مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1266|ئىنكاس: 12

تورغا زىيادە تايىنىۋالمايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 04:38:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تورغا زىيادە تايىنىۋالمايلى

لى خۇڭ


ھەممىلا يەرنى قاپلىغان تور بىزنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش بىلەن بىللە، يىراقتىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بولۇپمۇ، غېرىپسىنغان، ئىچىڭىز پۇشقان ۋاقىتتا، تور رەڭدار مەزمۇنلىرى ئارقىلىق سىزگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ... دەل شۇ سەۋەبتىن ھەممە كىشى توردىن ئايرىلالمايدىغان ھالغا يەتتى، تور شەخسنىڭ يان تېلېفون، كومپيۇتېرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا مول مەزمۇنلارنى قوشتى.
  ئەمما تور دۇنياسىغا مەپتۇن بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تورغا باغلىنىپ قالغان ۋاقتىمىزدا، تور سىرتىدىكى دۇنيانىڭمۇ ئوخشاشلا رەڭدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.
  ئويلاپ باقساق، تور يوق چاغدا بوش ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق؛ تور يوق چاغدا، دىققەت نەزەرىمىزنى جانلىق تەبىئەتكە ياكى دالىغا ئاغدۇرۇپ، سىرتلارغا چىقاتتۇق؛ تور يوق چاغدا، تىنچ ئولتۇرۇپ ئۆيدىكىلەر، دوستلار بىلەن سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ، مېھىر - مۇھەببەتتىن بەھرىلىنەتتۇق.
  تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟
  − تور بالىلارنى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە خۇشال بولىدىغان ۋاقىتتىن، پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلدى. تەتىللەردە بالىلار كۆپ قىسىم ۋاقتىنى بىلىپ - بىلمەي تورغا سەرپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار دوستلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى توردىكى مەۋھۇم دۇنيادا پاراڭلىشىدۇ، تور ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
  − تور بىزنى مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئەتراپقا نەزەر سالساق، ئىلگىرىكى كوچا دوقمۇشلىرى، ئاۋات رەستىلەر، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى گېزىت - ژۇرنال بوتكىلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا بىرەيلەننى زىيارەت قىلسام، ئۇ: گېزىت - ژۇرناللارنىڭ بازىرى بولمىغاچقا، گېزىت - ژۇرنال ساتمايدىغان بولدۇق، دېدى.
  − تور بىزنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. يان تېلېفونغا باشچىلاپ بېرىلىپ كەتكەنلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە گەپ قىلىشقا، ئەتراپىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئېتىبار قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
  تور بىزگە بەزى نەرسىلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، بىزنى كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى. بۇنداق دېگەنلىك تورنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس. دەۋر ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، توردىن پايدىلىنىپ بىلىم ئىگىلەش، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشۇش ئەلۋەتتە مۇھىم. ئەمما تور بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئەتىراپىمىزدىكى مەنزىرىلەرگە سەل قارىمايلى، تور سەۋەبلىك قەدىرلەشكە تېگىشلىك تۇرمۇشىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى.
  تورغا زىيادە تايىنىۋېلىش ھالىتىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟ بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

2014.04.11      مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xopur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 04:39 PM  


قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 08:09:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، مەنمۇ ئىلگىرى دوستلىرىم تەرىپىدىن تور مەستانىسى دەپ نام ئالغان. ھازىرمۇ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم خېلىلا كۆپ. بىراق پىكىرىڭىزنى تامامەن قوللايمەن، چۈنكى مەنمۇ ھېس قىلدىم، ئىلگىرى تور بىلەن ئۇچراشمىغان ۋاقتىمدا كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش قىلاتتىم، كىتاپ ئوقۇشقا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلاتتىم، سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما ھازىر بەزىدە سىرتنىڭ مەنزىرىسىدىن كۆرە توردىكى مەزمۇنلاردىن، چىرايلىق مەنزىرە سۈرەتلىرىدىن بەھر ئالىدىغان، كىتاپ ئوقۇش ئورنىغا توردىكى ئەسەرلەرنىلا ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىش قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمدىمۇ تېلىفۇنۇمدا تورغا چىقىپ دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان، دوستلىرىم بىلەن يۈز تۇرانە تۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كۆرە تور ئارقىلىق مۇڭدىشىشنى ئەۋزەل بىلىدىغان بوپ قالدىم. ئەلۋەتتە، بۇ تورنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ تورغا زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىكىمدىن بولغان. بىراق مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تورنىڭ ئومۇملىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇنلارنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىشى، بىزنى تور دۇنياسىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىۋەتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rahiyma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 08:09 PM  


نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1540
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 08:28:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىز دەل ۋاختىدا يوللىنىپتۇ،دىمەكچۈلۈك بەزىدە ئادەم بىكا قاسىلا تورغە چىققىسى كىلىدۇ.مەنچە كۈندە تورغا چىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كىرەك.كىتاپ ئوقۇش ياخشى ئادەت ئۇنى ھەرگىز تاشلاپقويۇشقا بولمايدۇ.كىتاپ ئوقۇشنى ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر كىشىگە تەشەببۇس قىلىشىمىز كىرەك.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 08:29:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا   دىدار غەنىمەت ئەلا،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالمىچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 08:30 PM  


ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 09:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورغا چىقىش كېرەك،لېكىن تورغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10848
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 09:15:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەن- تېخنىكا مەھسۇلاتى بولغان ئالاقە قوراللىرنى جايىغا ئىشلىتىش كېرەك........ ئۇ نەرسىلەرگە ھەددىدىن زىيادە بېرلىپ كېتىشكە ھەم تاشلاپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 09:17:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر ئىشنىڭ ياخشى -يامان تەرىپى بار……خۇددى تەڭگىنىڭ 2 يۈزى بولغىنىدەك……
ماشىنىنىڭ خەتىرى چوڭ دەپ ھەممە يەرگە پىيادە ياكى ۋېلىسىپىت بىلەن بېرىپ بولغۇلى بولمىغىنىدەك، تورنىڭ يامان تەرىپىنى دەپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىلىمۇ بولمايدۇ……
گەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە……تور، تېلىۋىزور، تېلفۇنلارغا ھەددەدەن ئارتۇق بېرىلىپ كەتمەي، خىزمەت، ئائىلە، ئۈگۈنۈش، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسەك،يەنىلا ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100628
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 09:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ    ،  رەخمەت سىزگە ....دىمىسىمۇ ھازىر ھەممىلا ئىشتا تورغا تايىنۋالدىغان ئەھۋاللار ناھايتى ئېغىر ، بۇنداق ئەھۋال بىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى چەكلەپ قويىدۇ ئەمەسمۇ........

بۇلبۇل خالىغان گۈلگە قونالايدۇ ، ئەمما گۈل خالىغان بۇلبۇلنى قوندۇرالمايدىكەن    !!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1847
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 10:45:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭغۇ  تورلارغا بەك  چىققۇم  كەلمەس  بوپ  قالدى  ...ھەر  كۈنى   سائەت  9 دىن كىيىنلا  چىقىپ  قويىمەن شۇ   

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 12:22:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق  نەرسىنىڭ ياخشى يامان تەرىپى بولىدۇ  ،مۇھىمى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتا   

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش