ئابدۇمىجىت قاھىر مۇڭلان
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; _; l5 R+ k! m2 {4 Mبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ `% v0 Q2 s& J# H1 F E5 N
مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەر شېئىرلىرىغا دەسلەپكى ئانالىز
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ^5 t$ N% _8 d9 D. b) q& q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) `) n: I2 O& Z7 ?" @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 g% c% q' |7 h0 _% T
ھەسرىتىڭ باغرىمدا يىغلايدۇ يۇم-يۇم،
تاڭ سەھەر يۈرەككە شېئىر يازغان قىز.
ھەر نىگاھ مەن ئۈچۈن ئازاپ تۈگىمەس،
ئاچ قالغان شامالمەن نەپەسلىرى تىز.
جان ئالغۇر كۆزلىرىڭ قاقشىتار جاننى،
بىر تاتلىق ئۈمچەيسەڭ تۈگىشەر دۇنيا.
سەن يۈرەك ئوغرىسى، سۆيۈملۈك ئوغرى،
مىڭ دۇنيا ئازاپسەن يۈرەكلەر يارا.
سۆيگۈنىڭ يالقۇنلۇق ئوچاقلىرىدا،
كۈيۈپ كەت يۈرىكى يىرتىلغان قۇياش.
نەقەدەر راھەت-ھە! ئازاپتا ئۆلۈش،
نەقەدەر ئازاپ-ھە! جىمجىت تۆكۈلۈش!
-خەتەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! H3 n( w( ?/ Z" L# n) ?- ~راستىمنى ئېيىتسام بۇ ياۋايى ئىستەك بىلەن يېزىلغان مىسرالار مېنى ئۇنىڭ بىلەن دوسىت قىلىپ قويدى. مەن كۆز ئەينەك تاقىۋالغان، ئادەمگە خىيالپەرەستەك تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ ئاغىينىنى دەسلەپ بىزگە تەقسىم بولغان قىزىل رەڭلىك ئەدەبىيات فاكولىتىتى بېناسىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى كونا سىنىپمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇندۇقتا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان ھالىتدە كۆرگەنىدىم. دەسلەپ پادىچىلار شىمىغا كاستىيۇمنى پەرلەپ كىيىپ يۈرىيدىغان بۇ ئاداشنى كاللىسىنىڭ بىر ئاز دەردى بار چېغى دېدىم. كىيىنچە مەن مانا يۇقىرىدىكى مىسرالار ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن يولداش، سەپەرداش، پارتىداش بولۇپ قالدىم. كىيىن ئۇنىڭ ياسىنىشىنىڭمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ياۋايى تۇيغۇ، ئەسەبىي خىياللار قاينىمىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىلغانلىقىنى بىلىدىم.....
بىر قېتىملىق يېزىقچلىق دەرىسىدە، ئۇ مۇئەللىمنىڭ «شېئىر دېگەن نېمە؟» دېگەن سۇئالىغا «شېئىر دېگەن ئوت!» دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئىككىنجى قېتىم ئۇنىڭغا نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ باقماق بولدۇم. لېكىن مانا مۇشۇ ئېنىقلىمىمۇ خوتەن دىيارىدا ئۆسۈپ، چوڭقۇر تۇرمۇش قاتلىمىدا چوڭ بولغان بۇ شائىرچاقنىڭ كاللىسىغا لايدەك ئورناپ كەتكەن ئىكەن. نېمە دېگەن قەيسەرلىك بىلەن بەرگەن جاۋاپ بۇ؟!
ئەلۋەتتە، ئەدەبىيات نەزىريىسىگە ئائىت كىتاب - ماتېرىياللاردا شېئىر ئۇقۇمىغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئېنىقلىما بېرىلگەن، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم شائىر، تەتقىقاتچىلارمۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا بۇ ئۇقۇمغا ئېنىقلىما بېرىپ بۇ ساھەدە ماڭغۇچىلارغا شېئىر يولنىڭ چىرىغىنى يېقىپ بەرگەن. ئۇنداقتا «شېئىر دېگەن ئوت!» دېگەن بۇ ئېنىقلىمىغا نېمە دەپ ئىزاھ بېرىش كېرەك؟ دەل مۇشۇ نوقتا مېنى بۇ ئاغىينىنىڭ روھى دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىشكە مەجبۇر قىلدى.
ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن «شېئىرغا تەھرىر، مۇزىكىغا تەرجىمان كەتمەيدۇ» دېگەن ئىكەن. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ پىكىر شائىر دوستىمىزنىڭ «شېئىر دېگەن ئوت!» دېگەن جاۋابى بىلەن زىچ باغلىنىشلىققا ئىگە بولىشى مۇمكىن.
