ئايروپىلانغا باشقىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئېلىۋالماڭ
بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ
مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 20 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدىن ئالماتاغا ئۇچىدىغان CZ6011 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانغا باشقىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئېلىپ چىقماقچى بولغان ئا ×× «جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن سەل ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىدى. ئۇ ئايروپىلانغا باشقىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئېلىپ چىقىشنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000 يۈەن جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ساقچىلار ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە ئىشلەپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى ۋە ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە 200 يۈەن جەرىمانە قويدى.
دۆلىتىمىزنىڭ «جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىدە ئايروپىلان بېلىتى ئارقىلىق مال توشۇغانلار ۋە باشقىلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئېلىۋالغانلار قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتى، قانۇنسىز ئېلىۋالغان مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ياكى تۇتۇپ قېلىنىدۇ، شۇنداقلا 5000 يۈەندىن ئاز جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ساقچىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: يولۇچىلار تاموژنىدىن ئۆتكەندە، ئاپپاراتتا رەسمىيەت بېجىرگەندە، شۇنداقلا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندە، يۈك - تاقلىرىنى ئېلىۋېلىشنى ئۆتۈنگەنلەر، بولۇپمۇ تاپان ھەققى بېرىمەن، دەپ ئۆتۈنگەن ناتونۇش كىشىلەردىن ھوشيار بولۇشى، جىنايەتچىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئورۇنسىز پېشكەلچىلىككە چېتىلىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
2014.04.25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xopur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 04:44 PM