بـەزىلـــــەر
.
نىيازئەلى ئادىل
.
دوستۇڭمەن دەپ سىرىڭنى ئالار ئىكەن بەزىلەر،
سەن يوق يەردە ھەممىنى يايار ئىكەن بەزىلەر.
.
ۋىجدانى يوق، يۈزى يوق، ئۇيالماستىن قىلچىلىك،
بەرگەن ۋەدە - قەسەمدىن تانار ئىكەن بەزىلەر.
.
قىلىپ يالغان خۇشامەت كۈلۈپ قويۇپ ئالدىڭدا،
كەينىڭدىنلا ئۆسەك سۆز تاپار ئىكەن بەزىلەر.
.
ھەزەر ئەيلەپ يۈرمىسەڭ شۇنداقلاردىن بىر كۈنى،
خائىن بولۇپ دوستىنى ساتار ئىكەن بەزىلەر.
.
بۆرە بولۇپ ھۇۋلىسا بىلەتتىڭغۇ خەتەرنى،
تۈلكە بولۇپ يېنىڭدا ياتار ئىكەن بەزىلەر.
.
قورساق تويسا جىم يېتىپ ئاچ قالغاندا ۋە لېكىن،
غالجىر ئىتتەك ئۆزۈڭگە قاۋار ئىكەن بەزىلەر.
.
ھۆرمەت قىلىپ سۇ قۇيۇپ بەرسەڭ ئەگەر قولىغا،
يۈندىسىنى يۈزىڭگە چاچار ئىكەن بەزىلەر.
.
خەشەكنى يەپ ئىنسانغا سۈت بېرىدۇ ئىنەكمۇ،
ھايۋانچىلىك بولالماي ياشار ئىكەن بەزىلەر.
.
2014 - يىلى 12 - ئىيون چارشەنبە
غۇلجا مۇڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى