چۈشەندىم يارنىڭ چىن مەقسىدىنى
ئۈمۈتسىز دۇنياكەن نۇرلىرى ئۆچكەن،
بار ئازاپ بىرلا شۇ ئاشىققا كۆچكەن.
بىلمىدىم نە قىلىپ رەنجىتتىم ئۇنى،
مەن سۆيگەن ئۇ جانان ماڭا بەك ئۆچكەن.
سۆيمىگەن بىرسىنى ئەسلا ئۇنىڭدەك،
ۋە لىكىن كۆرگىنىم پەقەتلا چۈشكەن.
مەن دىلدىن، يۈرەكتىن سۆيگەنتىم ئۇنى،
مۇھەببەت ئۇنىڭغا مىھمان كۈتۈشكەن.
سىردىشىم ئىدى ئۇ دۇنيادا بىرلا،
شۇنچە ۋاق مۇڭدىشىپ سىرلار تۆكۈشكەن.
ئاشىقمەن، مەشۇقۇم دەپ يۈرسەم ئۇنى،
بىلسەم ئەمدى مەقسىتى مىنى سۆكۈشكەن.
قوللارنى تۇتۇشۇپ بىرىشكەن ۋەدە،
قەلىبلەر تۆرىگە قەسەم پۈتۈشكەن.
خوشاللىقىم بەختىم دەپ يۈرسەم مەن ئۇنى،
مەقسىتى بەختىمنى ھاپلا يۈتۈشكەن.
ئويلاپ يەتسەم مەن،مىنى قىينىغان،
ئازاپتىن پۈتۈلگەن ئاشۇ ئۆتمۈشكەن.
چۈشەندىم ئۇ قىزنىڭ كۈڭلىنى ئاخىر،
مەقسىتى يىغلىتىپ شىرىن كۈلۈشكەن.
مەنبەسى:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-14 01:24 AM