ئۆزەمنىڭ شورى
ئابلەت ئابلىكىم ئېيتقان كونا ناخشا
بەندە تۇتۇپ بەندىگە كەلدىم تىز پۈكۈپ،
بۇ قىسمەتكە نىمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى.
تەقدىرىمگە تەن بىرىپ كەلدىم ياش تۆكۈپ،
بۇ قىسمەتكە نىمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى.
تەڭتۈشلىرىم ئۆك ئارا ئۇچسا ھەۋەستە،
چار پاقىدەك ئۆمىلەپ يۈرىيمەن پەستە.
بوغۇلىدۇ ئۈن چىقماي ھەر بىر نەپەستە،
بۇ قىسمەتكە نىمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى.
گىردە يەيدۇ بەھوزۇر ئوڭدا ياتقانلار،
جىگدە يەيدۇ تەر تۆكۈپ كەتمەن چاپقانلار.
ماختىنىدۇ پەشتاقتا لاپنى ئاتقانلار،
بۇ قىسمەتكە نىمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى.
شورغا دەسسەپ يالاڭ ئاياق يېرىلدى تاپان،
ھەيدەپ بولۇپ جۇۋازنى سۆرىدىم ساپان.
شۇنچە قىلسام تىزىمدىن ئاشمىدى چاپان،
بۇ قىسمەتكە نىمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى.
ھازازۇلنى يار قىلسام سۆيگۈ ۋىسالدا،
ماكان تۇتسام مىڭ جاپا مىڭ بىر بالادا.
ئۆز ئۆيۈمگە سىغماستىن قالدىم تالادا،
بۇ قىسمەتكە نىمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى.
ئىبرەت ئېلىڭ يارەنلەر ئۇشبۇ نىدادىن،
ماڭا ئوخشاش بىئەقىل روھى گادايدىن.
رەنجىشىم يوق ياراتقان قادىر خۇدادىن،
بۇ قىسمەتكە نىمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى.
دوسلار ناخشىسى بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 09:20 AM