2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2:00 دە، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى باشلاندى. ئا گۇرۇپتىكى ساھىبخان كوماندا برازىلىيە بىلەن كرودىيە سان پاۋلودىكى كورىندىئان تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇسابىقە ئوينىدى.
ساھىبخان كوماندا باشلىنىش مۇسابىقىسىدە 21 مەيدان ئۇتتۇرمىغان: دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىخىدا ساھىبخان كوماندا باشلىنىش مۇسابىقىسىدە 21 مەيدان مەغلۇپ بولمىغان ( 15 مەيدان غەلبە قىلىپ، ئالتە مەيدان تەڭلەشكەن)، برازىلىيە 18 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان، يېقىنقى توققۇز مەيداندا تولۇق غەلبە قىلغان. برازىلىيە ساھىبخان مەيدان 39 يىل مەغلۇپ بولمىغان: برازىلىيە ئالدىنقى يىلى دوستلۇق مۇسابىقىسىدە مېھمان مەيدان شىۋىتسارىيەگە مەغلۇپ بولۇپ مېھمان مەيداندا ئۇدا غەلبە قىلىش قەدىمى ئون مەيداندا ئاياقلاشتى، برازىلىيە 2002- يىلى پاراگۋايغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن ئۇدا 38 ساھىبخان مەيدان مەغلۇپ بولمىغان. 1975- يىللىق ئامېرىكا لوڭقىسى يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ساھىبخان مۇسابىقىدىن كىيىن بۈگۈنگىچە ساھىبخان مەيدان مەغلۇپ بولمىغان. تۇنجى قېتىملىق خائىن توپ: بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە مارسىلو 11- مىنۇتتا خائىن توپ كىرگۈزدى، بۇ برازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى خائىن توپ بولۇپ قالدى. برازىلىيەنىڭ 10- نومۇرلۇق توپچىسى 12 يىلدىن كېيىن قايتا توپ ئۇردى: 2002- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 10-نومۇرلۇق رىۋالدو توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن 2006-2010- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا برازىلىيەنىڭ 10- نومۇرلۇق توپچىسى توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان، نېيمار 12 يىلدىن كېيىن قايتا توپ كىرگۈزگەن 10- نومۇرلۇق برازىلىيە توپچىسى بولدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 45- سىكۇنىتتا كوۋاچ يىراقتىن تەپكەن توپ ئازراق قېيىپ كەتتى. 11-مىنۇتتا ئولىچ سول تەرەپتىن تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىردى، نىكىكا يېلاۋىچ توپقا ئۈلگۈرەلمەي پۇتى تەگمىدى، مارسىلو دىققەتسىزلىكتىن ئۆز ۋارتاسىغا خائىن توپ ئۇردى. كرودىيە 1-0 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 29-مىنۇتتا ئوسكار توپ بۆلۈپ بەردى، نېيمار بېكتىن ئۆتۈپ يىراقتىن توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. 69-مىنۇتتا ئوسكار ئوڭ تەرەپتىن پاس بەردى، فىرەد چەكلەنگەن رايوندا توپنى توختىتىپ بەدىنىنى بۇرىغاندا، دىيان لاۋرىن يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر نىشىمۇرا نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى. نېيمار نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. برازىلىيە 2-1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلىككە ئۆتتى. 91- مىنۇتتا ئوسكار ئوتتۇرا يولدىن بۆسۈپ كىرىپ ۋارتاغا ھۇجۇم قىلدى، توپ ۋارتانىڭ سول ئاستى بۇلۇڭىدىن كىرىپ كەتتى. برازىلىيە 3-1 نەتىجە بىلەن كرودىيەنى مەغلۇپ قىلدى.
برازىلىيەنىڭ سەپ شەكىلى (4-2-3-1) قاپقىچى: سەيسار بېك: ئارۋىس، دىياگو سىلۋا، داۋىد لۇيىس، مارسىلو ئارقا بەل: خوسې پاۋلىنىئو، لۇيىس گۇستاۋ ئوتتۇرا مەيدان: خۇلىك، ئوسكار، نېيمار ھۇجۇم: فىرەد
كرودىيەنىڭ سەپ شەكىلى ( 4-2-3-1) قاپقىچى : پلەتىنكوسا بېك: دىيان لاۋرىن، كورلۇكا، سىما ۋسالىكو، دارىيو سىرنا ئارقا بەل: مودىرىچ، ئىۋان راكىتىچ ئوتتۇرا مەيدان: ئىۋان پېرىسىچ، ماتىئو كوۋاسىچ، ئولىچ ھۇجۇم: نىكىكا يېلاۋىچ
باش رېپىر ياپونىيەلىك نىشمۇرا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-13 09:58 PM
|