مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1150|ئىنكاس: 6

پەلسەپىۋى ھىسسى پۇتۇكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 12:57:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەلسەپىۋى ھېسپۈتۈكلەر (1)

ــــ سەرخۇشلۇق بىلەن ناخۇشلۇق ئارىلىقىدا


كوللېكتىپ ئاڭسزلىق ۋە كوللېكتىپ پاراسەت

        كوللېكتىپ ئاڭسزلىق بىلەن كوللېكتىپ پاراسەت قوشكېزەك. بىر توپ ئادەم ياشىغان ماكاندا ئەخلەت پەيدا بولغاندەك بىر ماكاندا، ئوخشاش بىر زاماندا ياشىغان قەۋمنىڭ تەپەككۇرىدىمۇ ئەخلەت پەيدا بولىدۇ. بىر كوللېكتىپنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلانمايدىغان ئەقىل-پاراسىتى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق  پەيدا قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، بىز كۆپىىنچە ھاللاردا كوللېكتىپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تىلغا ئالىمىزيۇ، كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز. بىر  مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان كۈچنىڭ بىرى شۇ توپنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئوپچە ساقلىنىدىغان كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقتۇر.

ۋەھىمە ۋە ئەندىشە

قاراڭ، سىز مۇبالىغە قىلۋەتكەن ۋە ئاندىن سىزنى ئېزىۋاتقان ئەندىشەگە! ئۇ نەقەدەر تېتقىسىز، ئاساسسىز ۋە كۈلكىلىك بىر ھېسسىيات-ھە! يامان يېرى، ئادەم  ۋەھىمە ئوبيكتى غايب بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەندىشەنىڭ ئاساسسسىزلىقىنى  ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەقىل، ئىمان بىلەن قورقۇنچ بىر قەلبكە سىغمايدۇ. سىز قورقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئەمەلىيەتتە روھىڭىز بوغۇچلىنۋاتقان بولىدۇ. نېمىدىن قورقساق قورققان نەرسىمىز ۋەھىمە شەكلىگە كىرىدۇ.

سەرخۇش پەلسەپىسى

ئىستېتىك ئەركىنلىكلا ھەقىقىي ئەركىنلىك. ئۇ ئۆزىنى ئېزىشنى توختاتقان ئادەمنىڭ قەلبىدە. ھەقىقىي ئەركىنلىكنى قەلبىمدىن ئىزدەيمەن. چۈنكى، قەلبىمدە كامېرا يوق. مېنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ماكانىم سەرخۇشستان. سەرخۇش پەلسەپىسى ئاشۇ ئىزدىنىش داۋامىدا بارلىققا كېلىدۇ. سەرخۇش پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى بىر ئىبارە بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن: سەرخۇش رېئالىزىم. سەرخۇش پەلسەپىسى –بادام دوپپا پەلسەپىسىدۇر.

ھاياتنىڭ تارتىش كۈچى

مەلۇم بىر تونۇشقا، مەلۇم بىر بىلىش شەكلىگە بىر ئۆمۈر ئەل بولۇپ، جاپا تارتىپ ئۆتكەن كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىمەن. ئىدىيىلەر ۋە تونۇشلار قۇربان بېرشىكە ئەرزىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا يالغان ھەم خام خىيال بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا ھاياتنىڭ تارتىش كۈچى نەدە قالدى؟ نېمىلەر ئەقىدە قىلشىقا ئەرزىيدۇ؟ ئائىلە ۋە جامائەتچىلىك، ئاددىي ھاياتنىڭ ئۆركەشلىرىدىكى  تارتىملىق دەقىقىلەر ھەم        ياخشى خسلەتلىرى بىلەن بىر جەمئيەتكە تەسىر كۆرستىۋاتقان كىشىلەر بىزنىڭ تېراگېدىك ھاياتتا ئازابلارغا پۇچۇلانماي تۇرۇپ، تارتىشىپ ياشىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. نېمشىقا بۈيۈك پەيلاسوپ ۋىتتېگىنستان ”تارتىملوگىيە (ئىستېتىكا) ۋە ياشاملوگىيە (ئېتىكا) ئەسلىدىن بىر دېگەن بولغيىدىكىن؟“دەپ ئويلايتتىم. ئەمدى چۈشنىۋاتىمەن.

ئازاب چېكىۋاتقانلارغا ئېتىرام

ئازاب چېكىۋاتقانلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەسرىتى رىيا، ھەسەتخورلۇق ۋە ماددىي ئەسەبيىلىك سەۋەبىدىن بولمىغانلا بولسا. ئىچ-ئىچىدىن پۇچۇلىنۋاتقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ دەرد-ھەسرىتى شەخسىي دەرد-ھەسرىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا. نېمشىقا بۇ خىلدىكى ئازاب  چەككۈچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم؟ چۈنكى، 21-ئەسىر دۇنيا ماددىي ئەسەبيىلىك، ئىستمالپەرەسلىك ۋە راھەتپەرەسلىككە ئىنتلىپ ياشىغۇچىلار، باشقىلارنىڭ كۆز يېشى بەدىلىگە خۇشال بولۇپ ياشىغۇچىلار ئۈچۈن چۆرگىلەۋاتقان بىر ئەسىردۇر. بۇنداق بىر ئەسىردە باشقىلار ئۈچۈن ئازابلىنشمۇ بىر خىل ئىقتدار بولۇپ قالدى.

زامانىۋىلىشىش قىلتىقى


زامانىۋىلىشىش ياۋۇزلىشىش ۋە ئەسەبيىلىشىش بىلەن ئوڭ تاناسىپ. 1-،2-دۇنيا ئۇرۇشلىرى ئەمەلىيەتتتە زامانىۋلىشىش پەيدا قىلغان ئەسەبيىلىشىشنىڭ مەھسۇلى. فاشىستىك ئۆزلۈك 21-ئەسىردە يېڭى بىر ھادىسە بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى زامانىۋلىق دەپ قوبۇل قىلۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە زامانىۋىيىلىق ئەخلەتلىرىدۇر.

باشقىلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئاۋازى


ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋازلارغا قۇلاق سالماي ھېچقانداق كىتاب ئوقۇماي ياشسىاق، نىھايەت بۇ ساددىلىقىمىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىمىز. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى، ئىچىمىزدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارنى بېسىش بەدىلىگە كىتاب ئوقۇۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان بولساق، ئۇنداقتا بىزنى يېنكىرەك بولغاندا باشقىلارنىڭ سايسىىگە ئايلىنىپ كېتىىش قىسمىتى، ئېغىرراق بولغاندا روھىي كىرزىس كۈتۈۋاتقان بولىدۇ. بىر ئىلىمگەر ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۆز ساھەسىدە بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ساداسى ۋە تونۇشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىغاندىلا ئاندىن ھۆر ئىلىمگەر بولالايدۇ. ئۆز ساھەسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنىمۇ تولۇق ئۆگەنمەي شۆھرەت دەۋاسى قىلىۋاتقان، ئىلىم دەرۋازىسى ئالدىدا قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاۋاتقان ساختا ئىلىمگەرلەردىن يىرگىنىمەن.  

ئادەمسىمان جەسەتلەر قورشاۋىدا

ئەتراپىمىغا قارىسام، ئادەملەرنىڭ  تىرىك جەسەتلەر قورشاۋىدا قورشىلىپ ياشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. بۇ قورشاۋدا ھەق-ناھەق، ئاق-قارا پۈتۈنلەي ئاستۈن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن. تىرىك جەسەتلەرنىڭ قورشاۋىدا  ۋە خىرىسىدا ياشاپ تۇرۇپ ”قانداق قىلغاندا تۈزۈكرەك، ئىنساندەك ياشىغىلى بولىدۇ؟“دېگەن سوئال كۈندە نەچچە قېتىم خىيالىمدىن ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلجىرلاش سادالىرى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىدۇ. شۇ سادالار ئىچىدە تۇرۇپ شۇنداق پىچىرلايمەن: ”بىلجىرلاش ھوقۇقۇڭلارغا ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن سىلەرمۇ بىلجىرلاشلىرىڭلارغا پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھوقۇقۇمغا ھۆرمەت قىلىشڭلار كېرەك!“

ئىبىن رۇشېد ۋە كانت: ئىلىم ۋە ئەقىدە

كىشىلەر ئىلىم ۋە ئەقىدەنىڭ ئارىسىنى بۇزماقچى بولۇشىدۇ، دىن بىلەن ئىلىم ئارىسىغا زورمۇ-زور تام ياساپ جاپا تارتىشىدۇ. ئەپسۇس، ئىلىم ۋە ئەقىدە ئاخىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ماي تارتىشىدىغان ۋاقتى كۆپ. شەرقتە ئىبىن رۇشېد، غەربتە كانت ئىلىم بىلەن ئەقىدە ئوتتۇرىسىغا كۆۋرۈك سالغان مەشھۇر پەيلاسوپلاردۇر. شۇڭا ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. ئۇلار ئوخشمىغان ئەسىردە، پەرقلىق ماكاندا ياشاپ تۇرۇپ، بىر-بىرىنى كۆرمەي، بىلمەي تۇرۇپ ئوخشاش تىنىقتا خىيالەن پىچىرلاشقانلاردۇر. ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تېپىشماقلىرىغا ئۇلار جاۋاب بەرگەن.

سۈكۈت ۋە پەيلاسوپ

نېمشىقا 20-ئەسرىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئىككى پەيلاسوپ ھايدېگېر ۋە ۋىتېنگسنتان ئەڭ ئاخىرىدا سۈكۈت ئىچىدە ياشاشنى تاللىۋالدى؟ نېمە ئۈچۈن ۋىتتېنگسىتان كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پەلسەپە پروفېسسورلۇقىدىن ۋازھ كېچىپ نورۋىگىيەدىكى ئورمانلىقتا ياشاشنى تاللىدى؟ نېمە ئۈچۈن ھايدېگېر ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى 12 يىلنى تاغدا ئۆتكۈزدى؟ نېمشىقا نىتزى : ”تاغدا ياشاش ئۈچۈن بىر بولسا يولۋاس بولۇشى يا بىر بولسا پەيلاسوپ بولۇشى كېرەك“ دېگەنىدى؟
     سۈكۈت مەۋھۇمغا ۋە يوقلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن پەيلاسوپتۇر. ئادەم ئۆزىگە سەمىميىلىك بىلەن تولۇق چۆككەندىلا ئاندىن سۈكۈتنىڭ پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. سۈكۈتنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەڭ چوڭقۇر دۈشمەننىڭ ۋە ئەڭ چوڭقۇر تۇيغۇداشنىڭ ئەسلى ئۆزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سىلكىنىدۇ.

چىرىگەن ئەخلاق دەرىخى ئەتراپىدا

چىرىگەن ئەخلاق دەرىخى ئەتراپىغا ئولىشىپ ساداسىز ئاسمانغا قاراپ ”ئەخلاق“ دەپ ۋارقىرايمىز-دە، پورلىشىپ كەتكەن ئەخلاق دەرىخىنى زەئىپ بەدىنىمىز بىلەن كۈچەپ ئىتترىمىز.چىرىگەن چۈشەنچىلىرىمىزدىن دالالەت بەرگەن ھالدا بىز چۈشەنگەن ئەخلاق، ئېتىكا ئۇقۇملىرى ھالسىرىغان ، يارىدار ياكى مېيىپ.

توكسىنلىق تونۇش ۋە قارام ھۆكۈم

بەدىنىمىز بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى مىكروپلاردىن ئاستا-ئاستا يۇقۇملانغان كەبى تەپەككۇرىمىز چىرىگەن ئۇقۇملارنىڭ، ئاتام ئېيتقان بايىقىغا ئايلانغان شەرھىلەش مېتودلىرىنىڭ ، ۋاشاڭ قىلىنغان ماۋزۇلارنىڭ ئسىكەنجىسدە زەخمىلىنىدۇ؛ ئەقلىمىز قارام ھۆكۈملەر ۋە توكسىنلىق تونۇشلارنىڭ تەسىرىدە بۇلغىنىدۇ.  خاتا تونۇشلارغا كانىدەك چاپلىشىپ قويۇپ بەرمەيمىز. چۈنكى كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، بىزگە ئۇلار بولمىسا بولمايدۇ.

بەختىسىز جەمئيەتشۇناسلار

جەمئيەتشۇناسلار بەختىسىز كىشىلەردۇر. ئۇلار تونۇش زۇلۇمى ۋە ئەبجەق بىلىملەر ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان كشىلەرنىڭ ئۆز رېئالللىقىنى توغرا چۈشۈنۈۋېلىشى ئۈچۈن ھەر قانچە جەڭ ئېلان قىلسمۇ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ. ماكىس ۋېبېر ۋە دۇركايىم نېمشىقا ھەسرەت ۋە بەختىسزلىك ئىچىدە ئۆلدى؟

تارىخنىڭ جادوسى
ـــ
تارىخ دېگەن نېمە؟

-ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ قاراقچىغا تۇتۇلۇش جەريانىدۇر. بىر زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىىشپ
يەنە بىر زوراۋانلىقنىڭ باشلىنشىدۇر.
-تارىخ بىر جادودۇر؛ ھەر بىر مەھكۇم ئىنساننىڭ تەقدىرى ئاشۇ جادودا توغراپ تاشلانغان باشلارنى ئەسلىتىدۇ.

تەپەككۇر زەخمىسى: تىل پەلسەپىسى نېمە دەيدۇ؟

بىز ئادەتتىكى تىل ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىلنى قانداق ئشىلىتىۋاتقانلىقىغا نەزەر ئاغدۇرماي تۇرۇپ  جەمئىيەتتىكى ئېغىر مەسلىلەرنىڭ، پەلسەپىۋىي تېپشىماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالمايمىز. تىلنىڭ كېسەللىنىشى تەپەككۇردىكى زەخمىنىڭ  ۋە باشقا بەخىتسزلىكلەرنىڭ مەنبەسى.
  مەنىۋيىتىمىزنىڭ قانداقلىقى بىز ئۇچراشقان تېكىستلەرنىڭ، دىئالوگلارنىڭ، مۇنازىرەلەرنىڭ سۈپىتىگە باغلىق. بىزنىڭ مەنىۋيىىتمىز قەغەزدۇر. مەتبۇئاتتا ۋە مۇنبەرلەردە چىقىۋاتقان ئېيتمىلار (كۆرۈنۈش، ئىماگ، گەپ-سۆز، تېكىست) ئاشۇ قەغەزگە چۈشۈۋاتقان ئىزلاردۇر.

كۆنۈك پەلسەپىسىىنىڭ زۆرۈرىيىتى

جەمئيەتشۇناسلىق بىلەن پەلسەپىنى قوشۇپ ئۆگەنگىنمدىن كېيىن كۆزۈمگە ئاددىي، نورمال كۆرۈنىدىغان نەرسىلەر مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە بىز دائىم كۆرۈپ ھەيران قالماس بولۇپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ قاتلىمىدا بولىدىكەن. كۆنۈك پەلسەپىسى زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇۋاتىدۇ. كۆنۈك پەلسەپىسى بىزگە ئادەتتتىكىچە، نورمال بىلىنىپ كەتكەن، ھەيرانلىق تۇغدۇرمايدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئادەملەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىكى تۈگۈنلەرنى ۋە قانۇنىيەتلەرنى يېشىش پەلسەپسىدۇر.

  

ئامېرىكا پارادوكسى

ئامېرىكا چۈش زاۋۇتى. مودىكەش ياشلارنىڭ شەرتى ئورۇندالمىغان ئارمانلىرىنىڭ مەنبەسى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا نيويوركتىن كەلگەن. ئۇلارنى ئەمەلىيەتتە ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى بىر شەھەرنىڭ ئەرۋاھى ئېزىۋاتىدۇ. ئامېرىكا خام خىيال ئىمپىرىيىسى. ئۇ توختاۋىسىز خام خىيال ۋە چۈش ئشىلەپچىقىرىپ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى ياشلىرىنىڭ روھىنى كونترول قىلىدۇ.
ئامېرىكا بىر پارادوكىس. مېنىڭ ئامېرىكىدىكى ئالتە يىللىق ئوقۇش ھاياتىممۇ بىر پارادوكىس. ئەمدى بۇ پارادوكىسنىڭ قاتلىرىنى يېشىدىغان ۋاقىت كەلدى.

ئاكادىمىيە ۋە ئالدامچلىق

ئسىتمالپەرەسلىك ۋە ماددىي ئەسەبيىلىك بىزنى ئېزىۋاتقان بىر دەۋردە پروفېسسورلار ئورۇن-مەرتىۋە ۋە ئابروي ئۈچۈن ھەر نېمە قىلشتىن يانمايدىغان بولۇپ كەتتى. غەربتىمۇ ئىنسانلارنىڭ كۆز يېىشىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئاكادىمىيە ئېغىر ئەخلاق كىرزىسى ئىچىدە. نۇرغۇن پروفېسسورلار جەڭگاھلاردا، زالىملارنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان جانلارغا ھېسداشلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئۇ ئشىلارنى ئېسىگە ئېلشىتىنمۇ  ئېرىنىدىغان بولۇپ كەتتى. بۈگۈنكى ئاكادىمىيە ئەخلاقسىزلىق ۋە ساختلىق ئۈچۈن مىليونلىغان ياشلارنى ئالداۋاتىدۇ.

پەرق ۋە ئورتاقلىق

پەرق سۆيۈملۈك. ئورتاقلىق ئىككى قەلبكە سىغدالغان ئوخشاش روھتۇر. مەن ئارىمىزدىكى ئورتاقلىقتىن ھۇزۇرلىنىمەن. چۈنكى، ئۇ ماڭا قەلبىمنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مەن ئارىمىزدىكى پەرقنى ھۆرمەتلەيمەن. چۈنكى، پەرق ماڭا ئادەملەرنىڭ بىر قېلپتىن چىققاندەك بىر خىلللا بولسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.


تېيىز مايمۇن، چوڭقۇر ھايات ۋە چوڭقۇر ئارام

تېيىز ئادەمنىڭ چۇقانلىرى بىلەن مايمۇن ئويناتقۇچىنىڭ قامچىسىدا پىرقىراۋاتقان مايمۇننىڭ ئاۋازىنىڭ پەرقى يوق. ئوخشمايدىغان يېرى، تېيىز مايمۇن بولغان ئۇ كىشى چۈش كۆرۈپ بولۇپ، چۈشنى رېئاللىق دەپ قالىدۇ. تېيىز مايمۇن، تېيىز مايمۇن! بۈگۈن قانچە قېتىم پىرقىرىدىڭ ۋە قانچە قېتىم قامچا يېدىڭ؟
چوڭقۇر ئارام ئېلىش ئۈچۈن چوڭقۇر ھاياتقا ئىنتىلشىمىز لازىم. ھالبۇكى، چوڭقۇر ھايات ئاددىي تۇيۇلغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى چوڭقۇر يەردىن ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدۇ. چوڭقۇر سوئال+چوڭقۇر پىكىر+چوڭقۇر سۆھبەت+چوڭقۇر ئارام= چوڭقۇر ھايات.

پەيلاسوپ ۋىتېگسنستان نېمە دەيدۇ؟

پەلسەپە دېمەك بۇلغانغان تىلنىڭ تەسىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئەقلىمىزگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش دېمەكتۇر. تىلنى قالايمىقان ئشىلتىش جىنايەت.  
ئۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بۇلغانغان تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ دۇنيانى قانداق خاتا كۆزىتىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق يازدى: بىزنىڭ دۇنيانى  چۈشىنىش ئۇسۇلىمىزنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن. دۇنيانى كۆزەتكەن چېغىمىزدا بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىغا بىر كۆزەينەك تاقىۋالىمىز؛ ئاندىن دۇنيانى كۆزەينەكنىڭ ياردىمىدە كۆزىتىمىز. كۆزەينەكنى كۆزىمىزدىن ئېلۋېتىش خىيالىمىزغا كەلمەيدۇ. شەيئىلەرنى چۈشىنشتىكى نامۇۋاپىق ئۇسۇللار ۋە مېتودلاردىن ۋاز كېچىشىمىز ئاسان ئەمەس. پەقەت ۋە پەقەت پۈتكۈل دۇنيا نۇقتىسىدىن چىقىپ قايتىدىن پىكىر قىلساقلا بىزنى تۇتقۇن قىلغان پىكىر رامكىسىنى چاقالايمىز.

زامانىۋىلىشش ئىزتىراپلىرى

نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بېسىلغان ئارزۇلىرىغا، تۇنجۇققان ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قارارلارنى كېچكىتۈرىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزلۈكىمىزنى قىسىدىغان ، خام خىيال قاينىمىدىن چىققان  قارارلارنى ئاسان چىقىرىمىز؟ بۇمۇ مەدەنيىلشىش، زامانىۋىلىشىش سېلىقىنىڭ ئاسارىتى. مەدەنيىلىشىمىز دەپ ماڭغان ھەر سەپرىمىزدە  ئۈستىدىن گۈل ئۈنگەن بىر مىنا بار. زامانىۋىلىشىشنىڭ قاپقىنى دېگەن شۇ. ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى زامانىۋىلىق  پاتقىقىنىڭ،  مەدەنيىلىشىش ۋە تەرەققىيات بويۇنتۇرۇقىنىڭ ئاسارىتىنى ھېس قىلماي تۇرۇپ ئارسىالدىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ.

21-ئەسىردە ھەيرانلىق

21-ئەسىردە مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ شۇنچە كۆپ بىلجىرلاش ۋە خاتا تونۇش ئىچىدە  تۇرۇپمۇ خۇددى ھەممىنى بىلىدىغاندەك ئەلپازدا ياشىشىدۇر. ياپىرىم، 21-ئەسىر بىلجىرلاش قىيامىغا يېتىپ فاشىستىك ئۆزلۈككە مەدھىيە ئوقۇيدىغان بىر دەۋر بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 12:58 PM  


سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 10:47:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پەلسەپە نۇقتىسىنى تازا چۈشۈنۈپ كەتمەيدىكەنمەن، لىكىن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك  بەزى نەزىريەلەرنى بايقىدىم.....

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96863
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 11:40:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پەلسەپىگە بەك قىزقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 01:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
21-ئەسىردە مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ شۇنچە كۆپ بىلجىرلاش ۋە خاتا تونۇش ئىچىدە  تۇرۇپمۇ خۇددى ھەممىنى بىلىدىغاندەك ئەلپازدا ياشىشىدۇر
بۇ قاراش ماڭا بەك ياقتى ،قاچانغىچە مۇشۇنداق ياشاپ ئۈتەمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 01:41:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئوقۇغاچ تىنچ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈۋاتىمەن.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7906
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 04:35:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھىچنىمنى  ئاڭقىرالىمىدىم...... چارچاپ كەتكەن ئوخشايمەن

مۇھەببەتتىن سانجىلغان تىكەن دەرتكە داۋا بولدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 07:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم ، ئىسىل يازمىكەن ! مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوخشايدۇ . 2 - قىسمىنى ساقلايمەن .

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش