ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت،ئەزىز تەنلىرىڭلار ئامانمۇ، ئىككى ئېغىز سۆزلىگىم كەپقالدى، ھازىر توردا نىمە مودا بوپتۇ دىسە ئادەم ئىزلەش ئىلانى دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولدۇم،بۇ ئېلانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كىچىك بالىلارنى ئاساس قىپتۇ.مەكتەپكە ماڭغۇچە ياكى مەكتەپتىن قايتقۇچە بولغان يولدا يۈتۈپ كەتكەنلەر كۆپ سانلىق،كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مەكتەپتىن قويۋەتسە ئالدى-كەينىمىزگە قارىماي ئۆيگە چاپاتتۇق.ئازراق كىيىن قالساق سوراق قىلىپ كىتىدىغان. شۇ چاغلاردىكى ئائىلە تەربىيىسى قاتتىق دىگىنىمىز بىلەن پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ ئىدى،ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ھازىرقى بالىلاردا مەكتەپتىن يېنىپ ئۆيگە قايتىش دىگەن ئۇقۇم كەمچىلمۇ ياكى ئاتا ئانىلار بۇ ئۇقۇمنى سىڭدۈرەلمىگەنمۇ؟ ئاتا-ئانىلار بالىڭىزنىڭ قايتىپ كىلىدىغان ۋاقتىنىڭ قايسى چاغ ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز، قايتىپ كەلگۈچە قايسى يولدىن قايسى كوچىدىن ئۆتىدۇ شۇلارنى بىلەمسىز؟سىنىپ مەسئۇلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ،قايسى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر خىزمەت سەۋەبىدىن پەرزەنتىڭىزگە كۈيۈنۈپ مىھرىڭىزنى يەتكۈزۈپ بولالمىغان بولسىڭىز ،ئۆيگە قايتقاندا تىلفۇن كومپىيوتېرلارنى تاشلاپ قويۇپ پەرزەنتىڭىز بىلەن پىكىرلىشىڭ.بەلكىم سىز بىلمەيدىغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن. پەرزەنتلەرنىڭ يوقاپ كىتىشىدە ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
بۇرۇنلاردىن يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا دەيدىغان، ھازىر يەنە قانچىمىز قوشنىمىزنى تونۇيمىز؟ ئىشىك ئوچۇق ھالەتتە سىرىتقا چىقىپ كىتىدىغان ھالەتلەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغانىدىم، چۈنكى قوشنىلار يات ئادەم كەلسە دىققەت قىلاتتى، ھازىر قورويڭىزغا يات ئادەم كىرسە يەنە دىققەت قىلامسىز؟ مانا مۇشۇنداق ئۇششاق ئىشلارغا سەل قارىغانلىقىمىز سەۋەبلىك قورودا ئويناپ يۈرگەن كىچىك بالىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، قارا قوللار سوزۇلغاندىمۇ بىپەرۋا ھالەتتە قاراپ قويۇپ ئىشىمىزنى قىلىمىز. قوشنىلار، پەرزەنتلەرنىڭ يوقاپ كىتىشىدە مەسئۇلىيىتىم يوق دەپ ئويلامسىز؟
مەن ئىچكىردىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردە مەخسۇس ماشىنا بارلىقىنى ،بالىلارنى ئەكىلىپ ئەكىتىشتە ،ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇ ماشىنىغا تايىنىدىغىنىنى ھەم خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، بىزدىكى مەكتەپلەردە نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار ئومۇملاشمايدۇ؟ ئادەم كۆپ دەپ باھانە تېپىشىڭىز مۇمكىن، بىر مەكتەپتى بىرىنچى يىللىقتىن ئۈچىنچى يىللىقتىكى بالىلاردىن قانچىسى باردۇ؟مەكتەپ، بالىلارنىڭ كىلىپ كىتىشىدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىم يوق دەپ ئويلامسىز؟
سىرىتلاردا نەگە قارىساق ئامانلىقنى قوغداش توغرىسىدىكى شۇئارلار، توختىماي چارلاۋاتقان ساقچىلار، كوچا-كوچىلارغا ئورنىتىۋەتكەن كۈزۈتىش ئاپراتلىرى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا يەنە قانداق شارائىت كەم ئىدى؟ كىچىك بالىلارنىڭ ئامانلىقى جەمىيەت ئامانلىقىغا تەۋە ئەمەسمۇ؟ نىمىشقا شۇنچە كۆپ ھەم ئەۋزەل شارائىتلار تۇرۇپ چوپچوڭ بىر ئادەمنىڭ دېرىكىنى قىلالمايدۇ ؟يېقىندا بىر خەۋەر كۆرۈپ قالدىم، بىر ئانا پەرزەنتىنى ئىزلەپ ئەرىز قىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەتكە نەچچە يالۋۇرۇپ بېيجىڭغا ئىككىى قېتىم بېرىپ يەنە قايتىپ كىلىپ ئاخرى پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان بىر خەۋەر، ھۆكۈمەت سەل قاراۋاتامدۇ ياكى بۇ ئىشلارغا كۈچى يەتمەمدۇ،ۋە ياكى بىر تەرەپ قىلغۇدەك ۋاقىت يوقمۇ؟ جانغا مۇناسىۋەتلىك ئىش كىچىك ئىش ئەمەستىغۇ ،چوڭ يولدا چارلاش قىلىپ ئۇرۇش-جىدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغدىغان بولماس؟ ئەگەر دىگەنلىرىم خاتا بولمىسا يەرلىكتىكىلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا دىققەت -نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قويىشىنى ،يۈتۈپ كەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىپ كىلىشىگە ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.كىچىك بالىلارنىڭ يوقاپ كىتىشى، ھەم بۇ ھادىسىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى ئامانلىق ئىشلىرىدا مۇشۇ تەرەپتىن كۆرۈلگەن يۇچۇقنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، مۇشۇ يوچۇقنى تولۇقلاپ كەتسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن.
كونىلار خاتا دىمىگەن، قوشنىدارچىلىققا سەل قارىماڭ، پەرزەنت تەربىيلەش پەقەت بىر تەرەپنىڭلا ئىشى ئەمەس، پەرزەنتىڭىزگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ.پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام چوڭ بولىشى بىر ئائىلىنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس، ئاخردا يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ بالدۇرراق ساق-سالامەت ئائىلىسىگە قايتىشى ئۈچۈن كۆپچىلىك بىرلىكتە دۇئا قىلساق.
يېقىندا يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى بېرىلگەن بالىلار(بەلكىم ئازلا بىر قىسمىدۇ)