مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 551|ئىنكاس: 5

سادىر پالۋان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107508
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-6-7
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 08:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سادىر ياتقان ئۆڭكۈر

ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى

تىلسىم غارلار
يۇنۇسنى يۇتقان بېلىق قارنىدەك،
قىتئەلەر ئارا
غەلەت ئىكەن ئوينىغاندەك مۈكۈشمەك.
***   ***
يېڭى زاماننىڭ كېپەن ئوغرىسى،
ئامانەت ساقلايدۇ ئۇنىڭ توغرىسى.
***   ***
ئۇيغۇر تىلى لەيلەپ ئۆڭكۈردە
دەسسىۋاپتۇ سادىر چەككەن،
موخۇركىنىڭ كۈلىگە!

ئىكىسپېدىتسىيىچى ياپونغا قىززىقارلىق تۇيۇلۇپتۇ،
خۇددى ئەسسەبۇلكەھفىدەك.
مولتوختىيۈزى قەدىمى مەھەلە
كۆچ-كۆچ تارانچى ناخشا توۋلىغان.

ئۆڭكۈردە بارمىش سادىر پالۋاننىڭ،
سېپىل تەشكەن قاخشال قوۋۇرغىسى.
سادىر ئۆڭكۈرى
يېتىم ئوغۇلنىڭ ئىكەن ئىزناسى.
بەش يۇلتۇزلۇق ئارامگاھنىڭ بوپتۇ ئۈلگۈسى.
تاماششا ئەھلى چاپار دۈپۈرلەپ،
بولماققا ئالدىراپ غارنىڭ ئېگىسى.
ساماغا چۈشەر كىشنەپ تۇلپارلار،
سادىر تەشكەن سېپىل ئۈستىدە.
ئاڭقاۋ نەغمىكەش چەقتى دۇتارنى،
پەدىسى بۇزۇلغاچ ئۆڭكۈر لېۋىدە.

سادىرنىڭ قوينىدىن تۆكۈلەر ھەرىپ،
چېرىكلەر قان يۇتۇپ ياتقاندا زەئىپ.
ھەمزىسى ھەرىپنىڭ غارنىڭ ئىچىدە،
تور توقۇپ كامانى ياماپتۇ سېرىپ.
ئۆمۈچۈك تۇخۇملاپ كەتكەن ئەسنادا،
كۆك كەپتەر ئۆلۈپتۇ باغرىنى يېرىپ.
تىرىلىپ قاپتۇ سادىرمۇ ھايھات...
خىزىردەك ئاجايىپ بىشارەت بېرىپ.
نىشانلاپ سىرىتتا قويغان مالخىينى،
سۈررەڭ قورام تاش بەرمەپتۇ كىيىپ.

كۈلۈشۈپ بۇ ھالدا سەيياھ پەرەڭلەر،
تارتىپتۇ سىنغا ئىلغار ئۈسكۈندە.
كۈل بىلەن چېلىققان بارچە ماددىنى،
ساتماق بوپ مېڭىپتۇ يىراق شىۋىتكە!

سۈكۈتكە چۆمۈلۈپ سادىر يېزىسى،
شامالنىڭ بولۇپتۇ ئۈلپەت-قولدىشى.
لۈكچەك بورانمۇ گاھىدا ھۇۋلاپ،
ئويغىتار شۇ غارنى بولۇپ سىردىشى.

سۈبھىيدە تىترەيدۇ ئاجايىپ  سادا،
ئەكسىنى ئۆڭكۈردە قالدۇرۇپ راسا.
شىۋاقنىڭ دىماغنى چەككەن ھىدلىرى،
روھ-تەنگە بېرىدۇ ئاجايىپ شىپا.
مۇنبەر: توي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 09:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2961
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16872
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 10:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىر سادىر ئۆڭكۈرىدە قان پۇراپ ياتقان ئەزىمەتنىڭ غالىپ تىنىقلىرىغا تىنىقلىرىمنى قوشۇۋەتتى...ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرىغا قايىلمەن....

خۇشال كۈنلەر ئالدىمدا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23698
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6473
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 05:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر پىكىر ، قەلەم كۈچىگە ئاپىرىن

كۈلىۋەرمە كۈلكىنىڭ يىغىسى بار بىر كۈنى ، توخۇ تۇتقان تۈلكىنى بۆرە يەيدۇ بىر كۈنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101532
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-12-30
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 05:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىر توغۇرلۇق يېزىلغان يازمىڭىزغا ئاپىرىن، غۇلجىدىكى پالۋاننىڭ مەقبەرىسىنىڭ غېرىپلىقىدىن ئىچىم سىيرىلدى، يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇ ۋاقىت ئىسىمگە كىلىپ كالدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2277
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 646 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 06:35:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
palwan502 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-16 05:47 PM
سادىر توغۇرلۇق يېزىلغان يازمىڭىزغا ئاپىرىن، غۇلجىدىك ...

تورداش!
ئىچىڭىزنىڭ  سېرىلغىنى --ۋىجدانىڭىزنىڭ ئازابىدىن دەپ ئويلۇدۇم
. ئەسىرلەردىن  بۇيان ئىچىمىز سېرىلىدىغان ئىشلار كۆپ تەكرارلاندى. بىر مەسلىھەت: سىز يېتەكچىلىك قىلسىڭىز،توردا ئىئانە توپلاپ، خاتىرە ئۆيىنى قۇتقۇزۇپ قالساق،ۋىجدان ئازابىمىز يېنىكلىگەن بولاتتى. سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101532
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-12-30
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:42:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى گەپ بولدى، ناۋادا شۇنداق ئۇلۇغ ئىشقا باش بولالىسام ئۇزەمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىسابلايتىم، مۇمكىنچىلىك قانچىلىك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش