مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3094|ئىنكاس: 19

ئىسپانىيە VS گوللاندىيە(B گۇرۇپپا خەۋەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84155
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 10:24:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

20-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ Bگۇرۇپپىسىدىكى بىر مەيدان ھەلقىلغۇچ جەڭ بۈگۈن سەھەر سائەت 00:00 دە ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن  كۈمۈش مىدال ساھىبى گوللاندىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا باشلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئىسپانىيە كوماندىسى  قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ رېتىمىغا سالماقچى بولدى. بىراق گوللاندىيە كوماندىسى ئۇ لارنىڭ رېتىمىغا چۈشمەيدىغاندەك قىلاتتى.   مۇسابىقە داۋاملىشىپ 26 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا  ئىسپانىيە كوماندىسىدن دىياگو كوستا بىر نۇقتا توپ  ھاسىل قىلدى، ئالونسو بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، ئىسپانىيە ۋاقتىنچە 0:1 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
بىراق گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ قىساس ئېلىش ئىستىكى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولدىمۇ قانداق، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 44 مىنۇتقا كەلگەندە ، روببىن ۋان پېرسى ناھايىتى چىرايلىق بىر كاللا توپ بىلەن كاسىلللاسنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. نەتىجە 1:1 ئالدىنقى مەيدان تۈگىدى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ گوللاندىيە كوماندىسى دورا يىۋالغاندەك شاشلىشىپ كەتتى. ھەمدە  53 مىنۇتتا روببىنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن 2:1 ئالدىغا ئۆتتى.
كاسىللاس بۇ توپتا  خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالالمىدى بولغاي ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 65 مىنۇتقا كەلگەندە دېفرى بىر توپ ئۇرۇپ ، گوللاندىيە 3:1 ئالدىغا ئۆتتى.  
ئارقىدىن 73 - مىنۇتتا ۋان پېرسى يەنە بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 4:1 قىلدى،
80- مىنۇتتا روببىن بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 5:1 قىلدى.  مۇسابىقە مۇشۇ نەتىجىدە ئاياقلاشتى،  گوللاندىيە كوماندىسى تۇنجى  ئۇچرىشىشتا قان-قىساسىنى چىرايلىق ئېلىۋالدى.





مۇسابىقە جەۋھىرى:


كېيىنكى يېرىم مەيدان تولۇق سىن فىلىمى:


ئالدىنقى يېرىم مەيدان تولۇق سىن فىلىمى:





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106850
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-5-17
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:06:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم  بۇ مۇسابىقىنى كۆرمەن دىسە ئۇيقۇسىز قالدىكەن دېسە

سادا0998

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1612 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:10:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىسىز شاھ گوللاندىيە ئىسپان بۇقىللىرىنى سۈر تۇقاي قىلۋەتتى       گوللاندىيەدە بۇيىل ئۈمۈد زور     ۋان پېرىس  رونى  سېنىدىرلار ئېلگىرىكى كوللانىديە ئۈچ قىلچۋازنىڭ ئېزنى بېسىپ گوللاندىيەنى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك گوللاندىيەگە ئايلاندۇردى      كاشلىياس تۈگەپتۇ     نىمەدىگەن كالامپايلىق ئۇ              

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:12:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرغان ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇرلار سەككىز كوماندىغا ،ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ،بۈگۈن (6-ئاينىڭ14-كۈنى)ئۈرۈمچى ۋاقتى 15:30دە باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ،ئۈرۈمچى ۋاقتى 18:00دە تۇنجى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىدۇ،مۇناسىۋەتلىك پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى نەخمەيدان مۇسابىقىنى ئۇلاپ تارقاتساڭلار،
ئۆزىمىزگە قىلچە مۇناسىۋەتسىز،ھەتتا جوڭگو ما قاتناشمىغان مۇسابىقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرەيلى!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:17:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋان پىرىس ناھايتى چىرايلىق كاللا قويدى .
روبىن ھەقىقەتەن يامان نىمە جۇمۇ ! ئەڭ ئاخىرقى توپنى بەك چىرايلىق كىرگۈزدى . سۈرئەت دىگەن باكەن ئۇنىڭدا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:19:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسپانىيەنىڭ كۈچىمۇ تايىنلىقكەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:21:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسپانىيەنىڭ توپچىلىرى ئاساسلىقى 2010-يىلى چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ئەزالارنى ئاساس قىلىپتۇ……ئۇلارنىڭ يېشى چوڭ كەپ قالدىمۇ قانداق، بولۇپمۇ كاشىلىياس بىلەن پىكې نىڭ ئىپادىسى بەك ناچار بولدى……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2813 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:35:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھوي ....ئىسپانلار 2010-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا  ئۆتكۈزۈلگەندە  چېىمپىيون  بولغان ،يەنە كېلىپ يېقىنقى يىللاردىمۇ ياۋروپا چىمپىيونى بولغان .
بۇ بۇقا ھېرىپ قالدىمۇ نىمە؟ يېڭىلسىمۇ 5تە1 بولۇپ يېڭىلغىنى بەك سەت بوپتۇ جۇما

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3121 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 11:44:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخشامقى مۇسابقە ناھايىتى قىزىدى ،2010-يىلدىكى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىم تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىلا ئۇچرىشىپ قېلىشى ئەسلىدىنلا كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى .

گوللاندىيە كوماندىسى 1:5 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى .  
نۇمۇر جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن گوللاندىيە كوماندىسى پىسخكا جەھەتتىمۇ زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ زور ئىشەنچ بىلەن ئارقا ئارقىدىن ھۇجۇم قىلدى .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 12:02:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىلى ئاۋستىرالىيەنى 3-1قىلۋەتتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش