|
|
|
|
قايتا قاراپ چىقىش、 ئىلتىماس ئارز قىلىش、 نارازىلىق ئەرز قىلىش、 ئىتىراز بىلدۈرۈش دىگەنلەرنىڭ پەرقى نەدە؟
ئىلتىماس ئەرز دىگەن دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىللىرى قانۇنى كۈكە ئىگە بولغان ھۆكۈم 、كىسىم、 كىلىشىملەردە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىسا،ئەسلى سوت مەھكىمىسى ۋە ياكى بىر دەرىجە يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىگە باشقىدىن بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا سۇنغان دەۋا تەلىۋىدۇر.
ئىلتىماس ئەرزنىڭ ئىككى خىل ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى بار:
بىرسى داۋادىكى ئىلتىماس ئەرز يەنى جىنايى ئىشلار 、ھەق تەلەپ دەۋالىرىدىكى دەۋاگەرلەر، قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم ياكى كىسىملەردە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قاراپ،قانۇن بويىچە خەلق سوتىغا ياكى خەلق تەپتىشىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ،قايتا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم、كىسىمنى ئۆزگەرتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشىنى ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنجىسى دەۋادىن سىرتقى ئىشلارغا قوللىنىدىغان ئىلتىماس ئەرز،يەنى مەمۇرى ئىجرا قىلىشتىكى ناھەق بولغان ياكى قانۇننى خاتا ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا ئىلتىماس ئەرز قىلىشنى كۆرسىتىدۇ،رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا قىلىنغان ئىلتىماس ئەرزنى نارازىلىق ئەرز دىگىلى بولمايدۇ.
ئىتىراز بىلدۈرۈش دىگىنىمىز خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈم、 كىسىمدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىسا،قانۇن بويىچە خەل قسوت مەھكىمىسىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەۋا پائالىيىتىدۇر.
نارازىلىق ئەرز دىگىنىمىز دەۋاگەرلەر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تېخى قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمىغان 1-سوت ھۆكۈم 、كىسىمىگە ياكى باھالاش قارارىغا ،قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە،نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ بىر دەرىجە يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىگە قايتا سوتلاشنى تەلەپ قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
قايتا قاراپ چىقىش بولسا مەمۇرى ئورگەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ چىقارغان كونكىرىت مەمۇرى قارارىغان قايىلل بولماي ئەسلى ئورگانغا ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا باشقىدىن تەپشۈرۈپ قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدىغان تەرتىپتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 03:47 PM
|
|
|
|
|
|