|
|
|
|
1-ئەسلىمگە قايتىش
ئىككىمىزنىڭ شۇ تۇنجى قىتىملىق ئۇچرۇشۇپ قىلىشىمىز،ئازاپلىق ۋە خۇشاللىقلارغا تولغان كەچۈرمىشىمىز،ئىشقىلىپ بۇ 7يىل جەريانىدىكى بارلىق كەچۈرمىشىمىز ھەممىسى مۇشۇ ناخشىغا زىچ باغلانغان خۇددى بۇ ئىككىمىزنىڭ مەخپىي بەلگىسىدەك ئۆيدىكىلىرىمىزنىڭ يانفۇنىدا بىر-بىرىمىزگە ئۇچۇر يازغاندا قارشى تەرەپتىن پارول سوراشلىرىمىز.پەقەت مەن ياش تۆكەلەمسەن دىگەندىلا ئاندىن ئەسلىي تىمىغا كىلىپ قىزغىن ۋە سەبىي كۆڭلىمىزدىن چىققان بالىلارچە سۆزلىرىمىز.ھەتتا ئۆيدىكىلىرىمىز بولمىسا سائەت-سائەتلەپ تۈگىمەيدىغان شۇ ساددا ئەمما ساپ بولغان پاراڭلىرىمىز.ئىسىڭدىمۇ؟بىز دائىم تىلفۇندا بىللە مۇشۇ ناخشىنى ئىيتاتتۇق.سەن دائىم مەن تىلفۇننى قويمىغىچە تىلفۇننى قويغىلى ئۇنىمايتىڭ،ھەتتا ئاخشاملىرى بىر-بىرىمىزنى خوش بالدۇرراق ئارام ئال دىيىش ئۈچۈنمۇ ئۇدا -ئۇدا يىزىلغان ئۇچۇرلار ،ئۇدا -ئۇدا ياخشى چۈش تىلەشلەر.ھازىر ئويلىسام شۇ كۈنلەر نىمىدىگەن ئەركىن ،نىمىدىگەن خۇشال كۈنلەر ھە.سەنچۇ كۆڭلۈمدىكى مەخپىي سۆيگۈنۈم ؟سەنمۇ شۇ كۈنلەرنى ئەسلەمسەن؟گەرچە ناگان-ناگان شۇنداق دىگەن بولساڭمۇ،شۇ ياقايۇرتلاردا ئاشۇ پارازىتلاشمىغان شۇ گۆدەك ،سەبىي چاغلارنى ۋە شۇ چاغدىكى ‹‹مەن››نى ئەسلىگىنىڭدە كۆزۈڭدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلەمدۇ؟ياكى توۋا شۇنداق مەتۇلارچە ياشاپتىكەنمەن،ھەتتا تىلفۇنمۇ ئىشلەتمەي ئۈندىدارمۇ ئوينىماي شۇ ساراڭ بىلەن شۇ‹‹تبگىمەس ناخشا››نى ئېيتىپ يۈرۈپتىمەن دەمدىغانسەن.
لىكىن مەن ئىشىنىمەن سەن تا ھازىرغىچە شۇنداق ئاق كۆڭۈل سەمىمىي قىز.لىكىن ئۇدا تۆت قىتىم مىنى رەت قىلغان ،يەتتە يىل مىنى چۈشەنمىگەن نادان قىز ،سەن قانچە رەت قىلغانچە مەندە ساڭا بولغان تەلپۈنۈش شۇنچە ئېشىپ باراتتى.
سەن مىنىڭ ھاياتلىق نىشانىم ئىدىڭ.توغرا سەن مىنىڭ بۇدۇنيادىكى ئىككىنجى ھاياتلىق نىشانىم ئىدىڭ،بىرىنجىسىنىڭ كىملىكىنى بەلكىم ساڭا ئوخشاش ۋاپادار قىز ئاللىقاچان پەرەز قىلىپ بولدى.ئۇ بولسىمۇ ئاتا-ئانام ،مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم بولسا ئۇلارنى ھەرەمگە ئاپىرىش. ئىشەن جىنىم گەرچە سەندەك بىر نىشانىمدىن ئامالسز ۋاز كەچكەن بولساممۇ لىكىن مەن شۇ پەرىشتىلەرنى ئاللا يول بەرسە چوقۇم ھەرەمگە ئاپىرىمەن بۇ مىنىڭ ئەقلىمنى بىلگەندىن بۇيان ئۆزۈمگە دەپ كىلۋاتقان خىتابدۇر.
لىكىن جىنىم سىەندىن ۋاز كىچىش شۇنداق تەس تۇيۇلدىكى ،شۇ تاپتا بۇ رىئاللىقنىڭ يالغان بولۇپ قىلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ھە.بۇ رىئاللىقنى ئىشىتكەن بۇقۇلۇقۇم پاڭ بولسىچۇ كاشكى،سىنى يەنە بۇرۇنقىدەك سۆيسەم گەرچە مىنى رەت قىلساڭمۇ سىنى يەنىلا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مەشۇغۇم دەپ سۆيسەم.مانا ئولتۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ شۇ چاغلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇپتىمەن.ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە خاتالىقى ،ئۆز بىشىمچىلىكى تۈپەيلىدىن سىنىڭ شۇ قىسمەتلەرگە يولۇقۇشۇڭغا، ۋىژدانىمنى ئىلغۇغا ئېسىپ قويۇپ قوش قوللاپ خوش،خوش دىگەنچە سۈكۈتتە تۇرماقتا مەن.بەلكىم شۇ چاغلاردا شۇ بالىلىقتا ئاشۇ كەپسىز بالىلارنىڭ قىتىغا كىرىپ يامان ئىشلارنى قىلىپ كۆڭلۈڭنى رەنجىتمىگەن بولسام.سەنمۇ مىنى قوبۇل قىلغان بولاتتىڭ ، شۇنداقلا
كاج پەلەك بۇنداق بالدۇر بەرگىلىرىڭنى تۆمىگەن بولاتتى گۈلۈم.خەيىر گۈلۈم!خەيىر !
مەنبە:ئۆز قەلبىم
داۋامىنى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ يازىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NURDEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-13 05:01 PM
|
|
|
|
|
|