گەپ تاپتۇق
(ساتىرا)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
توۋا دەيمەن يوتىغا بىرنى ئۇرۇپ گەپ تاپتۇق،
ئەيىپ ئارتىپ بىراۋغا ئۆيدە تۇرۇپ گەپ تاپتۇق،
قايسى بىرسى شان قۇچسا ئېغىز پۈرۈپ گەپ تاپتۇق،
ئاپەت كەلسە ياخشىغا بەزمە قۇرۇپ گەپ تاپتۇق،
قاملاشتۇرۇپ يالغاندىن پىتنە توقۇپ گەپ تاپتۇق.
***
ئۆيدە پاتمان ئىش تۇرسا ئۆزگىلەرنى پايلايمىز،
نىمىش قىلدى قوشنىمىز پاسىل تامدىن بويلايمىز،
ئوڭ ماڭسىمۇ<<تەتۈر>>دەپ چوڭغا چېقىپ جايلايمىز،
ھەر جەھەتتە مىنىڭدىن ئاشمىسۇن دەپ ئويلايمىز،
تۆھمەت چاپلاپ ئىش تېرىپ ساقنى بۇزۇپ گەپ تاپتۇق.
***
ئارىمىزدىن بېرەرسى قەد كۆتۈرسە قوللىماي،
شۇ ھامانلا ئۇنىڭغا تىل سالىمىز پايلىماي،
ياتنى دىدۇق<<داموللا>> ياندا تۇرسا تونىماي،
شوڭا نەپنى خەق ئالۇر تەقدىر بىزگە بۇيرىماي،
تىلىمىزدا گۇياكى ئات چاپتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.
***
ئوڭ كۆز يەيدۇ چەپ كۆزنى ئەگەر قاڭشا بولمىسا،
دوستىمىزنى دوست ساتتى بىركىم نەپتە گوللىسا،
ئۆچ كۆرىمىز ھەتتاكى كىمكى ھەقنى قوللىسا،
ئەمدى كىمدىن كۆرەتتۇق تالەي قولغا قونمىسا،
كۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ياش ئاققۇزۇپ گەپ تاپتۇق.
***
كارخانىچى ئىش قىلسا دىدۇق:<<ئىنسان ساختىسى،>>
زىيالىنى تىللىدۇق،دىدۇق:<<كىتاپ خالتىسى،>>
دەپ دېھقاننى كەمسىتتۇق:<<دادۈيجاڭنىڭ غالچىسى،>>
ئارتىسلارنى دىدۇق بىز:<<ئوردا ئۇسۇل-سازچىسى،>>
چىڭنى غاجاپ يۇمشاققا چىش پاتتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.
***
بىر بىرىنى چېقىشماس نەشتىرى بار چايانمۇ،
زىچ ئورماننى سۇندۇرۇپ قايرىيالماس شامالمۇ،
ئۇيۇشقاقلىق-دوستلۇقنى تەلەپ قىلدى زامانمۇ،
پېتىمسىزغا سۇئالىم:ئوم ياشىساق يامانمۇ؟
نىچۈن تۈنلەپ ئۇخلىماي باش قاتتۇرۇپ گەپ تاپتۇق.
***
ئەي ئوغلانلار ئەمەس بىز قارا تاغدىن-ئاق تاغدىن،
ئاگاھ بولماق ۋاجىپتۇر يامان غەرەز مەككاردىن،
ئارىمىزغا نىزانى كىملەر سالدى ئويلانغىن،
ھەزەر دوستلار مىڭ ھەزەر!پۇرسەتپەرەس شەيتاندىن،
ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز دەرت تاتقۇزۇپ گەپ تاپتۇق.
**********