|
|
|
|
ئىقتىسادى قانۇن سۇئاللىرى
مەلۇم ناھىيەدىكى “سىكرىتار رىستۇرانى”نىڭ نامى يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممە بىلىدىغان،كۈتكۈچىللىرى كونا ئۇيغۇر پاسونىدا كىيىملەرنى كىيىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان، قەدىمقى ئۇيغۇر ناخشىللىرى قويۇلىدىكەن ،جۇملىدىن ئاشخانا ئىچىنى بىزەشتىن تارتىپ ،تاماقلارنىڭ نامى قاتارلىقلارغىچە ھەممىسى قەدىمى يوسۇندىكى ئۇسلۇپ قوللىنىلغان ئىكەن.“قۇياش ئارامگاھى”دىگەن يەنە بىر ئاشخانا بۇنى كۆرۈپ،ئاشخانىسىنىڭ نامىنى “قەدىمى تۈرك تائاملىرى”دەپ ئۆزگەرتىپ كىيىم-كىچەك بىزەكچىلىك قاتارلىقلار ھەممىنى بىرمۇ-بىر ئوخشاش دوراپ كۆچۈرۈپ كەپتۇ.بۇ《ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى》نىڭ بەلگۈلمىسى بويىچە ،تۆۋەندىكى قايسى خىل قىلمىشقا كىرىدۇ؟
1. توغرا رىقابەت قىلمىشى؛
2. سودا مەخپىيىتىگە دەخلى قىلغان قىلمىش؛
3. ئارلاشتۇرۇۋېتىش قىلمىشى؛
4. يالغان تەشۋىق قىلىش قىلمىشى؛
توغرا جاۋابى:3
[يىشىم] 《ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى》نىڭ 5-ماددىسىدا،تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكى ناتوغرا رىقابەت ۋاستىللىرىنى قوللىنىپ رەقىبىگە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ: “(1)باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى سۇيىستىمال قىلىش؛(2)داڭلىق ماركىسىنىڭ نامى、 بىزەكلىرى ياكى ئۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان نام、بىزەك ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسى بىلەن ئارلاشتۇرىۋېتىپ ،سېتىۋالغۇچىغا مۇشۇ داڭلىق ماركىنىڭ تاۋىرىكەن دىگەن خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويۇش؛(3)باشقىلارنىڭ كارخانا نامى ياكى ئىسمىنى ئۆزى خالىغانچە ئىشلىتىپ،باشقىلارنىڭ تاۋىرى ئىكەن دىگەن خاتا چۈشەنچە بىرىپ قۇيۇش؛(4)تاۋارغا يالغاندىن ياسالغان ياكى ئىتىراپقىلىنغان ماركا、 داڭلىق ماركا قاتارلىقلارنى سۇيئىستىمال قىلىپ،ئىشلەپچىقىرىش ئورنى、 تاۋارنىڭ سۈپىتىگە نىسپەتەن كىشىلەرنى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇش.”دەپ بەلگىلەنگەن .بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى،باشقىلارنىڭ كىيىمى-كىچىگى、قويغان ناخشىسى、 بىزىگى تاماق نامى قاتارلىقلارنى بىرمۇ-بىر كۆچۈرۈپ ئەكىلىش مۇشۇ قانۇن بەلگۈلمىسىدىكى ئارلاشتۇرىۋېتىش قىلمىشى بولۇپ ،ناتوغرا رىقابەت ۋاستىسى قوللىنۇپ تىجارەت قىلىش ھىساپلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 11:48 PM
|
|
|
|
|
|