مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 7

ھەققانىي: مەنپەئەت ( ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35434
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5655 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 04:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەنپەئەت

( ساتىرا )


ئىنساۋىنى ئاچكۆزنىڭ خالاس قىلغان مەنپەئەت،

مۈشۈك بىلەن چاشقاننى" ئاداش "قىلغان مەنپەئەت،

ھەتتا ۋەھشى يولۋاسنى"يوۋاش"قىلغان مەنپەئەت،

تويمىغۇرنىڭ نەپسىنى ساناچ قىلغان مەنپەئەت،

تاماخورنى دۈمبىگە ھاپاچ قىلغان مەنپەئەت.


سىنى كۆزلەپ تالىشىپ يېقىنلارمۇ ياتلىشار،

قەدىناسلار سىنى دەپ بىر بىرىنى تاشلىشار،

سىنىڭ ئۈچۈن سەتلىشىپ بەزى بىرلەر مۇشتلىشار،

سىنى كۆرگەن نومۇسسىز رودوپايدەك چاپلىشار،

ھەركىم سىنى ئالماققا ئىلاج قىلغان مەنپەئەت.


كۆرۈنەرسەن پاقىراق خۇددى تەييار ئولجىدەك،

چاپلىشىدۇ ئاچكۆزلەر ساڭا مەھكەم سالجىدەك،

سىنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر بولۇر پەسكەش قۇل-دېدەك،

ئۇلار ئۈچۈن ئالدىڭدا ۋىجدان دىگەن نە كېرەك،

مەن-مەن دىگەن نوچىنى خاراپ قىلغان مەنپەئەت.


ئىرادىنى-مەۋقەنى شەيتان بولۇپ ئازدۇرۇپ،

ئازغانلارنىڭ ئۈزىگە ئۆز گۆرىنى قازدۇرۇپ،

كەلتۈرۈدۇ ئىندەككە ۋىجدانىدىن تەزدۈرۈپ،

پۇشايماننىڭ دەردىنى ئۆمۈر بۇيى تاتقۇزۇپ،

ھەر كىملەرنى كۆپ تالان-تاراج قىلغان مەنپەئەت.


قىزىقتۇرۇپ ئۈزىگە ھەردەم نەپسى ياماننى،

تاماخورنى يېتىلەر گۈل كۆرسۈتۈپ غازاڭنى،

تونۇتمايدۇ گاھىدا ھەتتا ئاتا-ئاناڭنى،

تەكرار ئېچىپ_ تاقىتىپ رەستىلەردە دۇكاننى،

ساقنى پايدا كويىدا ساراڭ قىلغان مەنپەئەت.


نەچچە تاڭنى ئىشقىڭدا كىرپىك قاقماي ئاتقۇزۇپ،

ئۆز دوستىنى دۈشمەنگە نەرقى ئەرزان ساتقۇزۇپ،

مۆتىھەمگە كۈچ بىرىپ ئاجىزدىن ياش ئاققۇزۇپ،

چاڭگال سېلىپ رىزقىغا دەردۇ -غەمگە پاتقۇزۇپ،

بىچارىگە بىر ئۆمۈر ئۇۋال قىلغان مەنپەئەت.


توغرا ئىشنى تولغايسەن بىر ئاماللاپ خاتاغا،

كۆرەڭلەيسەن-تاشلايسەن پىرىنسىپنى پەگاغا،

ياگىپىمىز ئۆتمەيدۇ يۈگۈرسەكمۇ دەۋاغا،

ھوقۇق بىرىپ گاھىدا ساۋاتسىزغا-كالۋاغا،

گېزى كەلسە موزدوزنى"ۋىراچ"قىلغان مەنپەئەت.

*********

مەنبە: ئۆزقەلىمىم (ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2823
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 878 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 07:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز

كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95580
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 387
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-5-31
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 08:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققانى ئاكا .ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل شىئىرلارنى يازىسىزدە ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:00:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موزدوز دەپ    توختى پوكان دىگەن ھېكايىدىكى  ھەسەن موزدوز  ئىسىمگە كەپ قالدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30924
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4232
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:10:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز

بۇلاق سالونى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35251
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3645
تۆھپە نۇمۇرى: 155
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:17:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن نىمنى قىلمايدۇ ئىنسانلار

بۇلاق سالونىنى قوشۇۋېلىڭ
ئىزدەش نومۇرى:xjbulak

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104553
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2014-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 09:50:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مەنپەئەت ئىنتايىن مۇھىم، كىشلىك مۇناسىۋەتتمۇ ئوخشاش

ئويۇڭ يەتكەن يەرگە قولۇڭمۇ يېتىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2823
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 878 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 10:21:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئاخىرقى ھىساپتا مەنپەتلەنگۈچى.

كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش