كاۋاپچىنىڭ ساداسى
كاۋاپدان چوغلىنىپ سالماقچى ساما ،
كاۋاپلار ئوينىشۇر ئۈستىدە ساما .
مەست قىلدى دىماقنى چىققان خۇشپۇراق،
دىللارغا قايتىدىن بەرگەندەك داۋا .
ناۋاغا جۆر بولۇپ چلىندى راۋاپ ،
مەزمۇنى-كېلىڭلار يېيىشىڭ كاۋاپ .
رام قىلدى ھەممىنى بۇ ئېسىل سەننەت ،
ھەيرانلىق ئىلكىدە قېلىشتى قاراپ .
كاۋاپدان شۇنچىلىك رەڭدار ياسالغان،
قول-ھۈنەر سەنئىتى ئۇنىڭدا ئايان.
كاۋاپچى ئالدىراش پۇشۇرار كاۋاپ ،
ئۇيغۇرنىڭ داڭقىنى قىلىپ نامايان .
ئالدىڭغا كاۋاپلار كەلگەندە شۇنداق ،
جىسمىڭنى قاماللاپ بولىدۇ گۆش-ياغ.
زىرە ۋە تۇز تەمى ئايلىنۇر بالغا،
بىر زىخقائېغىزىڭ تەگكەن ئاشۇ چاغ .
قىلىدۇ باشقىلار ئويلاپ ھەۋسمۇ ،
چوغدانغا قاقلنىش ئاسانمۇ تەسمۇ .
كاۋاپچى سۆزلەيدۇ بۇنداق قىلىشىم،
ئۇيغۇرنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن ئەمەسمۇ .
مەنبەسى :ئەپچىلەم
تىيەنجىن شەھىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-13 04:27 AM