-كىچىككىنە ئىشىمىزنىڭ بۇنچىلىك زورىيىپ كېتىدىغىننى ،بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئىشتىراك قىلدىغانلىغىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمىز،ئېلىپ كەلگەن 100مىتر ئەتلىسىمىز ئۈچ كۈنگە يەتمىدى-دېدى غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا يولىغا جايلاشقان مۇيەسسەر <يىڭىلىق >ئاپتوموبىل ئوروندۇق ياپقۇچلىرى دوكىننىڭ مەسئولى مويەسسەر.
بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى،قەشقەر،قۇمۇل،ئاقسۇ ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە<ئەتلەس لېنتا>.پائالىيتى يولغا قويۇلوپ غۇلجا شەھىرىدىكى مۇيەسسەر خانىم بىلەن غۇلجا شەھەر 10-ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىكى<<لەززەت>>تورتخانىسى باش بولدى،ئىگەلىنشىچە ،بۇ پائالىيەتكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە 400گە يىقىن شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قىزغىن ئىشتىراك قىلغان. .
6-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى ئاپتوموبىللارغا ئەتلەس تارقىتمىز دەپ بەكلا ئالدىراش بولوپ كەتتۇق ھەتتا دۇكاننىڭ ئىشىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق،مەن بۇنىڭدىن پەقەتلا ئەپسۇسلانمايمەن،چۈنكى قىلغان كىچىكىنە ياخشى ئىشىمىز جەمىيەتكە نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇغۇچلارنىڭ غېمىنى يىنىكلەتتى،-دېدى مىيەسسەر.
غۇلجا شەھەر غەربى <شىنخۇا>يولىغا جايلاشقان <سەھران >رېستۇرانىنىمۇ ئىمتىھان مەزگىلىدە بۆلەكچىلا قىزىپ كەتتى . ئىككى كۈندە بۇ رېستۇراندا 600نەپەر دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىككى ۋاق ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەندى ،قورغاس ناھيىسىدىن كەلگەن 150كە يىقىن ئوقوغۇچى ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقلىرىدىن خاتىرجەم بولدى.غۇلجا شەھرىدە ئولتۇرۇشلوق ئىسمائىل مۇسا شەھەرلىك 11-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىمتىھان بېرىۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ يىقىن بولغان ئىلى دەريا بويىدىكى <<ئابدىجېلىل ئاتا مىراس ئارامگاھى >>دا ئىككى كۈنلۈك ئىككى ۋاق مول ۋە قۇۋۋەتلىك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاننى خاتىرجەم بېرىۋىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
-بۇ ئەتراپتىكى ئاشخانىلار ئىمتىھان مەزگىلىدە تاقىۋېتىلىدىكەن ،تاماقنى نەدە يىيىشنى بىلەلمەي تۇراتتۇق،ئابدۇكېرىم ئاكىمىز بىزنىڭ بۇ غېمىمىز خالاس قىلدى،ئابدېكىرىم ئاكا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاق كۆڭۇل ،ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بەكمۇ كۆپ ئىكەن .بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق ھەم خۇرسەن بولدۇق،-دېدى غۇلجا شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىمتىھان بېرىۋاتقان پازىلجان،غۇلجا شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ غۇلجا شەھەر قەشقەر كوچىسىغا جايلاشقان بولوپ ئىمتىھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق مەسىلىسى قىيىن بىر ئىشى بولوپ قالغانتى .4-ئۇتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچىدا ئولتۇرۇشلوق ئابدىكېرىم ئۆز ئۆيىدە بۇ مەكتەپتە ئىمتىھان بىرىۋاتقان بېرىۋاتقان 400نەپەرگە يېقىن ئوقوغۇچىغا ھەقسىز تاماق بېرىپ،ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا غۇلجا شەھرىدىكى كۆپلىگەن ئائىلىلەر سىرىتتىن كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆز ئۆيىدە يتىپ -قوپوشقا ئورۇنلاشتۇردى .
-بىز ئازراق كىچىكىپ قاپتۇق ،سىرىتتىن كەلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن خېلى بۇرۇن كېلىپ ياتاقلارنى زاكاز قىلۋالغانكەن،شۇڭا يېتىپ -قوپىدىغان بالىلار ئاز قاپتۇ،مېنىڭ ئۈيۈمدە ئاران ئالتە بالا يىتىپ قوپتى ،ئەسلىدە مەن 30بالىنى ياتاقتىن خاتىرجەم قىلارمەن دىگەنتىم ،كىلەر يىلى مۇمكىن بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بالدۇرراق ئالاقىشىلىپ ،ئۇلار ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ ياخشى ئىشى قىلىپ بېرىشىنى ئويلاۋاتىمەن ،-دېىدى غۇلجا شەھەر ئاھالىسى شاۋكەت ئاكا
(مەنبە:ئىلى كەچلىك گېزىتى قۇربانتاي مۇھەممەت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ak.ustang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 12:56 AM