مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 721|ئىنكاس: 0

ۋەسىيەتكە دائىر سۇئال-جاۋاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 08:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0abccaa1208353de7c4bad90a0e8bfc1.jpg

. 2003 – يىلى 7 - ئايدا، 70 ياشتىن ئاشقان قاسىم كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇ : «... مال – مۈلۈكۈمنىڭ يېرىمىنى خوتۇنۇمغا قالدۇردۇم ...» دەپ بىر ۋەسىيەتنامە قالدۇرىدۇ. لېكىن «مال – مۈلۈكۈمنىڭ يېرىمى» چېتىلىدىغان ئولتۇراق ئۆي زادى «پۈتۈن ئۆينىڭ يېرىمى» نى كۆرسىتەمدۇ ياكى «قاسىمغا تېگىشلىك ئۆلۈشنىڭ يېرىمى» نى كۆرستەمدۇ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا قاسىمنىڭ ئايالى بىلەن پەرزەنتلىرىدە ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. چوڭ ئوغلى دادامنىڭ يازغانلىرىنى ئانام ھەرگىزمۇ پۈتكۈل ئۆي مۈلۈكنىڭ يېرىمىغا ئەمەس بەلكى دادامغا تەئەللۇق ئۆي – مۈلۈكنىڭ يېرىمىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ دەيدۇ. قاسىمنىڭ ئايالى تالاشتا قالغان بۇ ئۆي ئەسلىدە ئەر – خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئورتاق مۈلۈكى، شۇڭا مەن پۈتكۈل ئۆي – مۈلۈككە (ئۆي – مۈلۈكنىڭ ئېرىمگە تەئەللۇق قىسىمىغا) ۋارسىلىق قىلىشىم كېرەك دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرىدۇ. بۇ دېلوغا ئائىت تۆۋەندىكى بايانلارنىڭ قايسى توغرا؟
A. قاسىمنىڭ ئايالى بىلەن پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىش ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە رەسمىي قانۇننى ئىزاھلاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.
B. قاسىمنىڭ ئايالى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيەتنامىنى چۈشىنىشى سۇبيېكتىپ مەقسەت بويىچە ئىزاھلاشقا تەئەللۇق بولىدۇ.
C. قاسىمنىڭ ۋەسىيەتنامىسى مەقسەتنى راست、 قانۇنلۇق ئىپادە قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
D. ۋەسىيەتنامىدىكى «مال – مۈلۈكنىڭ يېرىمى» دېگەن سۆزنى ئالدى بىلەن تارىخىي نۇقتىدىن ئىزاھلاش لازىم.
پايدىلىنىش جاۋابى :C
جاۋاپلارنىڭ ئىزاھاتى:
Aجاۋاپ خاتا. قاسىمنىڭ ئايالى بىلەن پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىش مەقسىدى ئۆينى قانداق بۆلۈش مەسلىسى بولۇپ،ھەرگىزمۇ ئۇلاردا رەسمىي قانۇننى ئىزاھلاش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.رەسمى ئىزاھلاش ھوقۇقى دىگەن،بىكىتىلگەن دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقا ئىزاھلاش ھوقۇقى بولغان كىشىلەرنىڭ قانۇنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان ئىزاھلاشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
Bجاۋاپ خاتا. قاسىمنىڭ ئايالى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەسىيەتنامىنى چۈشىنىشى يېزىق مەناسى بويىچە ئىزاھلاشقا تەئەللۇق،ھەرگىزمۇ سۇبيېكتىپ مەقسەت بويىچە ئىزاھلاش ئەمەس.
Cجاۋاپ توغرا. قاسىمنىڭ ۋەسىيەتنامىسى مەنا ئىپادىسى ھەقىقى、 قانۇنلۇق ئەھۋالدا قىلىنغان،قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھەق تەلەپ ھەركىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
Dجاۋاپ خاتا.ھەرخىل قانۇننى ئىزاھلاش ئوتتۇرىسىدا ئورۇن تەرتىپ مۇناسىۋىتى بولۇپ،ھازىر كۆپ قىسىم قانۇنشۇناسلار تۆۋەندىكى تەرتىپنى ئىتىراپ قىلىدۇ:(1)تىل مەنا جەھەتتىن ئىزاھلاش؛(2)سىستىما جەھەتتىن ئىزاھلاش؛(3)قانۇن تۇرغۇزۇش مەقسىدى جەھەتتىن ئىزاھلاش؛(4)تارىخى جەھەتتىن ئىزاھلاش؛(5) سېلىشتۇرما قانۇنچىلىق جەھەتتىن ئىزاھلاش؛(5)سوبىكتىپ مەقسەت جەھەتتىن ئىزاھلاش قاتارلىقلار. يۇقۇرقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ،مەزكۇر  ۋەسىيەتنامىدىكى «مال – مۈلۈكنىڭ يېرىمى» دېگەن سۆزنى ئالدى بىلەن يېزىق مەناسى بويىچە ئىزاھلاش كىرەك بولۇپ،ھەرگىزمۇ تارىخىي جەھەتتىن ئىزاھلاش كىرەك ئەمەس.
   بۇ دىلو مىسالى ۋەسىيەتنى قانۇنى جەھەتتىن ئىزاھلاشقا قارىتىلغان بولۇپ،ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىىدۇر.بۇ شۇنداقلا يىللاردىكى ئەدلىيە ئىمتىھانىدا كۆپ كۆرۇلگەن سۇئاللارنىڭ بىرى بولغانلىغى ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ،پۇختا ئىگەللەش كىرەك.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 01:37 AM  


قانۇن بىلەن ئويناشما !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش