مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2390|ئىنكاس: 21

بەختى قاچقانلار ‹داۋامى› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 04:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   داۋامى
ئاپا شۇ خىياللارنى قىلغاچ زۆھرەنىڭ ئىنىسىنىڭ قىشىغا كىردى ،گەرچە 17-18نىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ يەنىلا كىچىك بالىلاردەك بۇ ئىنىسى كىچىك ۋاقتىدا قىززىپ قالغان باھانە بىلەن مىڭە يىگىلەش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ  خىلى ئۇزاق كىسەل ئازابى تارتىپ ياتقان ھەم بىرە -بىر جىددىيلەشسە تارتىشىپ قالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇكىسىغا قارىسا چەكىسىز ئەلىمى ئاشاتتى لىكىن قىزى زۆھرەگە قارىسا خىلى يىنىكلەپ قالاتتى ،چۈنكى زۆھرە ئۇكىسغا بەكلا ئامراق بولۇپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالاتتى ،بىكار بولسىلا ئۇكىسىنى ئايلاندۇراتتى ،يىنىغا پۇل كىرسە ئاۋۋال ئۇكىسىغا كىيىم كىچەك ئىلىپ بىرەتتى ،بۇ مىھىرنى ئۇكىسىمۇ ھىس قىلسا كىرەك ،ئۇمۇ ئاچىسىغا شۇنداق ئامراق ئىدى ،ئاچىسى سىرتتىن كەلسىلاخوشال بولۇپ ئاچىسىنىڭ يىنىدىن چىقماي ئوينايتتى  ،ئاچىسىمۇ كىچىك بالىلاردەك ئۇكىسىنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ مەستلىكى كىلەتتى ھەم بىللە ئويناپ كىتەتتى  ،زۆھرە ئىنىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىشكە رازى ئىدى ،شۇڭلاشقىمۇ ئاپا قىزىدىن بەكمۇ رازى ،لىكىن بىردىنبىر ئەنسىرەيدىغىنى ئۆزىدىن كىيىن قالسا ئۇكىسىنڭ زۆھرەگە يۈك بولۇپ قلىشىدى ئىدى .
   زۆھرە ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقتى ھەم رۇسۇل ئاكىسىغا تىلفۇن قىلدى :
   -ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئاكا ،مەن زۆھرە ،ئابلكىم ئۇ قايسى دوختۇرخانىدا ؟
   -ئۇكام بىزئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ،بولدى كەلمەڭ ئابلىكىم تىخىچە ھۇشسىز ،كەلسىڭىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز ؟
    -مەيلى مەن باراي ،ئۇنى كۆرىۋالاي ،بىچارە نىمەدەپ ئەمدى ...........ئۇقاتتىق قىستاپ كەلگەن يىغىسىنى باسالماي قالدى ،ھەم تىلفۇننى قويۇپ ،كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توستى ھەم ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا قاراپ يول ئالدى .كاللىسىدا ھەرخىل خىياللار ئابلىكىم كىتىپ قالسا قانداق قىلارمەن ،ئىغىرمىدۇ ،پۇت -قولى ساقمىدۇ ،ئاللاھ ئاسانلىق بىرەرسىز ،ئۇنىڭ ھىچكىمگە يامانلىقى يوق ،نىمدەپ شۇنداق بولا  ؟شوپۇرنىڭ- كەلدۇق،- دىگەن سۆزى ئۇنى خىياللىرىدىن سەگىتتى ،ئارلىق يىقىنلىغانسىرى ئۇنىڭ يۈرۈكى دۈپۈلدەپ سوقاتتى ،ئاخىرى يول سوراش خىزمەت ئورنىغا كەلدى ھەم ،سىستىرا قىزدىن سورىدى :
-تۈنۈگۈن ،بىرسىنى ماشىنا ھادىسىدا مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەپتىكەن ،ئۇھازىر نەدە؟قانداقراق ياتىدۇ ؟
-توختاپ تۇرۇڭ ،مەن سۈرۈشتە قىلىپ باقاي ؟؟؟؟؟؟؟سىستىرا قىز خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كىيىن تىلفۇننى قويدى ھەم ئۇنى بايىلا ئوپراتسىيە بۆلمچىسىگە ئىلىپ كىتىپتۇ دىدى.
-ھە ؟نىمە ئوپراتسىيە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ توختاك خاتالاشتىڭىزمۇ قانداق ئۇنىڭ ئەھۋالى يەڭگىل ئىدى ،ئىسمى ئابلىكىم .
-ياق ،خاتا ئەمەس ئابلىكىم راخمان ئىكەنغۇ ؟
-ھەئە ،-زۆھرە قاپسىلىپ كەلگەن يىغىسىنى قويۇپلا بەردى،-ئوپراتسىيەنى نەدە قىلىدۇ ؟قانداق ئوپراتسىيە ئۇ ؟؟؟؟
.......
-ئاۋۇ ئىچىدىكى لىفىت بىلەن 9-قەۋەتكەچىقىڭ  مەن شۈنچىلىكلا بىلمەن ،قالدى ئەھۋالىنى مەسئۇل دولاختۇرىدىن سوراڭ ،-دىدى،ھەم قولى بىلەن ئىچى تەرەپتىكى لىفىتنى كۆرسىتىپ قويدى  مىھرى شۇنداق سوغۇق ھەم قورقۇنۇچلۇق بۇ كارىدور ئۇنىڭغا شۇنداق ئۇزۇن بىلىنىۋاتاتتى ،كاللىسىدا گىچماچ خىياللار ،پۇت -قوللىرى بولسا تىتىرەپ تۇراتتى توۋا ،لىفتىمۇ شۇنداق ئاستا كۆتۈرلىۋاتىدۇ ،لىكىن قەۋەت سانى ئاز قالغانسىرى زۆھرەنى تىخىمۇ قورقۇنۇچ بىسۋالدى .9-قەۋەتكە كىلىپ ئىشىك ئىچىلغاندا ئۇنىڭ يۈرۈكى توختاپ قالغاندەك بولۇپ ،نەپسى شۇنداق قىسىلدى ،تەستە قەدىمىنى يۆتكەپ لىفىتتىن چۈشتى ،لىفىت ئىغىزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە رۇسۇل ئاكىسى ئورۇندۇقتا يىغلىغىنىچە ئولتۇرۇپتۇ ،يىقىنلاپ بىرىپ روسۇل ئاكىسىنىڭ يىنىغا كەلدى ھەم رۇسۇلنىڭ ئىگىلىپ تۇرغان بىشىغا سەل ئىڭىشىپ قاراپ :
-ئاكا بۇ زادى نىمە ئىش ؟سىز يىنىڭ دىگەن ئىدىڭىز ،يەنە نىمە دەپ ئوپراتسىيە قىلىدۇ ؟زادى نىمە دەپپپپپپپپپپپپپپپپپپپ،زۆھرە چىدىمىدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئابلىكىمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى بار ،ئەھۋالىنى ئۇققۇسى بار بولسىمۇ لىكىن ئامالى يوق ئىدى .
:
-ئۇكام بولدى قايغۇرماڭ ،ئابلىكىم ئوپراتسىيىدىن چىقسا  ئىككىمىزنى كۆرۈپ تىخىمۇ قورقۇپ كەتمىسۇن ،كىچە ئۇنى ئەكىرگەندە ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنڭ بارماقلىرى مىجىلىپ كەتكەچكە پۇنىڭ بارماقلىرىنى كىسىۋەتمەي ئامال يوقكەن  ،-رۇسۇلنىڭ كۆزىدىن يەنە ياش ئاققىلى تۇردى ،زۆھرە بۇگەپنى ئاڭلاپ شۇنداق قاتتىق ۋاقىرۋەتتى ،دوختۇر سىستىرالار كىلىپ ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئاستا ئىلىپ ماڭدى ھەم سەل ياشقا چوڭراق ئايال گەپ باشلىدى ؛
- ئۇكام ،كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ ،غەيرەتلىك بولۇڭ ،شۇ يەردە ياتقاننىڭ ئۆزى بىر بەخت ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەن بالا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا تاپتى ئۇكام .............
  -ئاپا ...............قانداق قىلارمىز ،ئۇ قانداق قىلار ئۇنىڭ پۇتىنى كىسىۋىتىپتۇ ،قانداق ماڭىدۇ ،قانداق ماڭىدۇ ...........
  -ئۇكام ،پۇتىنىڭ بارمىقى بولمىسىمۇ ماڭغىلى بولىدۇ ،شۇ بىر مەزگىلى كۆنۈشكە باغلىق ،كىسىۋەتمىسە مىجىلغان گۆشلەر سىسىپ كىيىن بىر پۇت بىراق كادىن چىقىدىغان گەپ ئۇچاغدا ئۆمۈرلۈك مىيىپ بولۇپ قالىدۇ ،ئويلاپ بىقىڭە ؟ھازىرقى ئەھۋالى نەچچە ھەسسە ياخشى ......
زۆھرەنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى ،-ھەدە قانداق ياخشى بولىدۇ ،ياتقان سىزنىڭ بالىڭىز بولسا شۇنداق دەرمىتىڭىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ھازىر ئۇنىڭ ھالىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ ،بىر ئاللاھ ،سىلەر دوختۇرلار كىسىمىز دەپلا كىسىدىكەنسىلەغۇ ،كىمدىن سورىدىڭلا ؟؟؟؟؟؟
-ئەنە ئاكىڭىز ئۆزى قول قويدىغۇ ؟دىدى دوختۇرمۇ سەل ئازاپلانغاندەك.
-زۆھرە ئىتتىكلا دوختۇرنىڭ قولىدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ رۇسۇلنىڭ يىنىغا باردى ھەم :
-نىمە دەپ ماقۇل دەيسىز ،نىمە دەپ قول قويىسىز ؟
-ماڭىمۇ نە ئامال كەلسەم تىزدىن قول قوي دىدى ،بولمىسا كىيىنچە بىراقلا مىيىپ بولۇپ قالىدىكەن ،ئۇ قەغەزنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم .....
-قاراڭ بىمارغا ھەقىقى كۆيۈنسىڭىز ،بۇيەردە ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلماڭلار،دوختۇرلانىڭ زىھنىنى چاچسىڭىز ،خەتەر چىقىدۇ.......
-ئەمىسە ئۇنى قاچان ئىلىپ چىقىدۇ ،-زۆھرەنىڭ قىززىرىپ كەتكەن كۆزى دوختۇرغا ئۈمۈد بىلەن تىكىلدى .
-ئۇكام ئۇنىڭغا بىز بىرنىمە دىيەلمەيمىز ،قاراڭ ئاۋۇ چىراغ ئۆچسە ئوپراتسىيە تۈگىگەن بولىدۇ دەپ ئوپراتسىيە ئۆيى ئۈستىدىكى يىنىقلىق چىراغنى كۆرسەتتى .زۆھرەنىڭ زادى ئۇنى ساقلاپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى بار ئىدى .شۇڭا ئۇ رۇسۇل ئاكىسىدىن تىلفۇن ئىلىپ ئاپىسىغا تىلفۇن قىلپ سەل كەچرەك بارىدىغىنىنى ئەنسىرمەسلىكىنى ئىيتتى .
  ئالاھەزەل ئارىدىن 2-3سائەتلەر ئۆتكەندە دوختۇرنىڭ ئىيتقىنىدەك چىراغ ئۆچتى رۇسۇل ئىككىسى يۈگرەپ ئىشىك ئالدىغا بىرىشىغا ئىككى دوختۇر  كارۋاتتا ياتقان ئابلىكىمنى سۆرەپ چىقتى :
-ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى ،سىز مەن بىلەن ئىشخانىغا كىرسىڭىز ،-دىدى رۇسۇلغا قاراپ .
  ئىككەيلەن خىلى يىنىكلەپ قالدى ،زۆھرە دوختۇرلار بىلەن لىفىتقا چىقىپ كەتتى ،رۇسۇل دوختۇر بىلەن قالدى .
  بىشىنى ئاق بىنتا بىلەن تىڭىپ قويۇپتۇ ،يۈزلىرىنىڭ ئۇ يەر -بۇ يەرلىرىمۇ ئۇششۇق ئىكەن ،
تۇيۇقسىز زۆھرە ئابلىكىمنىڭ پۇتىغا قارىدى ئىچىپ قاراپ باققۇسى كەلدى ،لىكىن دوختۇرلار بولغاچقا ئۆزىنى سەل توختىتىۋالدى .5-قەۋەتكە چۈشۈپ ياتاققا ئالماشتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن دوختۇرلار زۆھرەگە تاپىلاپ دىدى :
-تۆت سائەتكىچە ئۇخلاپ قالمىسۇن ،15مىنۇتتا بىر ئويغۇتۇپ تۇرۇڭ ،تۆت سائەتتىن كىيىن ناركوزنىڭ تەسىرى تۈگەيدۇ شۇ چاغدا ئۇخلىسا مەيلى ،سۇنى بىۋاستە ئىچۈرمەڭ ،پاختا پەلكۈچنى سۇغا تەككۈزۈپ قويسىڭىز بولدى ،بەلى تىلىپ ئاغرىشى مۆمكىن بەل ئاستىغا قولىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئۇۋىلاپ قويۇڭ ئارام تىپىپ قالىدۇ ،-دەپ تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .دوختۇرلانىڭ ئايىقى ئۈزۈلگەندىن كىيىن زۆھرە ئابلىكىمنىڭ تىڭىغلىق قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى :
  -ئەنسىرمەڭ مەن با ،ھىچ ئىش يوق سىز تىزلا ساقىيىپ كىتىسى،- ئۇ ئابلىكىمنىڭ پۇتىنى تۇتماقچى بولدى يۇ ئاغرىشىدىن قورقۇپ توختاپ قالدى ،مەيلى نىمىلا بولسۇن ،ئۇ ماڭسۇن ياكى ماڭمىسۇن زۆھرە ئۇنىڭ يىنىدا بولىدىغانلىقىنى ،ئۇنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقنى ئۆزىنىڭ سەمىگە سالاتتى .
  ئابلىكىم خۇنۇك كۆزلىرى ،سۇسىراپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى ئاران مىدىرتىپ :
  -ئەنسىرمەڭ ،مە ن ياخ شى ،ئۆ يى ڭىز گە  قاي تىڭ .
-بولدى گەپ قىلماڭ ،مەن قايتىمەن ،تىلفۇن قىلىپ قويدۇم ،مەن ئاغزىڭىزغا سۇ تەگكۈزۈپ قوياي دەپ ،دوختۇر بەرگەن پەلكۈچنى نەملەپ ،ئابلىكىمنىڭ كالپۇكىغا ئاستا تەگكۈزۈپ قويدى . 20مىنۇتلارغىچە رۇسۇل كىردى ھەم زۆھرەگە قايتىشنى ئىيتتى ،زۆھرە قىيمىغان ھالدا دوختۇرخانىدىن ئايرىلدى ،لىكىن كۆڭلى بەك يىرىم ئىدى . ئۇ ئىچ -ئىچىدىن چىن نىيىتىدىن ئاللاھتىن ئۇنىڭ تىزرەك ساقىيىشىنى تىلىدى .ئۆيگە كەلگىنىدە ئاپىسى -داداسىغا ھەممنىنى چۈشەندۈرگەن بولۇپ ئۇلار قىزنىڭ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ھىچنىمە سورىيالمىدى ،زۆھرە تاماقمۇ يىمىدى ،كىرىپ ئۇكىسىنىڭ پىشانىسگە يىنىك سۆيۈپ ئىچىلىپ كەتكەن يوتقىنىنى تۈزەپ قويۇپ ياتىقىغا كىرىپ ياتتى .
   تاڭ بەك ئۇزۇن ئۇ ،كۆپكۆك ئاسماندا سانسىز يۇلتۇزلار جىمىرلاپ ئاسماننىڭ گۈزەللىكىگە ھۆسىن قوشاتتى ،يۇلتۇزۇم دەپ ئەركىلتەتتى ئابلىكىم ئۇنى ،ئۇ شۇ زۆھرە يۇلتۇزنى ئىزدەۋاتىدۇ ،ئابلىكىم ئوخشاتقان ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇزنى ئىزدەۋاتىدۇ ،ھەم ئابلىكىمنىڭ يۇلتۇزى يىنىمدا دەپ ئۆزىگە تەسەللي بىر يىتىپ ،قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنى تۇيماي قالدى ،
سەھەر ئاپىسى ئۆي ئىچىنى پاكىز تازلاپ ئۇكىسى ھەم دادىسى بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى ،زۆھرە چىقپ كەلدى .
  -ما يەر كەل قىزىم .تۈنۈگۈن نىمە ئىش بولدى ،ئاپاڭدىن ئاڭلىسام بىر دوستۇڭغا كىلىشمەسلىك بوپتۇ ،بىز تونامدۇق ،-دەپ سورىدى دادا زۆھرەگە قاراپ .
  -ياق تونۇمايسەن ،سىلەر ئەنسىرمەڭلار ئۇ ساۋاقدىشىم ،ھازىر ياخشى ،لىكىن نەچچە كۈن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشىم كىرەك مەن باراي .
  -ھە ماقۇل چاي ئىچىم ماڭ قىزىم .
  -بولدى ئاپا مەن ماڭاي .
زۆھرەگە ئاتا-ئانىسى ئەنەشۇنداق بەك ئىشىنىدۇ ،چۈنكى ئۇ بۇرۇن بۇنداق كەچ قالمىغاچ ،ئاتا-ئانىسىغا يالغان ئىيتمىغاچ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قالايمىقان كىشىلەربىلەن دوستلاشمايدىغىنىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ ،لىكىن زۆھرە ئۇلارغا ئابلىكىمنى نىمە دەپ تونۇشتۇرسام بولا  ،ھەي ئاپام دادامغا يالغان گەپ قىلدىم دەپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى ،بولدى ئابلىكىم ساقايسۇن ئاندىن ئۇلارغا تونۇشتۇرارمەن ،لىكىن ئۇ قاچانمۇ ساقىيا ،ماڭالارمۇ ،بۇنى بىلسە قانچىلىك كۆڭلى يىرىم بولا دىگەنلەرنى ئويلاپ يەنىلا بىئارام بولدى .
دوختۇرخانىغا كەلدى ھەم ياتاققا كىرىپ ئابلىكىمگە قاراپ چىقتى ،ئۇنىڭ چىراينىڭ رەڭگى تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا سەل ياخشى ئىدى ، ئۇنىڭغا قاراپ زۆھرە سەل يىنىكلەپ قالدى .ئابلىكىم ئۇخلاۋاتقان بولغاچقا ئۇنىڭ ئۇنى ئويغاتقۇسى كەلمەي پىنھان ئولتۇردى ،روسۇل تەرەت قاچىسىنى تازلاپ چىقتى ،ئىككىسى ئەھۋاللىشىپ زۆھرەگە ئابلىكىمنىڭ كىچىدىكى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بىرىۋاتسا ،سىستىرا قىز دوختۇرخانىنىڭ كۈندىلىك ھىسابات تالونىنى كۆتۈرۈپ كىرىدى .
  -پۇلىڭىز تۈگەپتۇ ،پۇل تاپشۇرۋىتىڭ ،-دىگىنىچە قەغەزنى رۇسۇلغا تۇتقۇزۇپ قويدى .
  -ھەي تۈنۈگۈنلا 10مىڭ تاپسۇرغان تۈگەپتۇ ،قانداق قىلارمىز مائاشىم چىقىدىغانغا با تىخى يىنىمىزدىكى پۇللارنى ئاتام -ئانامغا سىلۋەتكەن ئىككىلىمىز،ئۇلارغا دەي دىسەم بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىدىن ئەنسىردىم قانداق قىلارمىز -ھە؟
  -يەنە قانچىلىك تاپشۇرساق بولا؟
  -ئۇقمىدىم ئىشقىلىپ يەنە 4-5كۈن ياتىدۇ .
  -ھە چوڭلارغا دىمەڭ مەن ئامالىنى قىلاي ؟
  -سىز قىزبالا تۇرسىڭىز قانداق ئامالىنى قىلىسىز ؟
  -ئەنسىرمەڭ ،ئىشلىگەندە يىغقان پۇلۇم بار ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابلىكىم كىيىم ئىلىپ كىيىڭ دەپ بەرگەن پۇللارنى قوشسام 6-7مىڭلار چىقا ،مەن ئۆيگە بىرىپ كىلەي ،ئويغانسا مىنىڭ كەلگىنىمنى ئىيتماي تۇرۇڭ .
  شۇنداق قىلىپ زۆھرە ئۆيدىكى ئاپىسغا ئامانەت بەرگەن بانكا كارتىسىنىدوستىغا قەرىز بىرىپ تۇرىمەن دەپ  سوراپ ئالدى  ھەم يىغىلىپ قالغان ياتاق ئۆيىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىنى ئىلپ  ماڭدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ 6700يۈەن پۇلنى ئالدى ،ھەم كىتاپخانىدىن بىر نەچچە پارچە ھىكايە كىتاپمۇ سىتىۋالدى ،ئۇنىڭ ئابلىكىمنى زىرىكتۈرۈپ قويغۇسى يوق ھەم ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگۈسى بولغاچقا ئىرادىسىنى تاۋلاش ئۈچۈن ،‹پولات قانداق تاۋلاندى ›قاتارلىق نەچچە پارچە كىتاپنى ئالدى ...............
  كۈنلەر مانا شۇنداق ئۆتۈپ ئابلىكىممۇ ياتاقتىن چىقتى سالامەتلىكىمۇ بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى .زۆھرە ئابلىكىمنىڭ ھەممە ئوڭ پۇت ئاياقلىرىنى موزدوزخانىغا ئاپىرىپ ئىچىگە نورمال پاختا سالغۇزدى ھەم تاسما بىكەتكۈزدى .ئابلىكىمگە بۇ ۋەقە ئىغىر كەلسىمۇ قىز دوستىنىڭ بۇنچىلىك غەيرەت قىلغىنىغا قاراپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەنە يىرىم قىلغۇسى كەلمىدى .ئارىدىن بىر ئايلار ئۆتتى ،10-ئايلار مەزگىلى بولۇپ دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىرش ۋاقىتلىرى ئىدى .ئابلىكىمنىڭ ئاتا-ئانىسى تىلفۇن قىلىپ ئابلىكىم ئاكا-ئۇكىنىڭ كىلىپ پاختا تىرىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى ئۆزلىرىنىڭ يىتىشىپ بولالمايۋاتقانلىقنى ئىيتتى .ئەمدى قانداق قىلش كىرەك ئابلىكىم تىخى پۈتۈنلەي مىڭىپ كىتەلىگىنى يوق ،لىكىن بارمىسا يا چىنىپ قالىدۇ ،يا ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتىپ قويىدۇ ،مەسلىھەتلىشىپ ئابلىكىم قىلىپ پىراۋىغا قايتا ئىمتىھان بىرىمەن دەپ قالىدىغان رۇسۇل بىلەن زۆھرە بارىدىغان بولدى ،زۆھرە نەچچە قىتىم ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى ۋە تۇققانلىرى بىلەن تىلفۇن بىلەن كۆرۈشكەچكە بەك ياتسىراپمۇ كەتمەيتتى لىكىن ئەمدىدىكى مەسىلە ئاتا -ئانىسىنى قانداق ئۇنۇتۇش ئىدى ..ئۇ ئۆيگەكەلدى ،كىلىپ ئاپىسىنىڭ قىشىغا كىلىپ ؛
-ئاپا ،مەن شۈنچە چوڭ بوپتىمەن ،لىكىن سەھراغا بىرىپ باقماپتىمەن ،مىنىڭ سەھرالارغا بارغۇم كىلۋاتىدۇ ،ماقۇل دىسىڭىز دوستۇمنىڭ ئۆيى قەشقەرنىڭ مارالبىشىدا ئىكەن ،ئۇ ئىتىز ئىشلىرىغا ياردەملەشكىلى بارىدىكەن ،مەنمۇ بىللە بىرىپ كەلسەم بولامدۇ ؟
  -قايسى دوستىڭىز قىزىم ،خەق ئالدىراش بوپ كىتىدۇ ،با سىز ئاۋارە قىلىپ قويارسىز ؟
  -ياق مەنمۇ ياردەملىشىمەن ،ماقۇل دىسىڭىز ئۇ دوستۇمنى ئەكىلىپ كۆرۈشتۈرەي سىز بىلەن .
  -ھە بەك بارغىڭىز بولسا دادىڭىز ئىنىڭىز بىلەن قەشقەر بەشكىرەمگە بىرىپ كىلىڭلار ،چوڭ بولۇپ بىرىپ باقمىدىڭىز ؟
  -ئاپا دىگىنىم دوستۇمنىڭ ئاتا -ئانىسى ياردەمگە مۇھتاج ئىكەن ،شۇڭا دىگەن ......
   -لىكىن سىز قىز بالا بويىڭىزغا يەتتىڭىز ،يالغۇز يۈرسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟دادىڭىز ھەرگىز ئۇنمايدۇ .
  -شۇڭا سىزنى ياردەم قىلىڭ دىدىم جىنىم ئاپا ،مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ ،ماڭا ئىشىنىڭ ئاپا ...
  قايتا -قايتا يالۋۇرۇشلار بىلەن ئاپىسى دادىسىغا زۆھرەنى ئاكامنىڭ قىشىغا ئەۋەتەي دەيمەن دەپ 15كۈنلۈك روخسەت ئىلىپ بەردى .دادىسىمۇ سەل تەسرەك ماقۇل بولدى شۇنىڭ بىلەن ،ئابلىكىم قالىدىغان ،رۇسۇل ئىككىسى ئەتىسىلا بىرىپ ياردەملىشىدىغان بولدى .
  سەھرا جەننەت ماكان ،بولۇپمۇ ئالتۇن كۈز شۇ جاپاكەش دىھقانلارنىڭ جەننىتى ،زۆھرە رۇسۇل بىلەن بىللە مارالبېشىنىڭ پىچاق سۇندى دىگەن يىرىگە كەلدى،بۇ يەر دەرەخلەر بۇلۇق ئۆسكەن چوڭ يوللىرىدىن باشقا جايلىرى توپا يوللار بولۇپ مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلاتتى . ،ئابلىكىمنىڭ ئاتىسى ساقاللىق سەل قىرىغان كىشى بولۇپ تولىمۇ مىھماندوست مىھرىبان كىشى ئىدى ،ئاپىسى بولسا پۇت -قوللىرى چاققان شۇنداقلا قاراشتىن ئابلىكىمگە ئوخشاپ كىتەتتى ،ئۇلار بۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى ،ھەم ئاپىسىنىڭ تۇققانلىرى ھەممىسى ئابلىكىمنىڭ قىز دوستى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ بىردىن -ئىككىدىن كىرىپ زۆھرەنى كۆرۈپ چىقىپ كىتەتتى .زۆھرە گاھ ئوڭايسىزلانسا ،گاھ خىجىل بولۇپ بۇ بىر كۈننى تۈگەتتى ،شۇنداق قىلپ ئىتىز ئىشلىرىغا ياردەملەشكىلى كەلگەن بۇ شەھەرلىك قىز ئىككى تازا مىھمان بولۋالدى .3-كۈنى ئابلىكىمنىڭ ئاتا-ئانىسى سەھەر بامداتتىن كىيىن لەغمەن ئىتىپ يەپ ئىتىزغا ماڭماقچى بولغاندا زۆھرەمۇ ئۇلار بىلەن بىللە چىقتى .ئابلىكىمنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنى ئۆيدە قىلىشىنى بۇ ئىشلارنى قىلالمايدىغانلىقىنى ئىيتقاندا ئۇ ئۇنداقتا كۆرۈپ كىلەي دەپ ئۇنمىغانغا ئۇنماي ئۇلارنىڭ ئارقىغا كىرۋالدى ،زۆھرە خىيالىدا بۇلار نىمانچە بالدۇر ماڭىدىغاندۇ دەپ ئويلىغان ،لىكىن ئىتىزدا ئۇلاردىن بالدۇر چىققانلىقنى كۆرۈپ ئاندىن خىيالىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلدى .ئىتىزغا جەمئىي بولۇپ ئابلىكىمنىڭ ئاتا-ئانىسى روسۇل ئاكىسى ۋە ئۇنىڭ 6ياشلىق قىزى (ئاجراشقاندا قىزى ئۇنىڭغا قالغان )ۋە كىچىك ئاكىسى ئەر -ئايال،،سىڭلىسى  ،ھاممىسى بولۇپ نەچچەيلەن بىراقلا كەلگەن بولۇپ ئىتىزغا كەلگەندە بىرەيلەن بىردىن قۇرغا چۈشتى .ئابلىكىمنىڭ دادىسى زۆھرەنى رۇسۇل ئاكىسىنىڭ قىزى بىلەن بىللە ئويناشقا بۇيرىغاندا ئۇ ئۇنماي بىر قۇرنى ئالدى ھەم قولىغا خالتا ئىلىپ ئۇلارنى دوراپ پاختا تىرىشكە باشلىدى .شۇنداق قىلىپ زۆھرە پاختا تىرىشنى ئۆگىنىپ كەتتى .بىرنچى كۈنى 15كىلو ،ئىككىنچى ئۈچۈنچى كۈنى 17كىلودىن پاختا تىرىپ ،ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ بىسىمىنى يەڭگىللەتتى .ئۆز قورسىقىدا كىيىنچە توي قىلپ كىرسەم ئىككى جاپاكەش ئاتا-ئانىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىمەن دەپ ئويلايتتى .ئابلىكىمنىڭ ئاتا- ئانىسى ھەم ئۇلارنى تونۇغانلىكى كىشى ئابلىكىمنىڭ بەختىگە قاتتىق دۇئا قىلاتتى ،بەك ئىشچان قىز ئىكەن ،شەھەرلىك تۇرۇپ ھالى يوق ،يۈرۈش -تۇرۇشىمۇ شۇنداق قاملاشقان ،ھەي تەلىيى كەپتۇ ديىشىپ كەتتى .ھەش- پەش دىگۈچە كەلگىنىگە 13كۈن بولغان زۆھرە ئەتىسى ماڭىدىغان بولدى ،بۇ كەچ ئۇ ئوخشاشلا ئابلىكىمنىڭ سىڭلىسى ۋە رۇسۇل ئاكىسىنىڭ قىزى بىلەن بىللە ئايۋاندا ياتتى .
  -ئەتە كىتەمسىز ؟ سورىدى رۇسۇلنىڭ قىزى ئارزىگۈل .
  -ھە ئە  ،كىتىمەن ،نىمە بولدى ؟
  -مىنى بىللە ئالغاچ كىتىڭ بولامدۇ ؟
  -سىزنى ئەكەتسەم چوڭ ئاپىڭىزنىڭ كۆڭلى يىرىم بولىدۇ .
  - ئىشقىلىپ كەتسىڭىزمۇ سىزنىڭ تويىڭىزنى ئابلەك ئاكام بىلەن قىلىپ ئەكىلۋالىمىز ،-ئۇلار بىراقلا كۈلۈشۈپ كەتتى .شۇنداق قىلىپ زۆھرە مارالبېشىدىن ئايرىلدىغانغا ئاس قالدى .ئۇنىڭ ھەممىدىن بەكرەك كۆرگۈسى كەلگىنى ئۇماق ئۇكىسى بولدى ،ئۇ مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭدىن بۇنداق ئۇزاق ئايرىلمىغاچقا ئۇنى شۇنداق سىغىندى .تاڭمۇ ئاتتى رۇسۇل زۆھرەنى ماشىنا بىكىتىگە  ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ماشىنىنى تەييار قىلدى ،ئابلىكىمنىڭ ئاپىسى زۆھرەنى چىڭ قۇچاقلاپ ؛
-قىزىم ئاللاغا ئامانەت ،ئاللاھ خالىسا ئىتىز ئىشلىرى تۈگىسە بىزمۇ  ئۆتىمىز چوڭلارنىڭ سەمىگە سالارسىز؟ئۇلارغا سالام دەڭ ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،نان ياقتىم ئالغاچ كىتىڭ ،ئاندىن بۇ تىزىقنى سىلەرگە تىزدىم بىللە يەرسىلە.
-ماقۇل ،ئۆزڭىزنى ئاسراڭ ئابلىكىمدىن ئەنسىرمەڭ .
  شۇنداق قىلىپ ئۇلار قىيمىغان ھالدا قالدى ،رۇسۇلمۇ ئىش ئورنىدىن 2ئاي روخسەت سورىغان بولۇپ ئىشلارنىڭ ئايىغىنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندە قايتىدىغان بولدى .................
زۆھرە قايتىپ كەلدى ئالدىغا ئابلىكىم چىقتى ،ئۇ يىرىم ئاقسىغان بىلەن خىلى مەزمۇت مىڭىۋاتاتتى ،بۇنى كۆرۈپ ئۇ ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتتى .ئابلكىمگە ئاپىرىن ئوقۇدى .
  -جىنىم زۆھرە ئاخىرى كەلدىڭىز ،مەن ئەتتىگەنلا چىققان .
   -ھە ،تۇرىۋىرىپ پۇتىڭىز ئاغىردىمۇ ؟
   -ياق ھازىر خىلى كۆنۈپ قالدىم ،نىمە جىق نەرسە ئەكىلىڭ مەن كۆتۈرەي .
   -ۋاي ياق ،بولدى مەن كۆتۈرىۋىرەي ،پۇتىڭىز ئاغرىق تۇرسا .
   -ياقەي ساقايدى ،بۇنداق ھورۇن قىلۋەتمەڭ مىنى ،قاراڭ سەمرىپ كەتتىم .تويدا كۆتۈرۈپ ئەكىرىمەن سىزنى .
  - قىلىن ........ئەمىسە مانى ئىلىڭ نان ،ئاپىڭىز سىزگە ئەۋەتتى .ھەراسىت ،تىزىقمۇ بار ...
   -ئاپام بىچارە ھەر يىلى ئۆتكۈزىدۇ بۇنى ،تەڭ يەيلى ،يۈرۈڭ ئۆيگە بارايلى .
-ياق ئابلىكىم مەن ئاۋال ئۆيگە باراي ،دادام -ئاپام ئۇكامنى بەك كۆرگۈم كەلدى ،ئاندىن سىز بىلەن ئالاقىلىشاي ،جۈرۈڭ ئەمىسە ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي .
-ماقۇل ..
  زۆھرە ئۆيىگە كەلدى ،ئۇنىڭ ئۇكىسى ئاپىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكىسى بار ئىدى ،ئۇلار بىلەن ئۇزاقراق بىللە ئولتۇرغۇسى كەلدى .ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ئىشىكنى چەككەنتى ،ئاپىسى ئاچتى ،ئاپىسىنىڭ بىر يۈزى كۆك ئۇ كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى ھەم نەرسىلىرىنى قويۇپلا سورىدى :
-نىمە بولدىڭىز ئاپا ؟
-بولدى قىزىم  سورىماي ئىچىگە كىرىڭ ،
ئۆيدە ئاپىسىنىڭ ئاكىسى ئولتۇراتتى ،دادىسىنىڭ پەيلى شۇنداق يامان ،ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى ،دىمەك ئاپىسى ئىككىسىنىڭ يالغانچىلىقى ئاشكارلىنىپ قىلپ ئاپىسى دادىسىدىن تاياق يىگەن ئىدى .
  -نەگە باردىڭ ؟؟؟؟؟؟سەن ئادەمنىڭ بالىسى ھە ؟ زۆھرە ئىغىز ئىچىپ بولغۇچە دادىسى ئۇنىڭ ياقىسىدىن سۆرىگىنىچە تۇتۇپ ئالدى ،ئاپىسى بىلەن تاغىسى توسپمۇ توسۇپ بولالمىدى ،-ۋۇ ھايۋان ،مەن سىنى ئادەم دەپ بىقىپ ،كۆزۈڭگە قاراپ چوڭ قىلسام شۇمۇ بىزگە قايتۇرغان جاۋابىڭ ئىيتە نەگە باردىڭ ؟
  -دادا،جىنىم دادا مەن دەي قويىۋىتىڭ دەپ بولغۇچە ،ئوڭ يۈزىگە تەگكەن شاپىلاق ئاغرىقىدىن يەرگە گۈپ قىپلا يىقىلدى .نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمىگەن ئۇكىسى ئاچىسىنىڭ قىشىغا كىلىپ يىغلاپ كەتتى ،ئاپىسى ئۇنى سىلكىيتتى ،بىر تەرەپتىن قاخشايتتى :
-نىمە قىلاي دەيسىز ئۆلتۈرۈپ قويماقچىمۇ قىزىمىزنى ،ئاۋۋال سوراپ باقمامدۇ ؟قىزىم زۆھرەرىم ئاچە كۆزۈڭنى بالام ،ئاچە ،ماڭا قارا قىزىم ،ئۇكاڭ يىغلاپ كەتتى ئاچە كۆزۈڭنى .
-ئاپا ،مەن ھىچنىمە بولمىدىم ،دادامنى تىللىماڭ ،گۇناھ مەندە ،مەن سىلەرنى ئالدىدىم ،مىنى كەچۈرۈڭلار .........دادسىمۇ يىغلاپ تاشلىدى ،لىكىن ئامراق قىزىنىڭ بەڭۋاشلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈپ يەنە چالۋاقاشقا باشلىدى :
-ماڭ ئا بىرنىمەڭنى دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈت ،يۈزۈمگە داغ چۈشىدىغان ئىش قىلغان بولسا ئۇمۇ ياشىمايدۇ ،مەنمۇ ياشىمايمەن .
- دادا  ماڭا ئۇنداق ھاقارەت قىلماڭ ،يۈزىڭىزنى تۆكىدىغان ئىش بولغىنى يوق .مەن پەقەت.............................................................................................................................زۆھرە ئابلىكىم بىلەن بولغان ئىشىنى ھەم ئۇنىڭ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىغىنىنى ،بۇ قىتىم ئۇنىڭ قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ قىشىغا بارغانلىقىنى ۋە ئابلىكىمنىڭ ئاپىسىنىڭ قايتقان چاغدىكى سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى دادىسىغا بىر بىرلەپ سۆزلەپ بەردى ،دادىسى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ :
-چاقىر ئۇ ھارامزادىنى ،قىزىمنى ئازدۇرۇپ ...
-دادا ئۇنىڭ پۇتى ئاغرىق بولدى قىلغىن ،سەل ياخشى بول.........................
-مەن ساڭا چاقىر دىدىم ئۇنى ..........
  زۆھرە تىلفۇن كونۇپكىسىنى ئاران باستى :
  -ئابلىكىم كىلىپ كىتەمسىز؟
-نەگە ؟نىمە ئىش بولدى ؟
-ھىچ.................
-ھەي ،ما ئۆيگە كىلەۋە شۇم ، -دادىسى زۆھرەدىن تىلفۇن تورۇپكىسىنى تارتىۋالدى ،ۋە گىپىنى تۈگىتىپلا تىلفۇننى جاڭڭىدە قىلىپ قويۋەتتى .
-دادا ،جىنىم دادا ئۇ يىڭى دوختۇرخانىدىن چىققان .....
-ئۆچە زۇۋانىڭنى ،ماڭ ئا شۇمۇڭنى ئەكىركەت .شۇنداق قىلىپ زۆھرەنىڭ 15كۈنلۈك خوشاللىق ،جاپالىق ،ھەم رازىمەنلىك ئىلكىدە ئۆتكۈزگەن ساياھىتى مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى ،ئاپىسى ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ياتاق ئۆيىگە ئىلىپ كىردى ھەم :
-ماڭىمۇ راست گەپ قىلمىدىڭمۇ قىزىم ،مەن ئاپاڭ بالام ،مەن ئاپاڭ .....
-خاپا بولماڭ ئاپا مەن خاتا قىلدىم ،سىزنى ياردەم قىلماس دەپ ئويلاپتىمەن ...
-ئەمدى قانداق قىلسەن ،داداڭنىڭ پەيلى شۇنداق يامان .....
-بىلمىدىمممممممممممممممممم
ئارىدىن 15-20مىنۇتلارچە ۋاقىتتا ئىشىك قوڭغىرىقى بىسلدى ،دادسى  ئىشىكنى ئاچتى ،ئابلىكىم ھۆرمەت بىلەن ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم دەپ قول ئۇزاتتى ۋە زۆھرەنىڭ دادىسى ۋە تاغىسى بىلەن كۆرۈشتى .زۆھرەنىڭ سومكىسىنىڭ يەرگە تاشلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئابلىكىم سەل جىددىيلىشىپ ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە زۆھرەنى ئىزدەش نەزىرى بىلەن قاراپ چىقتى .
-ھە ئىسمىڭ نىمە ؟
  -ئابلىكىم
  -نىمە ئىش قىلسەن ؟
  -ماشىنا ھەيدەۋاتقان يىقىندا ماشىنام ھادىسىگە ئۇچراپ ئوڭشىتىۋاتقان ،
   - ئاتا -ئاناڭچۇ ؟
  - دىھقان
   -قىزىم بىلەن توي قىلىمىز دىيىشكەنما؟
  -ھەئە ،ئاتام -ئانام ئىتىز ئىشى پۈتكەندە كەلمەكچى قىز سوراپ .
  -قىز سوراپ ،ما قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بارلىقىنى بىلىدىكەنسەن ھە ؟يۈزۈڭگە ساقال چىققان ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن ،قىزىم ئا يۇرتۇڭغا بارىمەن دىسە ،ئاتا -ئانىڭىز ئۇنىدىمۇ دىيىشنى بىلمىدىڭما؟ۋۇ لەنىتى ؟قىزىم ئۇ يەرگە يالغۇز كەتسە ئەل -مەھەللەڭ نىمە دەپ قالغاندۇ قىزىمغا ياخشىما ؟
  -ئۇنداق جىق ئويلىماپتىمەن ،خاپا بولمىسىلا ،زۆھرەدە گۇناھ يوق ....
  -ماقۇل ،توي قىلىمەن دە ،توي قىلساڭ ئولتۇردىغان ئۆيۈڭ باما ؟
   -ياق ،توي قىلسام زۆھرەنى ئىلىپ مارلبېشىغا كىتەيمىكىن دىگەن ،-ئابلىكىمنىڭ گىپى تۈگىشىگىلا زۆھرەنىڭ دادىسى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگىلا مۇش بىلەن بىرنى سالدى :
-ۋايجان .........
  ئابلىكىم ياندىلاپلا يىقىلدى  ئىچىدە ئولتۇرغان زۆھرە چىدىماي يۈگرەپ چىقتى :
-دادا ،ئوبدان دادا،جىنىم دادا خوش بوپ قالاي ئۇ يىڭى دوختۇردىن چىقتى ئۇنداق قىلما ماقۇلما ،ئىچىڭ ئاغرىسۇن دادا ،شۇنداق دەپ ئابلىكىمنىڭ يىنىغا تاشلاندى ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى ئارىسىدىن قان چىقۋاتاتتى .
  -دادا قارا قان چىقىپتۇ .ئۇنداق قىلما ،بىز توي قىلساق ھىچ يەرگە كەتمەيلى ،يىنىڭدا تۇرىمىز ئۇكامنى باقىمىز دادا ..
  -مەن توي قىلسام يۇرتقا كىتىپ ئاتام -ئانام بىلەن بىللە تۇرىمەن ،سىزنىمۇ ئىلىپ كىتىمەن .بۇ يەردە ئەمدى تۇرغۇم يوق ..
-نىمە قىزىمنى مەندىن ئايرىۋىتەمسەن ..
-دادا جىنىم دادا خوش بولاي ،ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىل ..
-كەچۈرۈڭ راستىنلا بۇ يەردە ،تۇرغۇم زۆھرە ،ئاتام -ئاناممۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ،شۇ يەردە تۇرايلى بولامدۇ ؟
  -ياق مىنىڭ قىزىم ھىچ يەرگە بارمايدۇ ،ئەگەر بارىمەن دىسە مەن پۇت -قولىنى چىقىۋىتىپ ،ئاندىن باقىمەن ...پەقەت بولمىسا ئاتا-ئانام يوق دەپ ماڭسۇن ........
-ئۇنداق دىمىسىلە ،مەن زۆھرە بىلەن بەخىتلىك بولساملا ،سىلىمۇ ،ئاپىمىزمۇ رازى بولىدۇ-.
-بالام ئاشۇ يەردە دىھقانچىلىق قىلپ جاپا تارتسا بەختلىك بولامدا ،ماڭا قارا مەن دىگىنىمنى قىلغان ئادەم ،يا ئاتا -ئاناڭ كەلسۇن بىر ئاي ئىچىدە تويۇڭلارنى قىلىمىز ،مەنمۇ چىقىراي ئاتا-ئاناڭمۇ چىقارسۇن كىچرەك بولسىمۇ ئۆيدىن بىرنى ئالىمىز ،مۇشۇ يەردە ،كۆزىمىزدە تۇرۇشىسەن ،ياق دەيسەن ئاستا يوقال ،زۆھرەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئىلىشىڭغىمۇ روخسەت يوق .
-كەچۈرۈڭ ،تاغا ،ئاتام -ئانام بۇ يەرگە كىلەلمەيدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۇلاردا پۇل يوق ،ھەم مىنىڭمۇ بۇ يەردىن ئۆي ئىلىپ ئولتۇرغۇم يوق ،ئۆي ئالساممۇ ئۆز يۇرتۇمدىن ئالىمەن .
-ئابلىكىم دادام بىلەن تاكاللاشماي دە دىسىڭىز ،كىيىنچە پاراڭلاشساق بولمامدۇ ؟
-لىكىن مەن قۇرۇق ۋەدە بىرەلمەيمەندە ،زۆھرە .
  زۆھرەنىڭ داداسىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى بولغاي ئابلىكىمنى ئىتتەردى ؛
-ماڭ يوقال .ئۆيدىن چىق ،
زۆھرە داداىسغا ئىسلۋالغان ئىدى ،دادىسى ئۇنى سىلكىۋەتتى ھەم ئاپىسغا ۋاقىردى :
-ماڭ ئۆيدىكى زەنجىرنى ئىلىپ چىقى ،ما شۇمنىڭ پۇت -قولىنى باغلا ،بىر ھەپتىگىچە قىزلا لازىم دەيدىغان ئادەم بولسا ئۇنى بىرىپ بىشىمنى ساقايتىمەن .
-ئۇنداق قىلماڭ تاغا ...
- سەن يوقال ،- شۇنداق دىگىنىچە زۆھرەنىڭ دادسى ئابلىكىمنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى .
زۆھرە جان ئاچچىقىدا يىغلاپ ۋاقىراپ تۇرۇپ:
-بولىدۇ ،دادا سەن كىمنى تاپساڭ مەن تىگەي ،ئابلىكىم ئاڭلاپ تۇرۇڭ بۇندىن كىيىن مىنى ئىزدىمەڭ ،مەن مۇشۇ يەردە توي قىلىپ ئاتا-ئانامنىڭ ،ئىنىمىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن ،توي قىلمىسام مەڭگۈ يالغۇز ياشايمەن ،مىنى ئەمدى ئىزدىمەڭ ..........
  شۇنداق قىلىپ زۆھرە ئۆيدىن تالاغىمۇ چىقمىدى ،ئابلىكىم ئۇنى ئىزدەپ تىلفۇنمۇ قىلمىدى ،زۆھرە ئۆز كۆڭلىدە دادامنىڭ ئاچچىقى يانسائىككىسىنى ياخشى قىلىپ قويىمەن دەپ ئويلايتتى .لىكىن ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى زۆھرەنىڭ دادىسى زۆھرەنى چاقىردى :
-ئالە مانى كۆرۈپ  باق ،توي قىلغان ئىكەن ،ئايالى تۇغۇتىدا ۋاپات بوپتۇ ،ئىككى ياشقا كىرگەن قىزى بار ،لىكىن ئۇنى ھىساپقا ئالمىغاندە ھەممە يىرى ئا بىرنىمىنىڭكىدىن ياخشى ،ئۆيى بار ،خىزمەت ئورنى بار ،ماشىنىسى بار ...
-دادا ،مىنىڭ ھازىر توي قىلغۇم يوق ،
-يىغ ئاغزىڭنى ،ئۇنداق بولسا نىمە دەپ ئا شۇم بىلەن ئارلاشتىڭ ،مەن دىيىشىپ قويدۇم ،ئاپاڭ چاققان تۇتۇش قىلسا بىر ئاي ئىچىدىلا تويۇڭ بولىدۇ .
  ئاھ خۇدا تەقدىر پىشانە دىگەن شۇمۇ مەن ياخشى كۆرگەن كىشىنى ۋىسالىغا يىتىش شۈنچە تەسمۇ ،ئابلىكىم ...ئابلىكىم سىز نەدە ........
زۆھرە دادىسىنىڭ ئىشقا كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاپىسىدىن بىر سائەتلىك دەپ روخسەت سوراپ ئابلىكىمنى ئىزدەپ بىرىش نىيىتىگە كەلدى ،ھەم ئۇدۇللا ئۆيگە باردى ،ئىشىكنى ئۇزۇن چەكتى ئاچىدىغان ئادەم يوق ئاخىرى يىنىدىكى ئاچقۇچ بىلەن ئاچتى ،ئۆيدە بىر قىز بەخىرامان ئۇخلاۋاتاتتى .ئۇ قىزنى ئويغاتتى .:
-ھەي قوپۇڭ ،ھەي ....سىز كىم ؟ نىمە قىلىسىز بۇ ئۆيدە ؟
-ۋاي -ۋۇي سىز كىم نىمىشقا ئوغۇتىسز مىنى ؟مەنچۇ ئابلىكىمنىڭ قىز دوستى .تازىمۇ بىر كىتىڭە مىڭ ،ئۇ ئاللىقاچان سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى ،دادىڭىز ئۇنى شۈنچىلا ئۇرۇپتۇ ،توۋا ساراڭ ئادەممۇ ئۇ .........
زۆھرە ئىشىكتىن ئىتىلىپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتى .ئۇ ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھىس قىلدى ،ھەم كۆڭلى يىرىم بولدى ۋە ئىككىسى دائىم بارىدىغان سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ كۆلى يىنىدا سۇغا قاراپ بىرەدەم ئولتۇرۇپ ئويلاندى ،ئابلىكىم بىلەن تونۇشۇپ يۈرۈپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئىشلار كۆز ئالدىدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتىۋاتاتتى .ئاخىرى يىشىنى سۈرتتى ھەم ئۆزىچە كۈلۈپ قويۇپ قوپۇپ كەتتى .
ئىغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدى ،كەلسە دادىسى چۈشلۈك تاماققا كەلگەن ئىكەن :
  -مەن سىنى تالاغا چىقما دىمىدىممۇ
-مەن تويغا قوشۇلدۇم ،قانچە تىز بولسا ،شۈنچە ياخشى ................
-ھە كاللاڭدىن ئۆتكەن بولسا ياخشى ،مەن بىكىتەي بىر كۈنى چىقىپ ئوغۇل بىلەن كۆرۈشىڭىلار
-بولدى ،توي كۈنىلا كۆرۈشىلى .
زۆھرە ئۆيىگە كىرۋىلىپ تاماقمۇ يىمەي ياتتى ،
ئارىدىن 15كۈنچە ئۆتكەندە ئابلىكىم زۆھرەنىڭ توي قىلىدىغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىدى ،يۈرىكى موجۇلدى ،بىئارام بولدى ،ئۇنى ئىزدەپ نەچچە رەت باردى يۇ تاپالمىدى .مانا ئۇنى ھازىر تويىدا كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ ،زۆھرە نىڭ تويى ،توي يىگىتى ئەپسۇس ئۇ ئەمەس ........
- ئابلىكىم ؟ سىز نىمە قىلىسىز بۇ يەردە؟
-مەن زۆھرەنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان .
-بولدى ئابلىكىم ،زۆھرە سىزنى ئىزدەپ بارسا ئۆزىڭىز باشقا قىزلارنى ئۆيىڭىزدە ساقلاپ يۈرۈپسىز يەنە نىمە دەيسىز ؟
  -نىمىلەرنى دەيسىز بۇخەلچەم ؟
-ھەي ،زۆھرە داداسى توي گىپى چىقارغاندا سىزنى ئىزدەپ بىرىپتىكەن ئۆيىڭىزدە بىر قىز بار ئىكەن ،مەن ئابلىكىمنىڭ قىزدوستىيەي ،ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ ،دادىڭىز نىمەدەپ ئۇنى ئۇردۇ ئۇچى بۇچى دەپتۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
-ۋاي توۋا ،-ئابلكىم ئىككى قولى ئارىسىغا بىشىنى ئىلىپ ئۇھسىنىپ ئولتۇرۇپلا قالدى ،ھەم..
-توۋا بۇخەلچەم ئۇ بۇرۇنقى قىز دوستۇملىقى راست ،لىكىن ئۇ كۈنى نەرسىلىرىمنى ئوغرىغا بەردىم ئۆيگە كەتكۈدەك پۇل يوق دىگەن مەن ئۆينى تاشلاپ بىرىپ چىقىپ كەتكەن .
-لىكىن ئۇ  ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى قانداق بىلىدۇ ؟
  -پۇل قاپچۇقۇمدا ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ سورىغان دەپ بەرگەن ئىدى .
-بۇخەلچەم ،زۆھرە نىمەدىگەن ساددا ،زۆھرە .........
-ئابلىكىم نىمە قىلاي دەيسىز ۋاقىرماڭ ،بۇ يەردە ئادەم جىق زۆھرە سىزنى دەپ ھىلىمۇ ئاز جاپا تارتمىدى بولدى قىلىڭ .مىڭ تالاغا .......بولدى ئەمدى بۇ ئىشلار تۈگدى ،ئۇ بەختلىك بولسۇن.
زۆھرە ئابلكىمنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى ھەم ئاق لىباس ئىچىدە ياشلىرى تاراملاپ ئىقۋاتاتتى ،بىشنى كۆتۈرىشىگە بۇخەلچەمنىڭ ئۇنى سۆرەپ چىقىپ كىتىپ بارغىنىنى كۆردى .شۇنداق قىلپ ئىككى ياشنىڭ بەختى شۇنداقلا تۈگدى .
تويدى بىر ئاي كىيىن ،ئابلىكىم بالا كۆتۈرۈپ كىتىپ بىرىۋاتقان زۆھرەنى كۆردى ،ئىككىسى سالاملاشتى :
-ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،بۇ بالا كىمۇ ؟
-قىزىم .
-زۆھرە           ،سىز  ،جۈدەپ قاپسىز  ؟
-  مەندىن ئەنسىرمەڭ ،
-سىزچۇ ،قىز دوستىڭىز بىلەن قاچان توي قىلاي دەيسىز؟
-پات يىقىندا ،
-ھە بەختلىك بولۇڭ ،يولدۇشۇمنىڭ كىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى مەن ماڭاي تاماق ئەتمىسەم بولمايدۇ ،ئاللاغا ئامانەت ئامان بولۇڭ .







     



ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 06:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ، بىراق ئاخىرى سەل تومتاقلا تۈگەپ كەتتىمۇ نىمە

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 06:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىمىزدىكى بەختنى چىڭ تۇتۇشنى بىلمىسەك بەلكىم مۇشۇ ھېكايىدىكىدەك قېچىپ كەتسە كېرەك.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 07:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھاي................نېمانداق تۈگەتتىڭىز دەيمەن ئاخىرىنى؟

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 07:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى تۇگدىما ؟

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 08:50:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 12:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم!!!!!!!!
سىز ئۇنى سۈيىسىز ئۇمۇ ھەم سىزنى سۈيىدۇ !
مۇھەببەتلەشكەندە كۈلىرىڭلار شۇنداق خۇشال - خۇرام ھەم شۇنداقلا جاھاندىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر دەل سىلەر ئىككىڭلار.
ئەپسۇس مىڭلارچە ئەپسۇس ....
شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ سىز باشقىلارنىڭ ئىرى ياكى خوتۇنى ئۇ باشقىلارنىڭ  ئىرى ياكى خوتۇنى سىلەرگە جاھان شۇنداق تاردەك بىلىنىدۇ!
چۈنكى سىلەر تاساددىپى ئۇچرىشىپ قالىسىلەر ئەمما باش لىڭشىتىپ سالاملىشىشتىن ئۆزگە چارە يوق ، لىكىن كۆڭلۈڭلاردا بولسا ‹‹ ئىسىت ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن بەختىيار كۈنۈم ھە!!!›› دەيسىلەر
مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ داۋامى ۋە ئاخىرلىشىشى

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1321 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 12:44:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amarjan133 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-14 12:56 AM
ئەمدى ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم!!!!!!!!
سىز ئۇنى سۈيىسىز ئ ...

ياشاش مىزانىڭىزدا خوتوندىن باشقىسى يوقكەندە؟

ئاللا ھەممىنى كۆرۆپ تۇرغۇچىدۇر. قولىڭىزدىن مۇھەببەتلەشكەن قىزنى ئىلىش كەلمىگەن ۋاقىتتىن كىيىن، ئۇ سىزنىڭ ھىچنىمىڭىز ئەمەس.

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 04:50:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 07:06 PM
ئاھاي................نېمانداق تۈگەتتىڭىز دەيمەن ئاخىرىنى؟

قانداق يارىمىدىما

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 04:50:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-13 07:32 PM
داۋامى تۇگدىما ؟

ھەئە جىنىم

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش