ئاللاھنى كۈيلەپ
رۇستەم قاراسۇ
ئاللاھنى ئەسلگىن كۈلپەت كەلگەندە،
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىزدۇر ئىشەن.
ئەزرائىل ئىشكىڭنى ئەگەر چەككەندە،
توۋاڭمۇ كار قىلماس ھازىردۇر كىپەن.
ئاللاھنى كۈيلە ھەم كۈيلىمەك بولساڭ،
ئۇلۇغلۇق يارىشۇر ئاللاھقا پەقەت.
شەيتاننىڭ ئۆيىدە غەپلەتتە قونساڭ،
پەرىشتە ئۈستۈڭدە قىلالماس تاقەت.
گۈمبەزلەر ئاستىدا ياتار ئەجداتلار،
مازارنى ئويلىساق تەنلەر شۈركىنەر.
بىزلەرگە ۋارىس بوپ قالار ئەۋلادلار،
بۇ ھايات ئاشۇنداق داۋام قىپ كىلەر.
يىغلايدۇ دۇنيا دەپ بىراۋلار بەلكىم،
ۋە لىكىن يىغلايدۇ بىرى ئاللاھ دەپ.
ئۆزىنىڭ ئۆمرىگە جاۋاپكار ھەركىم،
بۈگۈنكى ياخشىلىق ئاخىرەتتە نەپ.
رۇستەم قاراسۇ.2014.6.14.بېيجىڭدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-14 08:32 PM