشكىسىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە ئالدىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تورى (تور ئادرېسى:xlcx/lscx.jsp /http://www.chsi.com.cn) غا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىككى نۇسخا بېسىپ چىقىرىشى كېرەك. بۇنى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قالسا، سالاھىيەت ئىلتىماس قىلغاندا تاپشۇرىدۇ. مۇناسىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىگەنلەر دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر مەسلىھەت بېرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىدىن ئوقۇش تارىخى ئېتىراپنامىسىنى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
 بۇ يىللىق سالاھىيەتكە ئىلتىماس قىلىش باسقۇچىدا دىپلومنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە ئوقۇش تارىخىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ياكى ئوقۇش تارىخى ئېتىراپنامىسىنى تەمىنلىيەلمىگەنلەر، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىگە ماس كەلمىگەن دەپ قارىلىدۇ. تىزىملىتىپ ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى، ئىمتىھان نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار تىزىملاتقاندا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتىن بىرنى تاللاپ ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ

بەلگىلەنگەن تىزىملاش شەرتىگە ماس كېلىدىغان، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر قىسىم ئەدلىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرىدا تىزىملاتسا بولىدۇ

 3. تىزىملىتىش تەرتىپى

رايونىمىزدىكى تىزىملاتقۇچىلار توردا تىزىملاتقاندا، تىزىملىتىش ئورنىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى  XXXشەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست)» دەپ تاللىشى ھەمدە تۆۋەندىكى تىزىملىتىش تەرتىپى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

1) ئىمتىھان ئېلانى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، تىزىملىتىش شەرتلىرى ۋە تىزىملىتىش تەرتىپىنى ئوقۇش.. ^5 }9 A. y" ~3 X8 g: y0 f! C
 ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار تىزىملىتىدىغان تور بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن، «ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»، «تىزىملىتىش شەرتلىرى» ۋە «تىزىملىتىش تەرتىپى»نى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تىزىملىتىش سىياسەتلىرى ۋە كونكرېتنى تەلەپلەرنى ئوبدان ئىگەللەپ، تىزىملىتىشقا كېرەكلىك ھەر خىل ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ، تىزىملاش ئۇچۇرىنى ھەقىقىي، توغرا تولدۇرۇش كېرەك.

2) تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش ۋە ئۇچۇر دەلىللەش ۋەدىنامىسى بېرىش
\تىزىملاتقۇچىلار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆزى ھەقىقىي، توغرا، مۇكەممەل بولغان ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشى ھەمدە ئۇچۇرلىرىنى دەلىللەشكە قارىتا مۇناسىپ ۋەدىنامە بېرىشى، ئۆزىنىڭ تىزىملىتىش شەرتىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تەييارلىشى كېرەك. ساقتا ئۇچۇر ۋە ساقتا ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تىزىملىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلار تەكشۈرۈپ بايقالسا، تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلار ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ھەم ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكىلىگە قاراپ مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. زۆرۈر بولغاندا تىزىملاتقۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى، مەكتىپىگە ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ.

3) ئېلېكترونلۇق سۈرەت يوللاش
  تىزىملاتقۇچىلار بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە چۈشىدىغان )626×413)، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە چۈشكەن رەڭلىك (قىزىل، كۆك، ئاق تەگلىك)، ئۇدۇلدىن تارتىلغان يالاڭباش كېنىشكە سۈرىتىنى يوللىشى كېرەك. سۈرەت ئېنىق، مۇكەممەل بولۇشى، PS بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتمىگەن بولۇشى كېرەك

تىزىملاتقۇچىلار يوللىغان ئېلېكترونلۇق سۈرەت ئۆزىنىڭ تىزىملىتىش جەدۋىلى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى، نەتىجە قەغىزى، قانۇن كەسپىي سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى، قانۇن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىشلىتىلىدىغان بىردىنبىر سۈرەت، شۇڭا ئۇنى ياخشى ساقلاش لازىم.# m, M& D. C  f9 q& U# _
4)ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2014 - يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا توردا ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار ئېلېكترونلۇق سۈرەتنى توردا يوللاپ بولغاندىن كېيىن، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھەق تاپشۇرغىلى بولىدۇ. رايونىمىزنىڭ ئىمتىھان ھەققى 210 يۈەن، ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا تىزىملىتىش ھەقىقىي ئاخىرلاشقان بولىدۇ. توردا ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرغاندا چوقۇم توردا پۇل تاپشۇرۇش ئىقتىدارى بار ھەم بانكا بىرلەشمىسى ئارا ئۆتىدىغان بانكا كارتىسى ئارقىلىق تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل توردا ھەق تاپشۇرغىلى بولىدىغان بانكىلاردىن سودا – سانائەت بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا – ئامانەت قەرز كوپىراتىپى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەق تاپشۇرغاندا، توردىكى ئۇلىنىش بويىچە تاللىسا بولىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار توردىكى پۇل تاپشۇرۇش كۆرسەتمىسىنى ۋە ئەسكەرتمە ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ، تەرتىپ بويىچە ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ. توردا ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە بولىدۇ (توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈش ۋاقتى 5- چىسىلاغىچە بولىدۇ).
 تىزىملاتقۇچىلار توردا ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىستېما ئەسكەرتمە ئۇچۇرنى چىقىرىپ بېرىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار ئۆزى بېكىتكەن مەخپىي نومۇرنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى لازىم. بۇ نومۇر ئارقىلىق تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرۈش، نەتىجە قەغىزىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

تىزىملاتقۇچىلار پەقەت ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا توردا تىزىملىتىش ھەقىقىي ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
 تىزىملاتقۇچىلار ئىمتىھان ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،تىزىملاتقۇچىلار ئۆزى تىزىملاش شەرتىگە چۈشمىگەن ياكى ئىمتىھان بېرىش ئورنىنى ئۆزگەرتكەن سەۋەبلەر بىلەن تىزىملىتىش ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتسە، تاپشۇرغان ھەق قايتۇرۇلمايدۇ.

تاپشۇرغان ئىمتىھان ھەققىگە مالىيە تالونى ئالىدىغانلار 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا بېرىپ، كىملىك ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىگە ئاساسەن، تالون ئېلىۋالسا بولىدۇ.
5) توردىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرش

2014- يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئاساسى كېنىشكىسى ۋە قوشۇمچە كېنىشكىسى دەپ ئىككى كېنىشكە بولمايدۇ. رايونىمىزدىكى بارلىق تىزىملاتقۇچىلار 9- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى (رەڭلىك، رەڭسىز)نى چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى، ئىناۋەتلىك كىملىكى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك.
 تىزىملاتقۇچىلارنىڭ توردا تىزىملىتىش شارائىتى بولمىسا ياكى ئۆزلىرى توردا مەشغۇلات قىلالمىسا، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرەلمىسە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ

ئىمتىھان نۇقتىسى:

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى، كۈيتۇن، شىخەنزە، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق توققۇز ئىمتىھان رايونى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈرۈمچى ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، قاراماي شەھىرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كۈيتۇن ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قەشقەر ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.

ئىمتىھان مەزمۇنى، شەكلى ۋە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان دەرسلىىكلەر

دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى: قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان قانۇنشۇناسلىق، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇن بەلگىلىمىلەر، قانۇن كەسپى ۋە قانۇن كەسپىي ئەخلاقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا دۆلەت بىر تۇتاش سوئال چىقىرىش شەكلى يولغا قويۇلىدۇ. سوئال چىقىرىش دائىرىسى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان «2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى تېزىسى» نى ئاساس قىلىدۇ.
2014-يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا يېپىق، يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىش شەكلى قوللىنىلىدۇ. ئىمتىھان تۆت ئىمتىھان قەغىزىگە ئايرىلىدۇ. ھەربىر ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تولۇق نومۇرى 150 بولۇپ، تۆت ئىمتىھان قەغىزى جەمئىي 600 نومۇرلۇق. بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئىمتىھان قەغەزلىرى كومپيۇتېردا ئوقۇيدىغان تاللاش سوئاللىرى، تۆتىنچى ئىمتىھان قەغىزى يېزىقچە جاۋاب بېرىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەر (دېلو مىساللىرى)دۇر.
 ھەرقايسى ئىمتىھان قەغىزىدىكى كونكرېت دەرسلىكلەر

بىرىنچى ئىمتىھان قەغىزى:

ئۇنىۋېرسال بىلىملەر. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى ئىلمى، قانۇنچىلىق تارىخى، ئاساسىي قانۇن، ئىقتىسادىي قانۇن، خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا خۇسۇسىي قانۇن، خەلقئارا ئىقتىسادىي قانۇن، ئەدلىيە تۈزۈمى ۋە قانۇن كەسپىي ئەخلاقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى ئىمتىھان قەغىزى:

جىنايى ئىشلار ۋە مەمۇرىي قانۇن – تۈزۈم. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، مەمۇرىي قانۇن ۋە مەمۇرىي دەۋا قانۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ئۈچىنچى ئىمتىھان قەغىزى:
 ھەق – تەلەپ، سودا قانۇن تۈزۈمى:
سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، ھەق – تەلەپ قانۇنى، سودا قانۇنى، ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنى (كېسىم تۈزۈمى) قاتارلىق مەزمۇنلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

تۆتىنچى ئىمتىھان قەغىزى:

   ئەمەلىي مىسال (دېلو مىساللىرى)نى تەھلىل قىلىش. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى ئىلمى، ئاساسىي قانۇن، مەمۇرىي قانۇن ۋە مەمۇرىي دەۋا قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، ھەق – تەلەپ قانۇنى، سودا قانۇنى، ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نوپۇسى ئوقۇش تارىخى كەڭ قويۇۋېتىلىدىغان رايونلاردىكى تىزىملاتقۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغاندا كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار B ياكى C تۈردىكى قانۇن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، چوقۇم نوپۇس تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرىدۇ.
  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2015- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلىرى 2015- يىلى 7-ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن 2014- يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى نەتىجە قەغىزى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىغا قانۇن كەسپىي سالاھىيىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدىلىيە نازارىتى




قانۇن بىلەن ئويناشما !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3926
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 05:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83001
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3112
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 08:48:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي، رەھمەت سىزگە.

ئېقىم تور ئەسەرلىرى http://eqim.net/

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 01:19:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى يوقىرى بولغان سۇئال- جاۋاپلار توپلانمىسى  ئالاقىلىشىپ بېقىڭلار...........

http://www.0997elan.com/herida/kitap/


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49694
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 04:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاراكتىكا ئۇقۇغۇچىلرمۇ تىزىملاتسا بۇلامدۇ ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49694
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 04:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاراكتىكا ئۇقۇغۇچىلارمۇ تىزىملاتسا بۇلامدۇ ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107665
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-6-12
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 12:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baxkomissar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-17 04:22 PM
پاراكتىكا ئۇقۇغۇچىلارمۇ تىزىملاتسا بۇلامدۇ ؟؟

سىز قانداق پىراكتىكانىت ئوقۇغۇچىنى دىمەكچى؟  2652469 غا تىلىفۇن قىلىڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش