پەننۇرى سودا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى
مەزكۇر يۇمشاق دېتال پەننۇرى شىركىتى تەرىپىدىن سودا ئىشلىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، تاۋار كىرگۈزۈش، سېتىش، خادىم باشقۇرۇش، سېستىما باشقۇرۇش، بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلار بار بولغاندىن سىرت يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە، يېقىشلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن.
پەننۇرى سودا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى پەننۇرى شىركىتى تەرپىدىن 2011-يىلى بازارغا سېلىنغان يېپىق كودلۇق ساپ ئۇيغۇرتىلىدىكى يۇمشاق دېتال بولۇپ كەڭ خېرىدالارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن يىلدىن - يىلغا يېڭىلىنىپ 2014 - يىللىق نۇسخىسى بازارغا سېلىندى.
پەننۇرى سودا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى تىجارەتنىڭ تۈرلۈك قائىدە - قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن سودا ساھەسىدىكى بارلىق ھېسابات ئىشلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كەڭ دائىرىلىك، مول مەزمۇنلۇق بىر خىل يۇمشاق دېتال بولۇپ، سىز بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەندە مال كىرگۈزۈش، سېتىش، مەلۇم خىل مال ياكى بارلىق ماللاردىن ئېرىشكەن كىرىم ۋە چىقىم، خېرىداردا قالغان قەرز قالدۇقى، ئەكىرمەكچى بولغان ماللار تىزىملىكى قاتارلىق تىجارەت ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز. شۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ، كەلگۈسى تىجارەت نىشانىنى بەلگىلىيەلەيسىز.
پەننۇرى سودا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى دۇكان، سودا - ساراي، ئامبارلارنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىنىڭ قولايلىق، ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئاساسىدا پەننۇرى پەن - تېخنىكا ئېچىش چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل، ئەتراپلىق ھالدا لايىھەلەنگەن يۇمشاق دېتال بولۇپ ھازىر ئۇنىڭ يەككە نۇسخىسى، تور نۇسقىسى ۋە ئاممىباب نۇسقىسىدىن ئىبارەت 3 خىل نۇسقىسى بار.
مەزكۇر يۇمشاق دېتال دىيارىمىزدىكى ھەرخىل چوڭ - كىچىك سودا دۇكانلىرى، تاللا بازىرى ۋە زەنجىرسىمان دۇكانلار، كۆلەملەشكەن شىركەت - كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ئەندىزىسىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئىقتىدارلىرى مۇكەممەل ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق قىلىپ تۈزۈلگەن.
مەزكۇر سودا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئالاھىدىلىكى تاياقچە كود ئوقۇش ماشىنىسى، تاياقچە كود بىسىپ چىقىرىش ماشىنىسى، 2 - ئەۋلاد كىملىك ئوقۇش ماشىنىسى، سانلىق ئۇچۇلارنى يىغىش ماشىنىسى، قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمەت ماشىنىسى، پېرىنتىرلىق ئېلىكتىرۇنلۇق تارازا ۋە كۆپ خىل ئېلىكتىرۇنلۇق قوراللارنى قوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ سىزنىڭ كۆپلىگەن ئىشلىرىڭىزنى قولايلاشتۇرۇپ سىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز پەننۈرى ئۈندىدار سالۇنىمىزنى قوشىۋىلىڭ. ئۈندىدارنىڭ سالۇن قوشۇش تۈرىگە pannuri دەپ كىرگۈزۈپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇۋەلى ھىيت يانفۇن: 18609987373 تېخنىك : مەمەتئىمىن پەيزۇللا يانفۇن : 13899198230 شىركەت تېلىفۇنى : 2972633 - 0998 شىركەت ئادېرىسى: ئوتتۇرا غەربى ئاسىيا سودا بىناسى (ئەسلىدىكى ماي كىنوخانا ئورنىغا سېلىنغان ئېگىز بىنا) 1-كورپۇس 13-قەۋەت (1303-1) نومۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatamin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-13 03:55 PM
|