مۇقەددىمە
تەقدىر ساڭا سەن كۈتكەننى ئەمەس ،بەلكى سەن ئويلاپمۇ باقمىغاننى تەقدىم ئېتىدۇ ،سەن پەقەت تەقدىرنىڭ رەھىمسىزسىناقلىرىدا ھاياتڭىنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشسەن ،ئەمما
تەقدىر رەھىمسىزلەرچە ئالدىڭنى توسىدۇ ،تىرىشسەن تىرىشسەن ،قىينلىسەن ،بۇ ئاجىز يۈرىكىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي ھالسىرايدۇ ، سەن ئاللاھ بەرگەن بۇ سىناقلارنى يېڭىش ئۈچۈن گۈزەل ئەمما رەھمسىز ھاياتقا يەنە كۈلۈپ بېقىشقا مەجبۇر بولىسەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 V4 ~+ G- t; B& `مۇرادىل ،مەن ئىچكىردىكى سىز ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان شىئەن تىببي ئۇنۋىرىستىتغا ئۆتۈپتىمەن ،بەكلا ھاياجانلىنۋاتىمەن، ئەمما سىزنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ ،سىزدىن ئايرىلىپ بۇ بەش يىلنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن ؟
ئەنسىرىمە گۈلۈم ،مەن ساڭا دائىم تېلفۇن قىلىپ تۇرىمەن ، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشساڭلا
بۇ بەش يىل ناھايىتتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇدېدىم، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ
ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈم بەكلا يېرىم ئىدى ،بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن
ئەنسىرسەم بىر تەرەپتىن بۇ بەش يىلنى ئۇنىڭسىز قانداق ئۆتكۈزەرمەن دەپ يۈرىكم ئېچىشاتتى .
-قاچان يولغا چىقىدىغان بولدۇڭ ؟سېنى ئۈرۈمچىگىچە ئۇزىتىپ قوياي
مۇشۇ يېقىندابەك چارچاپ كەتتىم ،سەن بولغاچقىلا چىداپ يۈرگەن، ، سېنى ئاپىرىپ قويغاچ ئايلىنىپ كىلەي ، سېنى ئۇزاقراق كۆرۈپ
قېنىۋالاي ،سەنمۇ مېنى جىقراق كۆرىۋال كېيىن مېنى سېغىنىپ كېتىپ
قايتىپ كەلمە يەنە دېدىم چاقچاق قىلىپ .
-قېلىن ،داۋاملىق ئادەمنى تېرىكتۈرگەن ئاشۇ .
ئۇخىجىل بولغىندىن يۈزلىرى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى .
-دەيمەندە ئەمدى شۇ ، دېيەلمىگىنىڭنى دەۋەتتمۇ ئەجەپ قىزىرىپ
كەتتىڭغۇ .
ئىككىمىز بىر - بىرىمىزگە بەكلا ئامراق ئىدۇق ، مەن كۈندە ئىشتىن
چۈشۈپ ئۇنىڭ مەكتىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ تېزىراق چىقىشنى
ئۈمىد قىلىپ ئۇنى ساقلايتتىم ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كونا مەكتىپىم
دېسەممۇ بولاتتى ، ئەسلدە ئايگۈزەل بىلەن ئىككىمىز ساۋاقداش
ئوقۇيتتۇق، تولۇق 3-يىللىققا چىققان يىلى ئائىلەمدىكى قىينچىلىق
سەۋەبىدىن مەكتەپتىن چېكىنىپ چىققان ئىدىم ، پۇلسىزلىقتىن
ئەمەس بەلكى دادام ئۆگەي ئاپام بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەنلىكى
ئۈچۈن ئائىلىنڭ ۋە شىركەتنىڭ ئىشلىرىدا يېتىشىپ بولالمىدى ھەم
شۇ مەزگىلدە شىركەتتە ئىشلەۋاتقان نەۋرە ئاكامنىڭ ئاپىسى شىركەتكە كېلىپ بىرمۇنچە
قورساق كۆپىكى قىلىپ نەۋرە ئاكامنى
ئەپكەتكەنلىكى ئۈچۈن ،دادام خەققە يالۋۇرۇپ يۈرگەندىن ئۆزنىڭ
ئادىمى،ئوقۇساڭمۇ يەنە مۇشۇنداق خىزمەتكە ئورۇنلىشارسەن ، جاپا
تارتىپ ئوقۇپ يۈرگەندىن سەنلا مەكتەپتىن چىقۋېلىپ شىركەتكە
ياردەملەش دەپ مەكتەپتىن چىقىرۋالغان ئىدى ، دادامنىڭ مىجەزىنى
بىلگەچكە ئارتۇق قارشلىق كۆرسەتمىدىم ، چۈنكى بۇ ئائىلدە ئۇنىڭ
ئەتكىنى -ئەتكەن ، قىلغىنى - قىلغان ئىدى ،ھېچكىم ئۇنىڭ
قارارنى ئۆزگەرتەلمەيتتى ، ئوقۇشۇم خېلى ياخشى بولغاچقا
مۇئەللىمىز ئائىلىمىزگە كېلىپ مېنى ئوقۇتۇشى كېرەكلىكىنى ، ئائىلە
قىيىنچىلىقنىڭ ئاستا - ئاستا ياخشلىنىپ كېتىدىغانلىقنى ئېيتقان
بولسىمۇ دادام ئۇنڭغا قوشۇلمىدى ، ئۇنىڭچە ئوقۇمىسمۇ كۆپ پۇل
تاپقىلى بولىدىكەن ، ئۆزى ئوقۇمايمۇ شىركەت قۇرۇپ مۇشۇ شەھەردە تۆتنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ
كېتەتتى، ھەققەتەن دادام باشلانغۇچ4-سىنىپقىچە ئوقۇغان بولۇپ
ئائىلىسى نامرات بولغانلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالماپتىكەن ،زېرەك ئادەم
بولغانلىقى ئۈچۈن تىجارەت قىلىپ پۇل ۋە يول تېپىپ خېلى چوڭ
كۆلەمدىكى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى قۇرغان ئىدى ، شەھەر ئىچىدە
قۇدىرەت دېرىكتۇر دېسە تونۇمايدىغىنى يوق ئىدى ،ئۆزى قىيچىنلىق
ئىچىدە ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە يوقسۇزلىقنىڭ دەردىنى بەك تارتقان
بولغاچقا قىيىنچلىقى بارلارغا كۆپ ياردەم قىلاتتى ،ئەمما باشقىلاردەك
داۋراڭ قىلمايتتى ، قىينچىلقى بارلارغا ئاجايىپ مەرد بولغىنى بىلەن
ئۆزى ناھايتتى تېجەشلىك بىلەن ياشايتتى ، ئادەتتە سىرتلارغا
چىقسىمۇ چاينى ئۆزى دەملەپ ئېلىپ ماڭاتتى ، بەزىدە مازاق قىلىپمۇ
قوياتتۇق ، ئولتۇرۇشى تويوتا ، ئىچىشى سىن چاي دەپ.
تىلەمچىنى كۆرسە بىر تىيىن بەرمەيتتى ، ئۇلارغا قانچە
بېرىۋەرگەنسىرى ئۇلار شۇ يولدىن يانماي ، كەسىپ قىلىۋالىدىكەن
ھەم بۇنىڭ گۇناھى ئۇنىڭغا ياخشلىق قىلمەن دەپ پۇل بەرگەن
ئادەمگە بولىدۇ .
بۇ يەردە ئىككى زىيان بار ، بىرى مىللەتكە، يەنە بىرى ئۆزىگەدەپ
ئۇلارغا پۇل بىرشكە قارشى تۇراتتى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ N$ g' v) a4 d: D$ ^, X5 ]( _ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 10:22 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ R0 Y7 G8 k' U" d" ]/ `! vبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ b6 h- N9 ?: S) \& k8 @. F