نادانلار
ئاغرىقتا ساقلىقنىڭ قەدرىگە يىتۇر،
قېرىلىقتا ياشلىقنىڭ قەدرىگە يىتۇر،
نادانلار ئارماندا ئۆتەركەن شۇنداق،
ئايرىلىپ جاناندىن قەدرىگە يىتۇر.
بەخىتنىڭ ئىچىدە ئىزلەيدۇ بەخىت،
كۆرەلمەس بىراۋلار قۇچسىمۇ بەخىت،
نادانلار پاقىدەك كۆرەر تۆت تامنى ،
بىلمەيدۇ بىلىمدىن ئىزلەشنى بەخىت.
ئالتۇننى تاش ساناپ،تاشنى دەر ئالتۇن،
دەڭسەيدۇ بايلىقنى كېيىمدە،ئالتۇن،
پەدازلار چاقسىنى ئاقسىمۇ يىرىڭ،
يەتمەستىن نادانلار قەدرىگە ئالتۇن.
نادانلار چانىدۇ ئەسلىدىن بىلسەڭ،
كام ئەقىل باشلىققا دۈم چۈشەر بىلسەڭ،
بۈگۈننى ئويلايدۇ،ئويلىماس ئەتە،
خىرامان ئۇخلايدۇ زاۋالدا بىلسەڭ.
نادانلار غەۋەتتە تويمايدۇ قاساپ،
ئالدىدا ماڭغاننى توسىدۇ توراپ،
ئۇلارنىڭ نادانلىق تونىنى دوستلار،
سالدۇرۇپ تاشلايلى ھەممەيلەن ئوراپ.
مەنبە:ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-14 01:23 AM