مەن تۆۋەندە مەمەت ئۆمەر مەتتۇرسۇن خەتەرنىڭ ئۆزىگە ماس شېئىرى دۇنياسىدىن بەزىبىر ئادەمنى خياللار قاينىمىغا غەرىق قىلىدىغان ھېسسىيات قاتلاملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن:
1.قوپال تۇيغۇ، نازۇك ھېسسىيات
ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ھەر قانداق بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى، شېئىرى يولغا كىرىشتىن بۇرۇن، پېشقەدەملەرنىڭ، ئۆزىدىن خېلى ئۇزاپ كەتكەنلەرنىڭ شېئىرلىرىغا ۋە شېئىر يېزىش ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭدا ئاستا-ئاستا شېئىرغا بولغان يېڭىچە پىكىر ئېقىمى ۋە يېڭى تۇيغۇ شەكىلللىنىدۇ. يۇقىرىدا قەيت قىلغان بۇ شائىرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر يېڭى شامان شېئىرچىلىقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان ئادىل تۇنياز، ئابدۇرېشىت سۇلايمان جاللات، چىمەنگۈل ئاۋۇت، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ئابدۇرېشىت ئېلى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە بىر مەھەل ئۇچىرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇپ، شۇ يۆنىلىشتىكى شېئىر يېزىقچىقىغا ئىشتىياق باغلىغان. شۇ سەۋەپ ئۇنىڭ شېئىرىلىدا شائىرنىڭ چوڭقۇر ئىچكى دۇنياسى بىرخل ئەسەبىي، قوپال ئىبارىلەر بىلەن، نازۇك ھېسسىيات ياردىمىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك بېغىشىغا تەگمەكتە.
ئەشەددىي بىر ئوتتا كۆيگىن ئەي،سەنەم،
دوزاقنىڭ دەھشەتلىك يالقۇنلىرىدا.
سۆيۈش-ئۇ مەڭگۈلۈك ئازاپ بولسىمۇ،
سۆيۈۋەر، باھاردىن گەر بولسا سادا.
ئاڭلا!
سېنىڭ ئۈچۈن بېشىمنى يېرىپ،
يۈرىكىمنى يىرتىۋېتىمەن!
مانا بۇ مىسرالاردا شائىر قەلبىدىكى ياۋايىلىق ۋە ئەسەبىيلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
2. چوڭقۇر ئازاپ ۋە مۇكەممەل روھىي دۇنيا
شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن قارىغاندا ئۇ چوڭقۇر ئازاپ ۋە مۇكەممەل روھى دۇنيادىن ئىبارەت ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدا بىر مەھەل قاتىرىغان. شۇ ئۇقۇملارنىڭ تۈرىتكىسدە شائىر قەلىمىدىن چىققان شېئىرلار كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئازاپ، ھىجرانلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن. قارايدىغان بولساق ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمەن ئۆزىنىڭ پاك-مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسى ئۈچۈن يالقۇنلاپ يېنىۋاتقان بىر يۈرەك ئىگىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. تۆۋەندىكى مىسرالارغا قارىساق بۇ نوقتىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلالايمىز:
ئۆلۈم گۈلى ئېچىلغان قاقشال بولغان تېنىمدە،
رەڭگى ئۆڭگەن قۇياشنىڭ دات باسمىغان ھىدى بار.
ئۆچۈپ كەتكەن يۇلتۇزنىڭ كۆزلىرىدە مەيۈسلۈك،
ئۆكسۈپ تۇرغان قەلبىمنى قىلاي ساڭا يادىكار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' D! x% U+ N$ y) b
سۆيۈش ئەمەس ھاياتلىقىنىڭ ھەممىسى،
يىغلاپ باققىن كۈلەلمىسەڭ ئەگەردە.
ئەڭ ئاخىرقى قىساسكارنىڭ كۆزىدەك،
غەزەپ ئوتى لاۋۇلدايدۇ قەلبىمدە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; F! W+ ^+ i7 t' Tئىنساننىڭ مۇكەممەللىكى ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ مۇكەممەللىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. پاك سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن ئەقىدە قىلىش دەل ئەشۇ مۇكەممەللىكنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا گەرچە مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەي، ئازاپ چېكىۋاتقان بىر يۈرەكنىڭ ساداسى ياڭراپ تۇرسىمۇ، چوڭقۇرلاپ چۈشەنگەندە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئەسەبىي ئىستەككە چۆمۈلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت روھى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.
ئوموملاشتۇرغاندا، شائىرنىڭ شېئىرلىرى چوڭقۇر ئازاپ ۋە مۇكەممەل روھىي دۇنيا، قوپال تۇيغۇ، نازۇك ھېسسىيات قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 11:18 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: b7 n5 J! x6 l$ a4 Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. U" h1 W7 b7 {. \0 g, g2 q