سالام دەپ كەلدىم
(يۇرتتىن ئايرىلىپ سىرىتتا يۈرگەن يۈرەكنىڭ، يۇرتىنى سىغىنىش نىداسى)
كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن تۇپراق، ئەزىز يۇرتقا سالام دەپ كەلدىم. تالاي يىللار سىغىندىم سىنى، يۇرت مېھرىگە قاناي دەپ كەلدىم.
سەندە ئۆتكەن سەبى چاغلىرىم، بالىلىغىم تاپاي دەپ كەلدىم. ئاتا-ئانام تۇپرىغى سەندە، يۇرگىمنى ياقاي دەپ كەلدىم.
ئۆزگى يۇرتتا بولۇپ مۇساپىر، چەكتىم نۇرغۇن جەۋرۇ-جاپانى. ھيىت-ئايەملەر ئۆتتى ماتەمدەك، سەندە ساما سالاي دەپ كەلدىم.
بالىلىقتا بىرگە ئوينىغان، قىنى دوستلار تاپاي دەپ كەلدىم. ئەشۇ ئەزىز دوستلۇرۇم بىرگە، توي مەشرىۋى قۇراي دەپ كەلدىم.
ھاۋادىكى قۇشلارمۇ ئۇچسا، چارچىغاندا يەرگە قوناركەن. مەنمۇ ئۇچۇپ چارچىدىم بۈگۈن، سىنى قونداق بولار دەپ كەلدىم.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم. مەزمۇننى باشقا تور بەتلەرگە يۈتكىمەڭ!!
2014-يىلى6-ئاينىڭ10-كۈنى(سەيشەنبە) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wisal214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 10:45 AM
|