  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					
 
ئاغزاكى ۋەسىيەتنىڭ قانۇنى كۈچى   
 
ئاغزاكى ۋەسىيەت ئاغزاكى بايان قىلىنغان ۋەسىيەت بولۇپ ،جىددى ئاھۋالدا خاتىرلەش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا قالدۇرۇلغان ۋەسىيەتتۇر. 
      《ۋارىسلىق قانۇنى》نىڭ 17-ماددا 5-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن :“ۋەسىيەت قىلغۇچى خەۋىپلىك ئەھۋال ئاستىدا ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرسا بولىدۇ،ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرغاندا ،ئىككىدىن ئارتۇق كىشى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كىرەك”. 
ئاغزاكى ۋەسىيەتنىڭ قانۇنى شەرتى تۆۋەندىكىچە: 
1.ۋەسىيەت قىلغۇچى شاھىت بولۇش سالاھىتىنى ھازىرلىغان ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ئالدىدا، ۋەسىيىتىنى ئاغزاكى بايان قىلىشقا بولىدۇ. 
2. خاتىرە قالدۇرۇشقا ئامال بولمىغاندا ،شاھىت-گۇۋاچىنىڭ ئەسلىمىسى ئاساس قىلىنىدۇ. 
3.شاھىت بولغۇچى ئاغزاكى ۋەسىيەتنىڭ يىل、ئاي、كۈنى、ۋاقتى ۋە ئورنىنى خاتىرلىشى كىرەك.خاتىرە قالدۇرالمىسا ۋەسىيەت مەزمۇنىنى ئېنىق ئەستە ساقلىشى كىرەك. 
دىققەت قىلىشى كىرەككى،ئاغزاكى ۋەسىيەت مەزمۇنىنىڭ چىنلىق-توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلماق، نىسپەتەن تەسراق بولغاچقا خەۋپلىك ئەھۋالدىلا قوللىنىش كىرەك.مەسىلەن:ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ كىسىلى ئىغىرلاپ،سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدىلا قوللىنىشقا بولىدۇ. 
 
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 03:40 PM   
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |