مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4918|ئىنكاس: 24

بىلىمخۇمار: تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 09:46:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى

مەن بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھېچ قانداق كىتاب يوق بىر دەۋردە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم. مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا بېسىلغان بالىلار كىتابىغا ئېرىشكەن ۋاقتىم تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققان 1967-يىللىرى بولۇپ، ئۇ چاغدا «قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە» دېگەن بىر بالىلار كىتابى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلدى. ئۇ كىتاب ئاقسۇدىكى كىتابخانىغا سېلىنغان ھامان (ئۇ چاغدا ئاقسۇ شەھىرى بويىچە پەقەت بىرلا كىتابخانا بار ئىدى) مەن ئۇنى ئۆزۈم يىغقان پۇل بىلەن سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكىمدىن، ئۇنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمغىمۇ تەشۋىق قىلدىم، ھەمدە 15 تەك بالىدىن پۇل يىغىپ، كىتابخانىدىن ئۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، ساۋاقداشلىرىمغا تارقىتىپ بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەن كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن قىزىققان بولساممۇ، ئۆز يېشىمغا ماس كېلىدىغان كىتابلار ئاساسەن يوق ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بىزگە بىكارغا تارقىتىلىپ بېرىلگەن ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرى بىلەن لۇشۈن ئەسەرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئوقۇپ چىققان ئىدىم.

مەن ياپونىيىدە ئىككى يېرىم يىل ۋە ئامېرىكىدا 25 يىلدىن كۆپرەك ياشاش جەريانىدا، ھەمدە ياۋروپاغا ساياھەتكە بارغان ۋاقىتلاردا تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. ھەمدە بۇنداق ئادەتنىڭ بالا تېخى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانا تەرىپىدىن يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى، بالىلار باشلانغۇچقا كىرمەستىنلا ئاخشىمى كىتاب ئوقۇمىسا ئۇخلىمايدىغان بىر ئادەتنى يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن ئەسلىدە ئالدىنقى 3 قېتىم تەييارلىغان ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازمىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە بىر يازما تەييارلاشنى ئويلىغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئېسىمگە مۇنداق بىر ئىش كېلىپ قالدى: بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەن بىر بالامنى مەكتەپتىن ئەكېلىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر ھامىلىدار ئاق تەنلىك ئايالنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قورسىقىدىكى بالىسىغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئايال ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ئوچۇق ئاۋازدا، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن، بىر قولىدا كىتابنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا كىتابتىكى مەزمۇنلارغا ماسلاشتۇرۇپ ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۈگۈن تورغا «قورساقتىكى بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىسى» دېگەن ئىبارىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقتىم. نەتىجىدە بۇ ھەقتىكى ئىنگلىزچە ماتېرىياللار خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇنداق ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن [1-2]. كېيىنكى يازمىدا تۇغۇلۇپ بولغان بالىدا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىمەن.

مەن ئالدىنقى 3 پارچە ماقالىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ مەزمۇنىدىن [3-5]، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئۆيىدە كىتاب ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئاساسەن يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تاپشۇرۇق ئىشلەشكە سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدىم. لېكىن، مەزكۇر تېما ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمەي زادىلا تۇرالمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، ھازىر ئامېرىكىدا تاماكا چېكىشنىڭ راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقات قايسى دەرىجىدە كۈچلۈك ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسا، بالىغا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىمۇ ئوخشاش دەرىجىدە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك تەشۋىق قىلىنىدۇ. مەن بىر مىللەتنىڭ بالىلار تەربىيىسىنى مانا مۇشۇنداق تۇتماي تۇرۇپ، ۋە مۇشۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە قانداق يېتىشىۋالالايدىغانلىقىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلغاچ تۇراي. يەنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتا-ئانىلارغا بالىلارغا كىتاب ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. بۇ ساھەدە قانداق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىشنى ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرى قارار قىلسۇن.


1. نېمە ئۈچۈن تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىش كېرەك؟

مەن ئەمدى تۆۋەندىكى 1-مەنبەنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن.

يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قورساقتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىغا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ تەسىرلەرنىڭ بىرى، قورساقتىكى بوۋاقنىڭ تىلنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى قوبۇل قىلىشىدۇر. شۇنداقلا قورساق كۆتۈرۈش مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى 3 ئاي ۋاقتىدا ھەر كۈنى رىتىملىق ۋە قايتىلاپ ھېكايە ئوقۇپ تۇرغاندا، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنى تىنچىتىش رولىنى ئوينايدۇ (soothe your baby). قورساقتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە، بالا ئاپىسىنىڭ ياكى ئۆيىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنداقلا تۇغۇلمىغان بالىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتى (cognitive growth) نى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ.

سىز ھەر قېتىم قورسىقىڭىزدىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە، سىز ھېسسىيات جەھەتتە بالىڭىز بىلەن بىر كۈچلۈك باغلىنىش شەكىللەندۈرىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىزنىڭ ئۆزگىچە ئاۋازىڭىز بالىڭىزغا ئاستا-ئاستا تونۇشلۇق بولۇپ قالىدۇ. بالىنىڭ دادىسى، ئاكىسى، ھەدىسى، ھەمدە چوڭ-ئاپا ۋە چوڭ-دادىلىرىمۇ تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالىغا يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇرۇن ئاڭلاپ باققان، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا تېزلا كىرىشىپ كېتىدۇ. بالىڭىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن باشلانغان مۇشۇنداق ھۇزۇرلۇق، كىتاب ئوقۇشنى مەركەز قىلغان بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇش جەريانى بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام ئېتىدۇ.


2. تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاق بىلەن مېھرى-مۇھەببەت ئورنىتىش

تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىسپاتلىغان يەنە بىر ئىش بار [2] بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقتا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆيۈمىنى سېزىدىغان ھېسسىي (emotional) ۋە تۇغما (intuitive) قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. پەرزەنت تەربىيىلەش مۇتەخەسسىسى لۇمىنار روسېن (Luminare Rosen) نىڭ دېيىشىچە، «تۇغۇتتىن بۇرۇنقى بالىلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا كۆرۈش، ئاڭلاش، ھېس قىلىش، ئەستە تۇتۇش، تېتىش ۋە ئويلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.»

يەنە بىر مۇتەخەسسىس، مارىلې خارتلىڭ (Marilee Hartling) نىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن دۇنيانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىنىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ بوۋاقلارنىڭ مىجەزىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدا بىر ساغلام باغلىنىش مەۋجۇت بولغاندا، بوۋاق «بۇ دۇنيا بىر بىخەتەر جاي ئىكەن» دېگەن تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش جەريانىنىڭ باشلىنىشىدۇر. بەزى ئانىلار قورسىقىدا بالا قالغان ۋاقىتتىن باشلاپلا بالا بىلەن بىر باغلىنىش ھاسىل قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ. بەزى ئانىلاردا بۇ خىل ھېسسىيات بالىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. دادىلاردا بۇ خىل جەريان ئانىلارغا قارىغاندا كېيىنرەك يۈز بېرىدۇ. دادىلار دوختۇرخانىغا ئايالى بىلەن بىللە بېرىش، قورساقتىكى بوۋاقنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق كۆرۈش ۋە بوۋاقنىڭ تەپكىنىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بوۋاق بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

لۇمىنار روسېننىڭ دېيىشىچە، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاڭلىغان مۇزىكىنى تونۇيالايدۇ.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Why read to your baby before birth?
<http://thereadingwomb.wordpress. ... -to-your-belly/>

[2] Bonding With Baby Before Birth
<http://www.webmd.com/baby/featur ... by-before-birth>

[3] بىلىمخۇمار: « ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى»
<http://bbs.izdinix.com/thread-58417-1-1.html>

[4] بىلىمخۇمار: « مەكتەپ تاپشۇرۇقلىرى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟»
<http://bbs.izdinix.com/forum.php ... =58597#lastpost>

[5] بىلىمخۇمار: «ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى»
<http://bbs.izdinix.com/thread-58684-1-1.html>

1-رەسىم: بىر ئامېرىكىلىق بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ئانىسى.
2-رەسىم: بىر ئۇيغۇر بوۋاق.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 11:39 AM  


1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106310
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 847
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1064 سائەت
تىزىم: 2014-4-23
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 12:15:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇ  دېگەن سۆزنىڭ ھېكمىتى  بەك كۆپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 12:51:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچەتنى كىچىكىدىن تارتىپ پەرۋىش قىلىش كىرەك   ..چوڭ بولغاندا پەرۋىش قىلىمەن دىسە بوش ئەگسە  ئگىلمەيدۇ چىڭ ئەگسە سۇنىدۇ .......ھازىر جەمىيەتتە  كىتاپ  ئوقۇيدىغانلار كۆپەيگەن بولسىمۇ  يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ   شۇڭا  ھەممە ئىشنى بالىلاردىن باشلاش كىرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10975
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10607 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 12:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانا ئۇچۇن بالىنى ياخشى تەربىيلەش ئەڭ مۇھىم ئىش بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇربىلەن تەمىن لىگەنلىكىگە كۇپ رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1381
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 01:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە ھىەشقاللا

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 649 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 01:04:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى مەكتەپ ئائىلە ,تۇنجى ئۇستاز ئانا,
ئائىلدە ئاتا تۇۋرۇك ,ئانا ئۇلدۇر.
—ھوسەيىن تەجەللى

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 01:06:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمىمىزنىڭ ئىېسىل تېمىدىن يەنە بىرنى بىزبىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىگە كۆپ رەھمەت!....
بۇرۇن ئۇيغۇر بالىلىرى ئانىسى ۋە مومىسىنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاپ ئۇخلايدىكەنتۇق، ئاندىن ھەرخىل تەربىيە ئەھمىيەتكە ئىگە چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بۇلاتتىكەن.... بۇخىل ئەھۋاللار مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدىمۇ بار ئىدى.
لىكىن بۈگۈنگە كەلگەندە، ئەللەي ناخشىلىرى ئۈزۈلدى، چۆچەكلەر ئېيتىلماس بولدى.... ئۇلارنى ئاڭلىماي چوڭ بولغان «بالىلار»  ئەمدى «ئاتا-ئانا» بولدى..... بۇ ئاتا-ئانىلار  زور كوپ سالمىقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدە، ھەتتا ساۋاتسىزدۇر. ئاتا-ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ئاتا-ئانىنىڭ ساپاسى بالىغا باشقا ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئىتىراپ قىلىۋاتقان ھەقىقەت!!....
ئاللاھ ئۆزمۆۋجىزىسى ئارقىلىق ، ئاتابىلەن ئانىدىن ياراتقان ئىنسان بولمىش ئەڭ دەپلەپكى ئەشۇ بىر بوردا جانلىق گۆش(تۆرەلمە) تولىمۇ ئىلمىي ھىكمەتكە تولغان بۇلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى قانداق پەرۋىش قىلىش ئۇنىڭ يۇرۇق دۇنيادىكى بەدەن ساپاسى، ئەقلى تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەچكە ، ھازىر تەرەققى قىلغان ئەللەر بۇنى بىلىپ يىتىپ، ئىشنى باشلىغىلى خىېلى زامانلار بولۇپ قالدى. ..
مىڭ ئەپسۇس، بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلىرىمىز بۇ نوقتىنى بىلىشتىن كۆپ يىراقتا. .. بۇنىڭدىكى سەۋەپمۇ ئۇلاردا كىتابقا مىھىر يوق، بالىلارنى كىچىكىدىن كىتاب ئىچىگە باشلاپ كىرگۈدەك ئاڭمۇ يوق. شۇڭا ھازىر بىرقىسىم بالىلارنىڭ كىچىكىدىن ئۈگۈنىشكە قىزىقمايدىغان، قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز چوڭ بۇلىشى مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۈلىۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ ئىچىنى سىرىيدۇ.
ئالىمىمىزنىڭ بۇ تېمىسى ئاتا-ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ۋە ئاتا-ئانا بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا ياخشى تەربىيە بولۇپ قالغۇسى!
ئاخىرىدا ، ئالىمىمىزغا سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخىت، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12725
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31727
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4656 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 02:16:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمخۇمار ئەپەندىنىڭ،ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ،مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان ،ئېسىل يازمىنى بىزگە سۇنغىنىغا كۆپ تەشەككۈر....

كىتاب ئوقۇپ بېرىش،يېنىك مۇزىكىلارنى قويۇپ بېرىش،ھامىلىنىڭ تېز،ساغلام ئۆسۈشىگە پايدىلىق دەپ ئاڭولىغان ئىدىم.....

بالا تەربىيىسىنى كىچىكىدىن باشلىغاندا،ئۈنىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 02:34 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4879
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2052 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 02:57:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى مەنمۇ  قورساقتىكى بالىغا كىتاپ ئۇقۇپ بەرسە پايدىسى بولمايدۇ دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم . ئەسلى پايدىسى بار ئىكەندە ......

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 04:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تىمىكەن ،توغرا دەيدۇ ،چوقۇم پايدىسى بولىدۇ ،ئاتا -ئانا دىگەن بىزنىڭ تۇنجى  ئۇستازىمىزدۇر .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش