مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2307|ئىنكاس: 16

(bilgejan) تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئىلىم-پەندىكى ئورنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2088 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 09:50:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىلىم-پەندە تۇتقان ئورنى قانداق؟

بىلگەجان


بۇ تېما ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تورداش نورھۇننىڭ «بىلگەجاندىن سوئال سوراپ باقىلى» دېگەن تېمىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش مەقسىتىدە تەييارلاندى ۋە مۇشۇ جاۋابتىكى مەزمۇنلار ئۈستىدە مۇنازىرە ئىلىپ بېرىلىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى.

============================================
بىلگەجان سىز مۇشۇ تەدىرىجى تەرەقىيات نەزىريىسىگە قانداق قارايسىز؟ ئادەملەر مايمۇندىن تەرەقى قىلغان دىگەن بۇ نەزىريە ھازىر ئىلىم پەن تەرەقى قىلغان ئەللەردە پۇت دەسسەپ تۇرۋاتامدۇ؟ ئىتىقاد مەسىلىدە  بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ھاۋا ئانىمىزنىڭ پەرزەتلىرى دەپ بىلىمىز. لىكىن ئىلىم پەندە بۇنىڭغا دائىر قانچىلىك دەلىل ئىسپات بار؟ ئىلىم پەن تەرپىدىن ئىسپاتلانغانلىرى قانچىلىك؟ مۇشۇ توغرلۇق ماڭا قانائەتلىك جاۋاپ بەرسىڭىز دىگەن ئۇمۇددىمەن.
============================================
سالام نورھۇن،

سوئالىڭىزغا ھېچبولمىسا بىر-نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ جاۋاب يېزىش زۆرۈر بولغاچقا، ھەپتە ئىچىدىكى ئالدىراش ۋاقىت جەدىۋىلىمدىن بۇنچىلىك كۆپ ۋاقىت چىقارغۇدەك پۇرسىتىم بولماي قالدى، مانا ئەمدى ھەپتە ئاخىرىدا گەرچە يەنە بىر مۇنچە ئىشلار مېنى كۈتۈپ تۇرغان بولسىمۇ بۇ سوئاللارنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قىزىقىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قۇربىم يېتىشىچە بىلگەنلىرىمنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي دەيمەن. شۇغىنىسى، تېخى ئاخىرىنى چىقىرىپ بولالمىغان بىر قانچە تېمىلىرىمدا ئوقۇرمەنلىرىمنى ساقلىتىۋاتقان ئەھۋالدا، ئەسلىدە چوڭ ھەجىملىك بىر ماقالە يېزىشقا تىگىشلىك بولغان بۇ چوڭ سوئالغا جاۋاب بېرىشتە مەن ھازىرچە قىسقىچە توختىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن.  يەنە بىرى، سىز سوئالىڭىزنى ناھايىتى تومتاق ۋە سوئالنىڭ ئۆزىدىلا توغرا بولمىغان ئۇقۇملار ئىشلەتكەنلىڭىز ئۈچۈن مەن بۇ سوئاللارنى يۇغۇرۇپ بىرلا سوئال قىلىپ شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىمەن. يەنى «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىلىم-پەندە تۇتقان ئورنى قانداق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىمەن. باشقا ئىلمىي پاكىتلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سىز ھېچبولمىغاندا «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى» نى ئوقۇغان بولۇشىڭىز، زامانىۋى گېنتىكا ۋە مولىكۇلا بىئولوگىيىسى، بىئولوگىيىلىك كۆپ-خىللىق قاتارلىق پەنلەردىن دەسلەپكى ساۋاتلارغا ئىگە بولغان بولۇشىڭىز كېرەك. سوئاللىرىڭىز ئىچىدە «ئادەملەر مايمۇندىن تەرەققىي قىلغان دېگەن بۇ نەزەرىيە» دېگەندە، سىز «ئادەملەر بىلەن مايمۇنلار ئەڭ يېقىن ئورتاق ئەجدادتىن كەلگەن» دېگەن چۈشەنچىنى دېمەكچى ئوخشايسىز. بىزنىڭ ھاۋا ئانىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە ئىلىم-پەندىكى پاكىتلارنى سواپسىز، بۇ سوئالىڭىز «مىليون دوللارلىق سوئال» بولۇپ ئالىملار تا ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە، بۇنىڭ جاۋابىنى كىم تاپالىسا شۇ دۇنياۋى داڭلىق ئالىم بولىدۇ دېگەن گەپ.

بۇ يەردە نېگىزلىك سورىلىۋاتقان سوئال بولسا كىشىلەر بىر قەدەر زىل مۇئامىلە قىلىدىغان، دۇنيادا كۆپ خىل قاراشلار، تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت بولۇۋاتقان ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىلىم-پەن بىلەن دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قاراشلىرىدا بىر قەدەر چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت بولغان (ياكى خاتا ھالدا شۇنداق دەپ قارىلىدىغان؟) «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» مەسىلىسى بولۇپ، تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىمۇ بۇ نۇقتىلار ئاللىقاچان ئەكىس ئېتىپتۇ. مەن بىر بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى بولغانلىقىم تۈپەيلى بىر قىسىم تورداشلار مېنىڭ دىننىي پىكىرلەرگە قارىمۇ-قارشى گەپلەرنى قىلىپ سېلىپ توردىكىلەرنىڭ ئىزا-ئاھانىتىگە ئۇچرىشىمدىن ئەنسىرەپ مېنى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەسلىككە دەۋەتمۇ قىپتۇ، شۇ ياخشى كۆڭۈللۈك تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەردىن بەكمۇ تەسىرلەندىم، شۇ سۆزلىرىڭلار مەن ئۈچۈن بەكلا قىممەتلىك… مېنىڭ نەزىرىمدە ھەممىمىز بىر قېرىنداش ھەم كۆڭلىمىزدىكىنى ئەينەن چۈشۈندۈرۈپ بېرەلىگۈدەك پاساھەتلىك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساھىبلىرى بولغاندىكىن بەزىبىر زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنىمۇ سوغۇققان پوزىتسىيەدە پاراڭلىشالىشىمىز كېرەك، بۇرۇن قىلالمىغان بولسا ئەمدى قىلالىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىز قاچانغىچە بىر-بىرىمىزگە شۇنچىلىك ئوخشاپ كېتىدىغان، پەقەت ئاز قىسىم قاراشلىرىمىزدا پەرقلىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئادەملىرى تۇرۇقلۇق ياقا ئېلىشماي تۇرۇپ سوغۇققان مۇنازىرە ئىلىپ بارالمايمىز؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن. مەنچە بىز ئىلمىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي يوسۇندا، كىشىگە ئەمەس دېيىلىۋاتقان گەپكە قارىتا سىستىملىق ۋە پاكىتلىق پىكىر قىلىشنى سىناپ باقىدىغان يەرگە كەلدۇق. ھېلىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرماي، ھېلى قايسىبىر چىقمىغان ئەيدىزنى سەللىمازا قىلغۇچى دورىلار، قانداقتۇر بانانغا ئۇرۇلغان ئەيدىز ۋىرۇسى، يەنە ئاللىقانداق چوشقىدىن چاڭلاشقان قوينىڭ گۆشى… دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ ياكى تەشۋىشلىنىپ كەلدۇق. پەقەت قېرىنداشلىق مېھرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي ھاقارەتتىن خالىي پىكىر قىلساقلا بۇنداق ئىلمىي مۇنازىرىلەردىن ھەممىمىز نەپ ئالالايمىز.




دېمەك، گەپ دۇنياغا مەشھۇر «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» ئۈستىدە بولىدۇ. مەيلى «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» بولسۇن ياكى باشقا نەزەرىيىلەر بولسۇن، بىز بىر مەسىلىگە باھا بېرىشتىن بۇرۇن شۇ ئوبىيكىت ئۈستىدە مەلۇم پاكىتلىق بىلىملەرگە ئىگە بولۇشىمىز زۆرۈر. بۇ گەپ دېيىلىشكە ئاددىيدەك تۇيۇلغان بىلەن پەقەت پەنني ئومۇملاشتۇرۇشتا بىر قەدەر ئارقىدا قالغان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى بىر قەدەر ئەقلىيلەشكەن ۋە كىشىلەرنىڭ ئىلمىي ساۋاتلاردىن خەۋەردار بولۇش نېسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ يۇقىرىدىكى گەپ تېخى رىئاللىققا ئايلانمىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قايسى بىر يەرلەردىن ئاڭلىۋالغانلىرىنى پاكىت دەپ چۈشىنىدۇ ياكى كىمدۇر بىرى پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويماي تۇرۇپ ئېيتقان گەپلەرگىمۇ ئەگىشىدۇ ۋە تېخى باشقىلارغىمۇ خاتاسىنى يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى ئەتراپىمىزدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىمۇ بۇنداق ئىشلار ساماندەك تولۇپ تۇرىدۇ. ئاددىي مىسال ئالسام، ئامېرىكىلىقلار كۈنىگە ھەر خىل ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋىتامىنلار ئۇلارنى كېسەلدىن خالىي قىلىشتا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رولى بار، دەپ ئىشىنىدۇ. بۇنىڭغا دەسلەپتە بىر قىسىم ئالىملارمۇ ئېنىق پاكىتسىز، ۋىتامىنلار دېگەن ياخشى نەرسىلەر بولغاندىكىن دەپ ئويلاپلا دەل شۇنى ئىسپاتلايدىغان سانلىق مەلۇماتلىق پاكىتلارنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئىشىنىپ كەتكەن ۋە شۇنداق تەشۋىق قىلغان. باشقا كىشىلەرمۇ يىللاردىن بېرى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ۋېتامىنلارنى ئىستىمال قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى ئەمەلىي كىلىنىكىلىق سىناقلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىتامنلار كەم بولسا تولۇقلاشنىڭ پايدىسى بارلىقى، ۋىتامىن كەملىكى كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كۈندە ۋىتامىن يېيىشنىڭ ساغلاملىققا ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقى، ئەكسىچە كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەزى ۋىتامىنلارنىڭ (مەسىلەن ۋىتامىن E) زېيىنى بارلىقى ئىسپاتلانغان(پايدىلىنىش ماتىرىيالى 1-3 كە قاراڭ). ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا بۇ قاراش ئوتتورىغا قويۇلغاندىن كىيىن مىليارد دوللارلىق ۋىتامن ساتىدىغان شىركەتلەر ئۈچۈن پايدا ئالغىنى ئالغان بولغان، ئەمما ۋىتامىنلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولىدىغان دەۋىر بەلكىم ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار تۇغۇلمىغان بوۋاققا مۇزىكا قويۇپ بېرىش ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ بوۋاقنىڭ مېڭە تەرەققىياتى ۋە ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقى، ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا زور پايدىسى بار دەپ قارايدۇ ۋە بەزى كىشىلەر شۇنداق قىلىشىدۇ. ئەمما بۇنىڭمۇ پەقەت ئانا مۇزىكا ئاڭلىغاندا بالىنىڭ يۈرەك رېتىمىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سانلىق مەلۇماتلىق پاكىتنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق باشقا ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئېرىشىلگەن پاكىت يوق بولۇپ، بۇمۇ كىشىلەرنىڭ كۆپتۈرۈشىدىن كىلىپ چىققان. تۇغۇلمىغان بالىغا مۇزىكا قويۇپ بېرىشنىڭ كەلگۈسىدە راستىنلا شۇنداق پايدىلىرى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنى تامامەن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمىسىمۇ ھازىرغىچە بىلىنگەن پاكىتلاردىن بۇنداق ئىلمىي خۇلاسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. دېمەكچى، كىشىلەرنىڭ ئىلىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سۇبىيكتىپ خىيالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پاكىتسىز گەپلەرگە ئىشىنىۋىلىشى ياكى بىر قىسىم ئالىملارنىڭ ئېرىشكەن سانلىق مەلۇمات نەتىجىلىرىنى چۈشىنىشتە ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ تەھلىل قىلىشى بىلەن كىشىلەرگە خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىدىن كىلىپ چىققان. ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسى شۇكى، بىز ئېنىق پاكىتى بار-يوقلۇقىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە ئالدى بىلەن گۇمانىي قاراشتا بولۇپ، ئاندىن گۇمانىمىزنى يوقىتىدىغان پاكىت بارلىقى مەلۇم بولغاندا شۇ پاكىت قوللىغان قاراشقا گۇمانسىز ئىشەنسەكمۇ كېچىكمەيمىز.

بۇ گەپلەر ئوقۇرمەنلەرگە بەلكىم ئەسلىدىكى سوئالغا مۇناسىۋەتسىز پاراڭلاردەك تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» دەل دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە خاتا چۈشىنىپ قىلىنغان بىر نەزەرىيە بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىپ قىلىشنىڭ بىر ئۇنىۋىرسال ھادىسە ئىكەنلىكى ھەمدە بىزنىڭ مەسىلىلەرگە ئىمكانقەدەر تەنقىدى مۇئامىلىدە بولۇپ ئىلمىي پاكىتلارغا ئەھمىيەت بېرىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش يۈزسىدىن يۇقىرىدىكى بايانلارنى قىستۇردۇم.
================================================ شۇنىسى ئېنىق بولۇپ كەتسۇنكى، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار پەقەت دارۋىننىڭ قاراشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېرىلگەن باھالار بولۇپ، بىلگەجاننىڭ قارىشىغا ۋەكىللىق قىلمايدۇ. تۆۋەندە پەقەت «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىلىم-پەندە تۇتقان ئورنى قانداق؟» دېگەن سوئالغا ئەمەلىيەتتە بار بولغان ئىلمىي پاكىتلار ۋە بىئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئەمەلىيىتى چىقىش قىلىپ، بار بولغان پاكىتلار يەتكۈزۈلىدۇ. ئاستىدىكى مەزمۇنلار ئامېرىكىدىكى بىئولوگىيە ساھەسىدە دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى-بېركلىي قۇرغان مەخسۇس تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئۈستىدىكى ئىلمىي پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى ۋە ۋىكىپىدىيادىكى پەقەت ئىلمىي ماقالىلەردىن نەقىل ئىلىنغان بايانلارنى ئاساس قىلغان قىسمىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.
http://evolution.berkeley.edu/evolibrary/home.php
http://en.wikipedia.org/wiki/Evolution

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى دېيىلسە كىشىلەر ئالدى بىلەن ئەنگىلىيە ئالىمى چارلىز دارۋىن ۋە ئۇنىڭ «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى» ناملىق مەشھۇر كىتابىنى ئەسكە ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، چارلىز دارۋىن 1859-يىلى «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى» نى ئېلان قىلغاندا، «تەدرىجىي تەرەققىيات، evolution» دېگەن سۆزنى بىر قېتىممۇ ئىشلەتمىگەن بولۇپ،  پەقەت كىتابنىڭ 490-بېتىدىكى كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسىدىلا «تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان، evolved» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن.

There is grandeur in this view of life, with its several powers, having been originally breathed into a few forms or into one; and that, whilst this planet has gone cycling on according to the fixed law of gravity, from so simple a beginning endless forms most beautiful and most wonderful have been, and are being, evolved.

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ ئەمگىكى ئاساسىدا ئاستا-ئاستا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، تۇنجى بولۇپ لامارك 1809-يىلى «شەكىل ئۆزگەرتىش» نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئېرسىيەت ئارقىلىق ئاددىيراق جانلىقلاردىن تېخىمۇ مۇرەككەپرەك جانلىقلارنىڭ يېتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان (4). «تەدرىجىي تەرەققىيات» دېگەن سۆز ئەسلىدە تۆرەلمەشۇناسلىق ئىلىمىدە كۆپ ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، تۆرەلمە تەرەققىياتىغا قارىتىلغان. 1871-يىلى دارۋىن «ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، The Descend of Man» ناملىق كىتابىدا «تەدرىجىي تەرەققىيات، evolution» دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن. شۇنداقتىمۇ دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تەبئىي تاللىنىش» نەزەرىيىسى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشا ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن دارۋىن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغۇچى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. دارۋىن بۇ كىتابىنى جەمئىي 20 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ كىتاب نەشىر قىلىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن، 19-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق تەبىئەتشۇناس ئەنگىلىيە ئالىمى، «بىئوجۇغراپىيە ئاتىسى» دەپ ئاتالغان ئالفىرەد ۋوللىس 1858-يىلى چارلىز دارۋىنغا خەت يازغان ھەمدە «تەبئىي تاللىنىش» نەزەرىيىسىگە ئائىت ئوخشاش قاراشلارنى بايان قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن بىرلىكتە «تەبئىي تاللىنىش» نەزەرىيىسى ئۈستىدە بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلىپ ئېلان قىلغان (5). دېمەك، دارۋىن ئەمەلىيەتتە تەدرىجىي تەرەققىياتنى بايقىغان تۇنجى كىشى ياكى بىردىنبىر كىشى ئەمەس.

دارۋىن «تەبئىي تاللىنىش» نەزەرىيىسىدە مۇنداق دەپ قارايدۇ:
تەبىئەتكە ماسلاشقان جانلىقلار ياشايدۇ ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپىيىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ساقلىنىپ قالىدۇ؛ ئەكسىچە، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىدۇ ۋە كۆپىيىىش دەۋرىگە كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەۋلادى داۋاملاشماي يوقىلىپ كېتىدۇ. ئوخشاش تۈر ئىچىدە، پەقەت تەبىئەتكە ماسلىشىشقا مۇۋاپىق كەلگەن خۇسۇسىيەتلەر ۋە شۇ خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان جانلىقلارلا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئوخشىمىغان تۈرلەر ئوخشاش بىر ئورتاق ئەجدادتىن كەلگەن بولىدۇ.

يۇقارقى نەزەرىيەلەردە دارۋىن ئەزەلدىن ئىنساننىڭ مايمۇندىن كىلىدىغانلىقىنى بايان قىلمىغان ۋە «خۇدا ياكى ياراتقۇچى» نىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 1865-يىلىغا كەلگەندە، گرېگورى مېندىلنىڭ «نوقۇتنى چېتىشتۇرۇش» تەجىرىبىسى ئېرسىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئىچىپ بەرگەن بولۇپ، دارۋىننىڭ ئەجداد بىلەن ئەۋلات ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ ۋە مۇشۇ پەرقلەرنىڭ چوڭىيىشى تۈرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ دېگەن قارىشىنى گېنتىكىلىق ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. ئەمما دارۋىن ئىنساننىمۇ باشقا ھايۋانلاردىن نۇرغۇن جەھەتلەردە ئالاھىدە بولماستىن، بەلكى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ۋە باشقا جانلىقلار بىلەن ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە، دېگەن يېڭىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلگىرىكى قاراشلارغا قارشى چىققان. ئۇنىڭ بۇ يېڭى قارىشىدىن بەزى كىشىلەر ئىنسان مەلۇم بىر مايمۇن تۈرىدىن كىلىپ چىققان، دېگەن قاراشنى مودىغا ئايلاندۇرغان. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ئىنسان مايمۇندىن پەيدا بولغان دېگەن قاراشنى قوللاپ باقمىغان، بەلكى ئىنسان بىلەن مايمۇنلار ئورتاق بىر ئەجدادتىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.

