ياش ئانا، ئويلاپ كۆرۈڭ
ھەسەنجان ئۆمەر
ئانا-ئۇلۇغ،ئانا-مۇقەددەس،شۇ سەۋەپلىك ئىنسانلار جەمىيىتىدە ماختاشقا،مەدھېيىلەشكە ئەڭ كۆپ ئىرىشكىنى،ئىرىشىدىغىنى ئانىلاردۇر.شۇ ئانىلار بولغاچقىلا ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ئۆتمۇشى بۈگۈنىگە ئۇلانغان،كەلگۈسىمۇ يەنە شۇ ئانىلارنىڭ ئەجرىدە نۇرلىنىدۇ.
دەۋىرنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش قارىشى،جەمىيەت قارىشى،قىممەت قارىشى ئۆزگىرىشكە باشلىدى.ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بىلىم ئىگىلەپ ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن تاكاممۇللاشتۇرۇپ، يىڭى دەۋىر تەلىۋىگە ماسلىشىشقا يۈزلەندى.ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە،ئەجىر مېھنىتىگە تايىنىپ جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە شانلىق تۆھبىلەرنى نامايەن قىلدى ،يەنە ئۇلار ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن كەلگۈسى ئۈچۈن ھەر جەھەتلەردىن ياراملىق ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت مۈشكۈل،ئۇلۇغۋار بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا ئىزدەنمەكتە.
قىزلار-كەلگۈسىدىكى ئانىلاردۇر.ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن قانداق تەربىيىلىنىشى،كەلگۈسى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىستىقبالىغا چېتىلىدىغان چوڭ ئىش.بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەن ئاتا-ئانىلار قىز پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس پەزىلەت،ساپا بىلەن تەربىيىلەشكە كۈچ چېقىرىۋاتىدۇ.ئۇلار ئالدى بىلەنئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،گۈزەل خۈلقى-مىجەزى،سۆز-ھەركىتى بىلەن ئۈلگە بولماقتا.قىزلىرىنى ھايا-نۇمۇس تۇيغۇسىغا ئىگە،غۇرۇرلۇق،پاك،ھەقىقى گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئىشەنچ،ئىتىقادلىق،ئشچان،مەسئۇلىيەتچان،قەدىر-قىممىتىنى ساقلاشنى بىلىدىغان تەرتىپلىك،ئوڭلۇق،قابىلىيەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرمەكتە.
لىكىن،بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلەر ئالدىدىكى،مىللەت،جەمىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى بىلىپ يەتمەيۋاتىدۇ،بەلكىم ئۇلار،قىزلىرىنى كىچىك چاغلاپ رىسىدە بولغاندا تەربىيىلەشنى ئويلىشىۋاتامدۇ؟ياكى ئايىقى چېقماس مېھماندارچىلىق،رىستۇران ،ھەرخىل نامدىكى چاي ئولتۇرۇشلىرى بىلەن بالا تەربىيىلەش ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنمىدۇ؟ بىراق ئۇلار ئاخىرى كىچىكىپ قالغانلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىدۇ.
يانا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار باركى،ئۇلار پەرزەنتلىرى ئالدىدا پەردى-شەپ قىلماي خالىغانچە ئىش ئېلىپ بېرىپ سەبىلەر قەلبىدە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بىر كۈنى ئاپتۇبۇستا كېتىپ باراتتىم،يولدا يۈز-كۆزلىرىگە بولىشىغا گىرىم قىلغان ياش بىر ئانا يەتتە-سەككىز ياشلاردىكى قىزچاقنى يېتىلەپ ئاپتۇبۇسقا چېقتى ،ئەپسۇسلىنارلىقى قىزچاق لەۋلىرىنى قىپقىزىل بويىۋالغان ئىدى. ئاپتۇبۇس قوزغالغاندىن كېيىن ياشتا چوڭراق بىر ئايال قىزچاقتىن؛قىزىم لېۋىڭىزنى كىم بوياپ قويدى؟-دەپ سورىۋىدى،ياش ئانا- مېنى دوراپ بويىۋاپتۇ-دېدى، توغرا، ئانا قىزلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە.ئانىنىڭ ھەر بىر ھەركىتى بالىلارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ياش ئانا ئۆيىدە قىزىنىڭ كۆزىچىلا گىرىم قىلىۋەرگەچكە قىزچاق ئانىسىنى دورىغان...قارىماققا بۇ بىر كىچىك ئىشتەك كۆرىنىدۇ ،بىراق ئەقىل بىلەن ئويلىنىدىغان بولساق بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس، ياش ئانىنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن. مەنبە؛قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-13 05:25 PM