مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 1

مەزمۇن ۋە شەكىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94624
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 04:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەزمۇن ۋە شەكىل

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) x9 ^6 v% \  {1 B: G! }' T

تۇردى توختى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& B0 A1 A3 X. U* M9 q. I9 H  |4 t4 m

دۇنيادا ھەرقانداق شەيئى مەزمۇن ۋە شەكىلگە ئىگەبولغان بولىدۇ.مەيلى ئۇ ماددىي نەرسە بولسۇن ،مەيلى ئۇ سۇبىكتىپ ئاڭغامۇناسىۋەتلىك نەرسە بولسۇن ،بەرىبىر مەزمۇن ۋە شەكىل كاتۇگۇرىيەسىگە مەنسۇپ بولغانبولىدۇ.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا مەزمۇن دىگىنىمىزشەيئىلەرنىڭ ۋە ئۇقۇم، ھۈكۈملەرنىڭ ماھىيىتى بۇلۇپ،ئۇ شەيئى ۋە ئۇقۇم ھۈكۈملەرنىڭ شەكىللنىش سەۋەبىدىكى ئىچكى يادىرو ھىساپلىنىدۇ.شەكىل بولسا-شەيئى ۋە ئاڭ غامۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم ھۈكۈملەرنىڭ كىشىلەر ئېڭىدا شەكىللەنگەن بەلگىسىدىن ئىبارەت.

بىز بۇ يەردە بىر ماددىي نەرسىنى مىسالغا ئالدىغان بولساق يۇقىردىكى ھۈكىمىمىزنى ئىسپاتلاپ چىقىشىمىزغا ئاسانلىق بولىدۇ.

ماددىي نەرسە: ، ئالما ؛ بۇ يەردىكى ئالمىنىڭ مەزمۇنى بولسا – ئالما دېرىخى، ئالمىنىڭ مىۋىسىنىڭ  پوستى،پوستىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى يۇمشاق تەنچە  قەۋىتى( ئالمىنىڭ سېرىق ئىتى)،ئالمىنىڭ گوشلۇك قىسىمى،ئالمنىڭ ئۇرۇقچىسى( شۇپۇكى) قاتارلىقلار مەزمۇن بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يۇقارقىلار ئالمىدىن ئىبارەت بۇ شەيئىنىڭ يادۇرۇلۇق مەزمۇنى بۇلۇپ،بۇنىڭ ئالما بولۇشىغا زۈررۈر بولغان شەرت شارائىتلار بولسا تۇپراق،سۇ كۇننۇرى،پەرۋىش... قاتارلىق قوشۇمچە مەزمۇنلارنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.يۇقارقىلار ئورگانىك ھالدا بىرلەشكەندىلا ئاندىن بىز بىر تەملىك ئالمىنى ئوڭۇشلۇق يىيەلەيمىز. ئۇنىڭ شەكلى بولسا كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى « ئالما» ئۇقۇمى ھىس قىلدۇرغان ھالەت - كۆرنۇش(بەلگە) دىن ئىبارەت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئۇقۇم خارەكتىرلىك سۈبىكتىپ مەسىلىلەرنىڭ مەزمۇن شەكىل مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ،ئاددىي ھالدىكى تەھلىللەردىن(چۈشىنىش)ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكىلىنى ئايرىپ چىقىماق ھەقىقەتەن تەس. ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ھەقىقى ھالدا ئوپىراتسىيە قىلىپ،ئەڭ ئىنىچكە، نازۇك قىسىمىغىچە قىستاپ تەھلىل قىلغاندىلا ئاندىن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەنئۇقۇمىنىڭ شەكىلىگە ئېسىلىۋېلىپ ماھىيىتى( مەزمۇن) نى مەڭگۈ تېپىشقا قادىربولالمايدۇ. ئۇنداق كىشىلەر مەسىلىنىڭ يۈزەكى تېرىپىگە ئېسىلىۋېلىپ،مەسىلىنى يۈز بەردۇرىۋاتقان ماھىيەتنى ئىگەللەشكە سەل قارايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇمنىڭ مەنا چۇقۇرغۇلىغىنى(مەزمۇن چۇڭقۇرلىغى) ھىسى قىلالمايدۇ.

مەنا چۇڭقۇرلىغىغا يىتىپ بارالمىغان ھۇكۇمنىڭ توغراھۈكۈم سۈپىتىدە تايىنىدىغان كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشى بۇ كىشىلەردىكى بىر ساختا مەزمۇن- شەكىل چۈشەنچىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق ساختا ھەقىقەتكە ئايلانغان مەزمۇن- شەكىل چۈشەنچىسى مەسىلىنى توغرا چۇشىنىشكە ئەمەس ،زىدىيەتنى پايدا قىلىشقا تۈرۈتكە بولىدۇ.چۈنكى ھەرقانچە پەردازلاپ چۈشەندۇرگەندىمۇ ئۇنىڭ ساختا قۇيرىغى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ.

مەسىلەن: « مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى» دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەزمۇن شەكىلىنى مىسالغا ئالساق،ئۇنىڭ مەزمۇنى- ئورتاق  ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەر گەۋدىسى،باراۋەر ياشاش شارايىتى ، ياشاش جەريانىدا ئىرىشكەن ھۇقۇق باراۋەرلىكى، ياشاش جەريانىدا ئىگە بولغان ئىززەت ھۆرمىتى ، ئۇلارنىڭ ياشاش جەريانىدىكى بېسىپ ئۆتكەن تارىخى مۇساپىلىرى، ياراتقان مەدىنىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، مەدىنىيەت سەۋىيەسى، دىننىي ئېتىقات جەھەتتىكى ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسى،پىسخىك چۈشەنچىسى ۋە پسخىكىلىقھالىتىدىكى قان چۈشەنچىسى ۋە ئۆزگىچىلىكى، تىل-يېزىق جەھەتتىكى ئەركىنلىكى ۋەمەدىنىيەت قاتلىمىغا تەۋە بولغان ئۆرپە-ئادەتلىرىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىش ، قانۇن –تۈزۈملەردىكى ھۇقۇق مەجبۇريەتلەرنىڭ گەۋدىلىنىش ئەھۋالى.بۇلۇپمۇ سىياسى جەھتتىكىباراۋەرلىك ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ئورتاقلىغى... قاتارلىقلار بۇلۇپ، « مىللەتلەرئىتىپاقلىغى» ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنى بۇلۇپ ، بۇنىڭ يادىروسى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىباراۋەرلىگى مەسىلىسىدىن ئىبارەت. مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى ھەقىقى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىللەتلەر ئارىسىدىكى يۇقىرىقى ئاممىللاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل  قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

« مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى» ئۇقۇمنىڭ شەكلى بولسا ،«مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى» دىگەن بۇ « بەلگە» خارەكتىرلىك ئۇقۇمنىڭ كىشىلەر ئېڭىدا ئىپادىلەنگەن يۈزەكى ھالىتىدۇر. باشقىچە دىگەندە « مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى» دىگەنئىككى سۆز بىرىكمىسىنىڭ شەكىل جەھەتتىن كىشىلەر ئېغىزىدا تەكرارلىنىشىدۇر.  

ئۇلۇق پۇرۇلتاريات ئىنقىلاپچىسى ۋە پۇتۇن دۇنيا پۇرۇلتارياتلىرىنىڭ داھىسى لېنىن شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ « مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنىلاتەكىتلەپ ، مىللى باراۋەرلىكنى تەكىتلىمەسلىك بىر سىنىپى زۇلۇمدىن باشقا نەرسەئەمەس» دەپ ئېنىق ئېيتقان. بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندىمۇ مىللەتلەرباراۋەرلىكىنىڭ مەزمۇن،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ئۇقۇمىنىڭ شەكىل ئىكەنلىگىنى تۇنۇپ يىتىشىمىز تەسكە توختىمايدۇ.

مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىللى مەسىلىلەرنى ھەقىقى چۈشىنىپ يىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مىللى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىشتا بولسا « مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى» دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، مەزمۇن شەكىللەندۈرۋاتقان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىكلەرنى ھەقىقى تۇنۇپ يىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولمايدىكەن مىللەتلەر ئىتىپاقلىغى دىگەن شۇئارغا ئايلىنىپ قېلىپ، مىللى مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك بۇ بۇيۇك نىشانغا يىتىش ئىختىدارىمىزدىن مەھرۇم قالىمىز.

ماركىس « مەزمۇن بىلەن شەكىل دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ،بىرسى بولمىسا يانا بىرسىمۇ بولمايدۇ» دىگەن مەشھۇر ھۈكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماركىسىنىڭ بۇ سۆزىدىن مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ھەم پەرىقلىق ھەم باغلىنىشلىق بولغان ئىككى خىل ئۇقۇم ئىكەنلىگىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئۇقۇم ۋە شەيئىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بىرىشىمىز. مەزمۇننى ياخشى تەھلىل قىلىپ ،يولۇققان مەسىلىلەرنى تۈرلۈك ئۇسۇل(شەكىل)لەر بىلەن مۇۋاپىق ھەل قىلىشىمىز لازىمدۇر.

(oz yazmam)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; e# p; g9 _' B# b; X) [5 I+ H6 Q3 Y بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 09:46 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* d7 R0 Q! O" R& f

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# W& a3 I' ~+ }5 C5 \9 h

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100052
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 11:07:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 r0 Z& n) k2 q* B. e8 [0 N. V2 g ۋەسۋىسە ئىچىدە ھولۇققان ئىديىلەرنى يۇيىدىغان دەل جايىدىكى قاراشلارغا تەشەككۈر...!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش