(2)خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملار جەمگاھى
چالغۇ ئەسۋاپلار
ئابلىكىم ئاۋۇت
تارىم ۋادىسىدىكى ئىنسانلار قەدىمىي تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەن قاشلىرىنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك شەكىللەردە پايدىلىنىشنى بىلگەن . ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن دەۋرىمىزگىچە خوتەن قاشلىرى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە كېڭەيگەن دەۋرىمىزدە ھەم كېڭىيىۋاتىدۇ.لىكىن بىزنىڭ خوتەن قاش مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئاددىي ھالدا ‹‹ خوتەن قاشلىرىنى پەقەت بۇت ئۇيۇشقىلا ئىشلىتىدۇ....›› دەپ قاراۋاتىدۇ ھەم قاشگەرلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا باشقىچە كۆزدە قاراۋاتىدۇ. ئۇنداقتا خوتەن قاشلىرى راستىنلا بۇت ئويۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىلمەمدۇ؟
خوتەن قاشلىرى-تېببىي دورىگەرلىك،گىرىم بۇيۇملىرى،زىننەت بۇيۇملىرى،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى،تۇرمۇش بۇيۇملىرى ،سوۋغات بۇيۇملىرى........قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە تۇرمۇشىمىزنىڭ نۇرغۇن تەرىپىدە ئىشلىتىلگەن، ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق ئىشلىتىلىش دائىرىسى كېڭەيمەكتە.
خوتەن قاشلىرى دىيارىمىزنىڭلا ئەمەس ،جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ماركىسى.شۇنداقلا دۇنيادىكى تەبىئىي قېزىلما بايلىقلار ئىچىدە ئالدىنقى ئون تۈرلۈك بايلىقنىڭ بىرسى .دىيارىمىزدا خوتەن قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى خېلە سالماقنى ئىگەللەيدۇ.دەريالاردىن چىقىدىغان زىرە قاشلار تۈگەش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ ،تاغلىرىمىزدىكى كان قاشلىرىنىڭ زاپاس مىقتارى ناھايىتى مول بولۇپ ئېچىپ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە. دىيارىمىزدا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ سانىمۇ نەچچە يۈزمىڭغا يېتىدۇ.......
خوتەن قاشلىرى جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى مەبلەغ سېلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولماقتا.باھاسىمۇ تىك سىزىق ھالىتىدە ئۆسمەكتە .(مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەلىلىگە ئاساسلانغاندا 1980-يىلدىن ھازىرغىچە خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى 1300ھەسە ئۆسكەن ).
قانداق قىلىپ پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدىغان خوتەن قاشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي بايلىق ئۈستۈنلىكىنى نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە كۆھكەنلىك(ئويمىچىلىق) ھۈنەر تېخنىكىمىز بىلەن ئورگانىڭ ھالدا بىرلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلىككە ئېرىشتۈرۈپ خەلقىمىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىدىغان جىدىدي ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.
تور بېتىمىز خوتەن قاشلىرىنىڭ تارىختىكى ۋە دەۋرىمىزدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە پايدىلىنىش دائىرىسى بويىچە خوتەن قاشلىرىدىن ئۇيۇلغان بۇيۇملارنى ئۆز تۈرلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ ئاۋامغا سۇنىمىز.
تۆۋەندە تارىختا ۋە دەۋرىمىزدە قاشتېشىدىن ئويۇلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى چالغۇ ئەسۋاپلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
كۆھكەنلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىغا تۈرتكە بولسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمىز!
خوتەن قاشلىرىدا ئۇيۇلغان سەنئەت بۇيۇمى-كىچىك سازلار
قاش جاڭ (قۇڭغۇراق)
قاش نەي
قاش جەز (قاشتىن ياكى تاشتىن ياسىلىدۇ)
خوتەن قاشلىرىدا ياسالغان كۈي قوڭغىراق (قاتار قوڭغىراق)
قاشتا ياسالغان سۇناي
خوتەن قاشلىرىدا يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە تۈرلۈك سازلارنى ئويۇپ چېلىشقا بولىدۇ.
سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى: <<中国出土玉器全集>> ناملىق ئالتە قىسىملىق كىتاب ۋە تور دۇنياسى
ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىدىن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-15 10:03 PM
|