بۇ قاراشلار ئىنجىلدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشى بولغانلىقى ياكى بىردەك بولمىغانلىقى، ھېچبولمىغاندا كىشىلەر چۈشەنگەن مەزمۇن بىلەن بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دارۋىن كۆپ قېتىم چېركاۋنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغان. دارۋىننىڭ نۇرغۇن قاراشلىرى سىياسىئونلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ خاتا ھالدا تەشۋىق قىلىنغان. دارۋىننىڭ «ماسلاشقانلار تاللىنىلىدۇ، ماسلاشمىغانلار شاللىنىلىدۇ» دېگەن قارىشى غەربتىكى مۇستەملىكچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك، مۇستەملىكچىلىك، بۇلاڭچىلىق قىلمىشلىرىنى ۋە شۇنداقلارغا ئۆزىدىن ھەربىي جەھەتتە ئاجىز ئىنسانلار توپلىرىغا ئىنسان قىلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەردە بولۇشىنى ئاقلىشىنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغان. ئۇلار دارۋىننىڭ ئەسلى قارىشىنى مەنا جەھەتتىن چوڭ ئۆزگەرتىپ «كۈچلۈكلەرنىڭ غالىب كىلىشى، ئاجىزلارنىڭ ھالاك بولۇش تەبىئەتنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى» دەپ ھەدەپ تەشۋىق قىلغان. دارۋىن گەرچە ئاجىز كىشىلەر توپلىرىغا «ئىنسانىي مۇئامىلىدە بولۇش»نى تەكىتلەپ كەلسىمۇ، تېگىدىن ئۇمۇ «ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن كۈچلۈك بولۇشى تەبئىي تاللاشنىڭ نەتىجىسى»، «ئاجىز ئىنسان توپلىرىغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ياردەم قىلىش تەبئىي تاللىنىش قانۇنىيىتىگە خىلاپ» … دېگەندەك قاراشلاردىمۇ بولغان ۋە بۇ قاراشلار كېيىن گېتلىر قاتارلىق فاشىستلارنىڭ ئىنسانلارنى يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىگە ئايرىيدىغان ئىددىيىلىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىنسانلار «نەسىل ياخشىلاش» نەزەرىيەلىرىگە ئاساس بولۇپ قالغان.

گەرچە كىشىلەر 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا دارۋىن نەزىرىيىسىنى مېندىلنىڭ «گېنلارنىڭ جۈپلىشىش قانۇنىيىتى» ۋە «گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە خىلاپ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ قانۇنىيەتلەر بىلەن دارۋىننىڭ تەبئىي تاللىنىش قانۇنىيىتىنىڭ زىت ئەمەسلىكى 1930-1950 يىللاردا «زامانىۋى سېنتىزلىنىش تەدرىجىي تەرەققىياتى» نەزىرىيىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى 1953-يىلى ئامېرىكا ئالىمى جەيمىس ۋاتسون ۋە ئەنگىلىيە ئالىمى فىرانسىس كرىك ئوتتورىغا قويغان DNA (گېنلارنىڭ تۈزگۈچى بىئو-خېمىيىلىك ماددا) نىڭ ۋاتسون-كىرىك «قوش بۇرمىسىمان تۈزۈلۈشى»نى بايقىغاندىن باشلاپ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن پەن «مولىكۇلا بىئولوگىيىسى»نىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي پاكىتلارغا ئىگە بولدى، ھازىرقى دۇنيا بىئولوگىيە ئىلىمىدە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى گېنتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە شۇنىڭدىن كىلىپ چىققان فىنوتىپ ياكى بىئولوگيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈشتە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىدىن مۇكەممەلرەك نەزەرىيە بارلىققا كەلمىدى دەپ قارىلىدۇ ۋە بارلىق بىئولوگيىلىك كۆپ-خىللىقنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.



ھازىرقى زاماندىكى تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىئولوگيىلىك ئېنىقلىمىسى تۆۋەندىكىچە:
تەدرىجىي تەرەققىيات بولسا ئېرسىيەت قالىدىغان بىئولوگيىلىك توپلار خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانى بىئولوگىيلىك ئورگانىزىملىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدىكى كۆپ-خىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ كۆپ خىللىق تۈر، يەككە جانلىق ۋە DNA ۋە ئاقسىلغا ئوخشاش مولىكۇلىلاردىكى كۆپ خىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (6).
Evolution is the change in the inherited characteristics of biological populations over successive generations. Evolutionary processes give rise to diversity at every level of biological organisation, including species, individual organisms and molecules such as DNA and proteins.

بۇ ئېنىقلىما ناھايىتى زور مەزمۇنلار ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئېنىقلىمىنىڭ توغرىلىقىنى ھازىرغىچە بار بولغان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىلىمىي پاكىتلار قوللايدۇ. بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بولۇش ئۈچۈن يۈزلىگە كىتابلار ۋە مىڭلىغان ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلغان بولۇپ، ئاددىي قىلىپ تۆۋەندىكىدەك يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

› جانلىقلار كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سانى كۆپىيىپ مېڭىشقا يۈزلىنىدۇ.
› ئەۋلات ئەجدادتىن خالىغان بىر كىچىك جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ.
› بۇ پەرقلەر پايدىلىق بولسا، ئەۋلاتنىڭ ساقلىنىپ قىلىش ۋە كۆپىيىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
› بۇ كېيىنكى ئەۋلادتىكى تېخىمۇ كۆپ جانلىقنىڭ پايدىلىق ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
› بۇ ئوخشىماسلىقلار يىغىلىپ ماڭىدۇ ۋە بىر توپ ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
› ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، جانلىق توپلىرىدا پەرق چوڭىيىدۇ ۋە يېڭى تۈرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
› بۇ جەريان دۇنيادىكى كۆپلىگەن ھاياتلىق تۈرلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بەلگىلىگەن.

تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مىخانىزىملىرى دارۋىننىڭ ئاساسلىق نەزەرىيىسى بولغان تەبئىي تاللىنىش ۋە باشقا ئۇنىڭدەك ئاساسلىق بولمىغان تۆۋەندىكى قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. تەبئىي تاللىنىش 2. بىر تەرەپلىمە توساتتىن ئۆزگىرىش 3. گېنتىكىلىق يۆتكىلىش (ئېقىش) 4. گېنتىكىلىق تەساددىپى توشۇلۇش 5. گېنلارنىڭ ئېقىشى

بۇ گەپلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئىنتايىن قىسقا قىلىپ دېسەك، تەدرىجىي تەرەققىيات دېگەنلىك ئۆزگىرىش مەۋجۇد بولغان ئەۋلاد قالدۇرۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. تەدرىجىي تەرەققىيات كىچىك دائىرىدىكى، مەلۇم تۈرنىڭ فىنوتىپلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتتە ئەجدادتتىن ئەۋلادقا ئۆتۈش جەريانىدا ئۆزگىرەلەيدىغانلىقى (مەسىلەن باكتىرىيەنىڭ ئانتىبىئوتىك دورىلارغا قارشىلىق شەكىللەندۈرەلىشى دېگەندەك) نى چۈشەندۈرىدىغان «مىكرو تەدرىجىي تەرەققىيات» ۋە چوڭ دائىرىدىكى، جانلىق تۈرلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە چوڭ جانلىق توپلىرىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىنى (مەسىلەن جانلىقلارنىڭ ئوخشاش بىر ئەجدادتىن كەلگەنلىكى دېگەندەك) تەتقىق قىلىدىغان «ماكرو تەدرىجىي تەرەققىيات»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي نەزەرىيە جانلىقلارنىڭ تارىخىنى چۈشىنىمىزنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر بىئولوگىيە ئىلىمىدا مەخسۇس «تەدرىجىي تەرەققىيات بىئولوگيىسى» دېگەن بىر پەن شەكىللەنگەن بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىدىن ئايرىلىپ ھاياتلىق ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش قېيىنغا توختايدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلگەن بولۇپ، پەقەت بۇ نەزەرىيە كىشىلەرگە توغرا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈلگەندە ۋە خاتا قاراشلارنى پەرقلەندۈرگەندىلا ئاندىن بۇ نەزەرىيەنىڭ پەقەت يەر شارىدا بار بولغان جانلىقلار ۋە ئىنسانلار كۆزەتكەن ئەمەلىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىر تاللاش خاراكتېرلىك نەزەرىيە ئىكەنلىكى، بۇ نەزەرىيەنىڭ تېخى بىر يەكۈن ئەمەس بەلكى ئىلمىي پاكىتلارغ ئىگە بولغان، ئەمما يەنىمۇ بىر قەدەم دەلىللىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ئىلمىي نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئىسلام دىنى ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىم بىئولوگىيە ئالىملىرى بۇ نەزەرىيەنىڭ قاراشلىرىغا، ھېچبولمىغاندا مىكرو تەدرىجىي تەرەققىيات قىسمىغا قوشۇلىدىغان بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى توغرا دەپ ئويلىغانلىق دىنغا ئىشەنمەسلىك ياكى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەسلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە يېقىندىن بېرى ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۋاتقان داڭلىق گېنتىكا ئالىمى، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىش ئورگىنى بولغان «دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى» دېرىكتورى دوكتور فىرانسىس كولىنمۇ دىنغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ نېمە ئۈچۈن تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ توغرىلىقى ۋە بۇنىڭ دىنغا ئىشىنىش بىلەن زىددىيەتلىك ئەمەسلىكى توغرىسىدا مەخسۇس كىتاب يېزىپ ئېلان قىلغان.

http://bbs.izdinix.com/thread-58378-1-1.html

ئەلۋەتتە، بۇ نەزەرىيەگە قارشى تۇرىدىغان ئالىملارمۇ بار بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملار تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قوللايدۇ ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە مەكتەپلەرنىڭ بىئولوگىيە دەرىسىدە مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە سۆزلىنىدۇ. ئامېرىكىدا «ئەقلىي لايىھەلەش» نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى خىرىسىتىئانلار 2005-يىلى كانزاس شىتاتىدا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى چىقىرىۋىتىپ ئورنىغا خىرىستىئان دىنىدىن شەكلى ئۆزگەرگەن ئاتالمىش «ئەقلىي لايىھەلەش» نەزەرىيىسىنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما بۇ نەزەرىيەنى ئامېرىكا پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىلمىي ئەمەس دەپ قارىغان، شۇنداقلا بېلەت تاشلاپ 2007-يىلى قانۇن ئارقىلىق بۇ نەزەرىيەنى ئۆتۈشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.

http://www.theguardian.com/science/2007/feb/15/schoolsworldwide.religion

قۇرئان كەرىمدە تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىلەن زىت مەزمۇنلار ئەمەلىيەتتە ئىنجىلغا قارىغاندا كۆپ ئاز بولۇپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرغۇچى كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى كونسىرۋاىتىپ خىرىسىتئانلاردۇر. بىر قىسىم مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئىسلامدا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ مىكرو تەدرىجىي تەرەققىيات قىسمى ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئىلمىي مىتودلىرنى، ئىلىم-پەننىڭ تەبىئەتتىكى ھادىسىلەرنى كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرۈشىنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى؛ ئەمما تەدرىجىي تەرەققيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىنساننىڭ كىلىپ چىقىشى ئۈستىدىكى قاراشلارنىڭ ئىسلامغا زىت ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن، بۇ نەزەرىيەنىڭ خاتا يەرلىرىنى شاللاپ،  توغرا، ئىسلامغا ماس ياكى زىت كەلمىگەن قىسمىغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مىسىر ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋىرستېتىنىڭ داڭلىق پىروفىسورى دوكتور ئۇساما ھەسەن قاتارلىقلارمۇ يۇقىرىدىكى قاراشنى قوللايدۇ.

http://www.huffingtonpost.com/usaama-alazami/muslims-and-evolution-in-the-21st-century-a-galileo-moment_b_2688895.html

مەن يۇقىرىدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تۇتقان ئورنىنى نوپۇزلۇق ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈدۈم ۋە مەن كۆرگەن بىر قىسىم مەلۇماتلاردىن دىن بىلەن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ زىتلىقى ۋە ئوخشاشلىقى ئۈستىدە ئازراق مەلۇماتلارنى بەردىم. نۇرغۇن كىشىلەر دىننىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىنى پۈتۈنلەي تەدرىجىي تەرەققىياتقا زىت دەپ ئويلايدىغان بولۇپ، بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. بۇ مەسىلىنى يەنىلا دىننىي ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھەل قىلىشىغا قالدۇراي.
========================================
ئاخىرىدا مەن دەيدىغىنىم، دارۋىن مەيلى نېمە دېسۇن، تەدرىجىي تەرەققىيات دەل دارۋىننىڭ دېگەنلىرى بولماستىن، بەلكى ئۇ كۆزەتكەن بايقاشلارنى ئاساس قىلىپ كۆپ قېتىم تۈزىتىلىش ئارقىلىق ھازىرقى تۈسكە كىرگەن بىر ئىلمىي نەزەرىيە. ئىلىم-پەندە مەلۇم قاراشقا قارشى چىقىش ئۈچۈنلا ياكى قوللاش ئۈچۈنلا گەپ بولۇنمايدۇ، بەلكى ئالىملارنىڭ ھازىر بار بولغان بىلىملەرنى كۆزەتكەن ھادىسىلەرگە تەدبىقلاش ئارقىلىق شۇ ھادىسىلەرنى ئىلمىي پاكىت بىلەن چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىلمىي نەزەرىيىلەر داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ، پەقەت بىر قىسىم بىلىملەرلا ھەر ۋاقىت توغرا بولۇپ ھېچقانداق شەك يوق، ئەمما نۇرغۇن بىلىملەر، بولۇپمۇ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئوخشاش نەزەرىيىلەر مەلۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ پاكىتقا تەڭ ئەمەس. تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مەلۇم تۈر ئىچىدە ئەجدادتىن-ئەۋلاتقا ئۆتىدىغان ئېرسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەب ھەر زامان يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى بىر ئەمەلىيەت بولسىمۇ، ئەمما يېڭى تۈرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى ياكى تۈرلەرنىڭ قانداق بارلىققا كىلىشىگە ئائىت قاراشلىرى ھېلىھەم تېخىمۇ كۆپ پاكىت تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق بولغاچقا ئىنسانلارنىڭ ياكى باشقا جانلىقلارنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىگە كېسىپ جاۋاب بەرمەستىن ھازىرغىچە بولغان ئىلمىي پاكىتقا ئىگە تېخىمۇ ياخشىراق نەزەرىيە بارلىققا كەلمىگەن بولغاچقا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئارقىلىق بۇ ھادىسلەرنى ھازىرچە چۈشەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. كېيىنچە، ئىنسانلارنىڭ بىلىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقاندىلا ئىلىم-پەن بۇ مەسىلىگە توغرا جاۋاب تاپالىشى مۇمكىن. بۇ جاۋاب بەلكىم ھازىر زىددىيەتلىكتەك تۇيۇلغان قاراشلار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇشىمۇ ھەم مۇمكىن. ئىلىم-پەننىڭ ئىنسانلار ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىشى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنگەندەك ھازىر بار بولغان ئىلاھىي كىتابلاردىكى چۈشەنچىلەرگە مۇتلەق قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق بۇ ھادىسىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىلگەجان (ئامېرىكا)
2014-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 14-كۈنى



ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى پەقەت ئاپتورنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ ئاندىن تارقىتىشقا بولىدۇ.

پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار:

1. http://annals.org/article.aspx?articleid=1789246
“Oral High-Dose Multivitamins and Minerals After Myocardial Infarction. A Randomized Trial.” It is in the 17 December 2013 issue of Annals of Internal Medicine (volume 159, pages 797-804). The authors are G.A. Lamas, R. Boineau, C. Goertz, D.B. Mark, Y. Rosenberg, M. Stylianou, T. Rozema, R.L. Nahin, L. Lindblad, E.F. Lewis, J. Drisko, and K.L. Lee, for the TACT Investigators.

2. http://annals.org/article.aspx?articleid=1789247
“Long-Term Multivitamin Supplementation and Cognitive Function in Men. A Randomized Trial.” It is in the 17 December 2013 issue of Annals of Internal Medicine (volume 159, pages 806-814). The authors are F. Grodstein, J. O’Brien, J.H. Kang, R. Dushkes, N.R. Cook, O. Okereke, J.E. Manson, R.J. Glynn, J.E. Buring, J.M. Gaziano, and H.D. Sesso.

3. http://annals.org/article.aspx?articleid=1767855
Fortmann SP, Burda BU, Senger CA, Lin JS, Whitlock EP. Vitamin and Mineral Supplements in the Primary Prevention of Cardiovascular Disease and Cancer: An Updated Systematic Evidence Review for the U.S. Preventive Services Task Force. Ann Intern Med. 2013;159:824-834.

4.
Lamarck (1809) Philosophie Zoologique

5.
Darwin, Charles; Wallace, Alfred (August 1858). "On the Tendency of Species to form Varieties and on the Perpetuation of Varieties and Species by Natural Means of Selection". Zoological Journal of the

6.
Hall, B. K.; Hallgrímsson, B., eds. (2008). Strickberger's Evolution (4th ed.). Jones & Bartlett





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 11:03 AM  


Manager بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:07:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7586
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7700 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:09:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنى مىسرانىمدا كۆرۈپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم. سىزنىڭ يازمىڭىزنى ئىزچىل ئوقۇپ ماڭدىم. ھەم يازمىلىرىڭىز توغرىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى بولسىمۇ ئاددى قىلىپ سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن. ئاتا-ئانىلارمۇ سىز بىلەن خېلى تونۇش بۇلۇپ قالدى. سىزنىڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئۈچۈن قىممىتى بار يازمىلارنى يېزىپ تۇرغۇنىڭىز بىزنى ئويلىغىنىڭىز. بىزمۇ سىزدىن بەكلا مىننەتتار.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22070
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10078 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:12:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. بۇ تېما ئارقىلىق نۇرغۇن چۈشەنچە مۇجمەللىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغىلى بولىدىكىن.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22070
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10078 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:12:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. بۇ تېما ئارقىلىق نۇرغۇن چۈشەنچە مۇجمەللىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغىلى بولىدىكىن.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22070
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10078 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:12:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. بۇ تېما ئارقىلىق نۇرغۇن چۈشەنچە مۇجمەللىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغىلى بولىدىكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 02:23:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنىمىزنىڭ قاراشلىرى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن تولغان ,توغرا قاراشتۇر! ........پەقەت دىنسىزلارلام قۇرئان كەرىم قاراشلىرىدىن ئىۋەن تىپىشقا ئىزدىنىدۇ!....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 03:16:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىشتا بۇ تېمىغا ،نۇرغۇن تورداشلار خېلى ئۆتكۈر پىكىرلىك ئىنكاسلارنى يېزىپتۇ .
مېنىڭچە بىلگەجان بۇتېمىدا :«تەدرىجىي تەرەققىيات نەزريىسى ئىنسان مايمۇندىن ئۆزگەرگەن  دىگەن گەپنى قلغان  ئەمەس ،پەقەت ئىرسىيەت ئىلمى نۇقتىسىدىن بۇ نەزريىنىڭ جانلىقلار ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلشتا ھازرغىچە ئەڭ نوپۇزلۇق تەلىمات »دىگەننى سەممىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇ .
بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نەدىن كەلگىنىمىزنى ئەلۋەتتە بىلىمىز ،شۇڭاھەقىقىي  تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىريسىنىڭ زادىن نېمىلكىنى بىلىپ قالساق يامىنى يوق ،  بەك چېچىلىپ قالمايلى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 03:18 PM  


مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92355
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 242 سائەت
تىزىم: 2013-2-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 04:03:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلار  بىلەن  مايمۇنلانىڭ  ئەجدادى  بىر  بۇلشى  مۇمكىن، بۇرۇنقى  پەيغەمبەرلەنىڭ  ۋاقتدا  ئىنتاييىن  قەبى  چېكدىن  ئاشقان  بىر  قىسم  ئىنسانلانى  ئاللاھ    ئۇلانىڭ   سۈرتنى  ئۆزگەرتۋەتكەن،مەسلەن،توڭگۇز  مايمۇن،دىگەندەك  ھايۋانلاغا  ئۆزگەرتىۋىتىپتىكەن،  شۇڭائەڭ  ئاخىردا مايمۇنلا     ئىنساندىن  ئۆزگەرگەن  دىگەن  قاراش  ئوتتۇرغا  چىقشى  مۇمكىن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16327
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8169
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2202 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 04:33:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ . مۇئەللىملىككىمۇ تازا چۈشىدىكەنسىز ، بىلگەجان  .

رەھمەت !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش