مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5401|ئىنكاس: 49

بەختى قاچقانلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 03:27:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    قۇياش ئىللىق نۇرىنى زىمىنغا تەكشى چاچىدۇ، مەيلى باي مەيلى گاداي ۋە ياكى ئورۇق سىمىز بولسۇن بۇ نىئمەتتىن ئورتاق بەھرى ئالىدۇ، ئۇ شۇنداق مىھرىبانكى ئۇنىڭدا تەڭسىزلىك ئەسلا يوق .

قۇياش بىر ئانا كەبى ئىنسانغا مول ھوسۇللۇق، سالامەتلىك ئاتا قىلىدۇ .مانا مۇشۇنداق ئالتۇق قۇياش نۇرىدا ئىككى ياشنىڭ تويى بولماقچى ،ئەلۋەتتە ھەممە ناھايىتى ئىسىل دۇئا تەنتەنىلەر بىلەن ئۇلارنى قۇتلۇقلايدۇ ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ.پەقەت بىرىلا بۇلۇڭىغا كىرىۋىلىپ توي قىزىغا قىزغىنىش ھەم ئاچچىق ھەسرەت بىلەنقاراۋاتىدۇ ھەم ،ئۇ توي قىزىنىڭ يىنىدىكى يىگىتنىڭ ئۆزى بولۇشىنى قەۋەتلا ئارزۇ قىلاۋاتاتتى  ،ئەپسۇس ئۇنداق بولماي قالدى، چىرايلىقتا ۋاپا يوق دىگەندەك توي قىزى ئۇنى ساقلىمايلا تويغا تۇتۇش قىلغان ئىدى ،ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا بەرگەنۋەدىلىرىنى ئۇنۇتقان ،ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ يىغلىغانلىرىنىيادىدىن چىغارغان ئىدى .ئۇ مۇشۇ تويىدا بەختىلىك بولسا ئىدى كاشكى ئۇنىڭ قەلبىمۇئاززىراق تىنىم تاپقان بولاتتى ،لىكىن ئۇ قىزدىن قەۋەتلا ئەنسىرەيتتى ،چۈنكى قىزتولىمۇ چىرايلىق ھەم ئۇماق بولغىنغا قارىماي نازلىق ھەم باشقىلارنى خوشال قىلىشنى بىلىدىغان، ئەمگەك ئۈچۈن تەر تۆكۈشكە تەييار تۇرىدىغان چەبدەس ئىدى لىكىن مىجەزى ئىتتىك، ئاسان يامانلايدىغان ئويلاشماي ئىش قىلىدىغان مىجەزىمۇ بار ئىدى ئەلۋەتتە .ب ۇ ئىككەيلەننىمۇ قىزنىڭ ئاشۇ ئالدىراقسان مىجەزى تونۇشتۇرغان ھەم ئايرىغان ئىدى ،شۇ سەۋەپلىك ئىككى ياشنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئازاپلار قالدى،بۇلارنى ئويلىغىنىدا يىگىتنىڭ  يۈرۈكى ئىچىشاتتى ،بەلكىم توي لىباسى ئىچىدە ئولتۇرغان قىزنىڭمۇ شۇنداق بولۇشى مۆمكىن  ......

بۇندىن 3يىلبۇرۇن زۆھرە ئائىلىسى ئىقتىسادى بىسىمىنى يىنىكلىتىش سەۋەپلىك ئوتتورا تىخنىكومنى پۈتتۈرۈپلا ئىشقا چىقتى ،ئۇ خەنزۇچە سەۋيىسىنىڭ ياخشىلىقى تۈپەيلى بىر ئالتۇن دۇكىنىدا يىرىم كۈن ئىشلەيدىغان ۋە يىرىم كۈن كومپىيوتىر كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرىدىغان بولدى ،تولىمۇ تىرىشچان ئەستايىدىل بۇ قىز ناھايىتى تىزلا گۇرۇپباشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ھەم باشلىقلىرىنىڭ كۆزىگە كۆرىنىپ مۇئاشىمۇتىزلا ئۆستى ،كۈنلىرى بىلىم ئىگەللەش ھەم ئىشلەش بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى ،ئۇنىڭكاللىسىدا پەقەت ياخشى ئوقۇپ كومپىيوتىر كەسپىنى پۇختا ئىگەللەپ كىينىچە ياخشىراقبىر ئىش قىلشتەك بىر ئارزۇ بار ئىدى ،لىكىن تۇيۇسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ئۇنىڭتارىخىنى ئاسمان -زىمىن ئۆزگەرتىۋەتتى .ئالتۇن يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئەتتىگەندە كىلىپئالدىراشلا تازلىق قىلشقا چۈشكەن زۆھرە ئۇدۇلدىكى خىزمەتدىشى بۇخەلچەم بىلەن پاراڭلاشقاچ ئىشى بىلەن بەند ئىدى.

-قارا زۆھرە ئاخشام يولدىشىم بىلەن يەنە قىزىرشىپ قالدىم ،

-نىمىشقا؟

-نىمىشقا بولاتتى ،ئۇ يەنە ھاراق ئىچىپ كەپتۇ،ئەرۋايىم شۇنداق ئۇچتى ،(ھەي لاتاڭنى بىرىۋىتە )دىدى ئۇ يەنە گىپىنى داۋام قىلدى،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا تازا سۆزلەپتىمەن .زۆھرە لاتىنى شۇنداق ئاتتىدە ئىشىكتىنكىرگەن خىرىدارنىمۇ كۆرمەي قالدى :

-ئاپام ،دەپ ۋاقىۋەتتى زۆھرە ،ۋە ئۇلاپلاكەچۈرۈڭ ،كەچۈرۈڭ قەستەن قىلىمىدىم ،مىنى كەچۈرۈك دەپ ئۆزرە ئىيتىپلا كەتتى .

لاتا ئۇخىرىدارنىڭ ئارقا بوينىغىلا تەگدى ،ئاپئاق كۆينەك كىيگەن ،شىم ئىشتاننى قاتۇرۇپكىيۋالغان يىگىت ئارقىغا بۇرلۇپلا ئاچچىقلىماقچى ئىدى ،لىكىن بۇلاقتەك كۆزلىرىخىجلىلىق ھەم جىدديىلكىتىن لۆمۈلدەپ تۇرغان قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرىنىتۈرمەللىۋالغان بۇ قىزغا قانداقتۇر قاراپ كۈلۋەتتى ،ھەم لاتىنى شۇنداقلا ئىلىپزۆھرەنىڭ يىنىغا ئىلىپ كەلدى -دە ،جەينىكى بىلەن ئالتۇن تىزىلغان ئەينەك پۇكەيگەيۆلىنىپ تۇردى -دە ،ئۇنىڭغا شوخلۇق بىلەن قاراپ كۈلۈپ :

-سىز ئاتتىڭىزما ،-دىدى .

-ھ ھ ھ ھەئە ،كەچۈرۈك قەستەن قىلمىدىم،كىرگىنىڭىزگە دىققەت قىلماپتىمەن،-دىدى دۇدۇقلاپ.

-ياق ،ياق جىددىيلەشمەڭ قىزچاق ھىچقىسى يوقبۇنى ماڭا كەلگەن ئامەت دەپ تۇراي ،-ماڭا ئۈزۈك تاللاپ بىرەمسىز ؟دىدى ۋە لاتىنىزۆھرەگە قايتۇرۇپ بەردى .زۆھرە خجىللىقتىن ۋىللىدە قىززىرىپ كەتتى ،يىگىت بولسا زۆھرەنىڭ  كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ، مال تىزىلغان ئىشكاپقا كۆز يۈگۈرۈتتى  -.

-كىمگە ئالىسىز؟ ئايالىڭىزغىمۇ ؟ -دەپ سورىدى .

-ياق ئاپئاق قىز ،-دىدى يىگىت زۆھرەنىڭ كۆزىگە تىخىمۇ تىكىلىپ ،-مەن تىخى توي قىلمىدىم  ..

-ھە كەچۈرۈڭ ئەمىسە، قىز دوستىڭىزغىمۇ ؟

-ياق ،ئۇنىڭغىمۇ ئەمەس ،ئاپامغا ....

-ھە ،ۋاپادار ئوغۇل ئىكەنسىزدە، بولىدۇ  ،ئاپىڭىز قانداق پوسۇننى ياقتۇرىدۇ ؟

-بۇنى بىلمەيدىكەنمەن، ئىشقىلىپ بەك كىچىكمۇ بولۇپ كەتمىسۇن ،چوڭلار ياقتۇردىغان ئاددىيراق ئۈزۈكتىن تاللاڭە .

-ھە ،ماقۇل ئۇنداقتا ياقۇت قويۇلغان ئۈزۈك تاللاپ بىرەي ،شەخسەن مىنىڭ ئاپاممۇ شۇنداق ياقۇتلۇق نەرسىلەرنى ياقتۇرىدۇ، ياقۇتلىرىمۇ ناھايىتى نەپىس ،سىزنىڭ ئاپىڭىزمۇ چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ ،-دىگەچ ،بىر قىزىل ياقۇت قويۇلغان ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەنگەن ئۈزۈكتىن بىرنى ئىلىپ بەردى ،ھەم قولىغا  ھىساپلىغۇچنى ئىلىپ ھىساپلاپ بەردى . قاراڭ 450يوەن بولىدىكەن، كۆرۈپ بىقىڭ دەپ ئۇ يىگىتكە سۇندى .

يىگىت ئۈزۈكنىقولىغا ئالدى ھەم بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن :

-بولىدۇ ،مۇشۇنى ئالاي ،سىز تاللاپ بەردىڭىزئەمەسمۇ؟دەپ ئۈزۈككە بىر قاراپ قويدى .

-زۆھرە يەنە بىر قىتىم خجىللقتا قىززىرىپكەتتى .ۋە ئۈزۈككە تالون يىزىپ بەردى ،يىگىت پۇلنى تۆلەپ كەلگۈچە ئۇ ئۈزۈكنىچىرايلىق قاپقا سىلىپ ئورىدى  ھەم ئىككى قوللاپ يىگىتكە بەردى .يىگىت ئۈزۈكنىئالدى-دە:

-تونۇشۇپ قالايلى ،ئىسمىم ئابلىكىم دىدى.زۆھرە ئەدەپ بىلەن :

-بىرەر نەرسە لازىم بولسا يەنە كىلەرسىزدىگىنىچە ،ماللىرىنى رەتلەۋەردى ،ئابلىكىم زۆھرەنى خىجىل قىلماي دىدىمۇ ،ۋەياكىئۆزى خىجىل بولدىمۇ ئاستا چىقىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن ئىككى ياشنىڭ كىينىكى ئەگرىتوقاي قىسمەتلىرى باشلاندى .

شۇ ئىشتىن كىيىن ئابلىكىم داۋاملىق تۈردە زۆھرەنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇردى ،زۆھرە بولسا ئالدىراشلىقنى باھانە قىلىپ چىققىلى ئۇنمايتتى ،لىكىن ئابلىكىممۇ يا بىللە تاماق يىيشنى يا بولمىسا ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى باھانە قىلىپ زۆھرەنى كۈندە نەچچە قىتىم يوقلاپ تۇراتتى .ھەم يۇمۇرۇستىك گەپلىرى بىلەن ئۇنى بەزىدە ئىشككە تەلمۈرتۈپمۇ قوياتتى .زۆھرەنىڭ رەت قىلىشلىرىغا كۆنۈپ قالغان ئابلىكىم ئاخىرى بىركۈنى زۆھرەنى خىزمەتدىشى بۇخەلچەم بىلەن قوشۇپلا تاماققا تەكىلىپ قىلدى ،بۇخەلچەمنىڭ تولا دەۋىتى بىلەن زۆھرە ئىشتىن چۈشۈپ كومپىيوتىر تەربىيلەش كۇرسىدىن يانغاندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئىيتتى .شۇنىڭ بىلەن ئابلىكىم ئاخىرى بىر ئايچە پالاقشىغاننىڭ مىۋىسىنى كۆرىدىغان بولدى .چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ بولغاندا بۇخەلچەم ئىككىسى  دىيىشىۋالغىنچە ئاياس تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچراشتى ھەم زەمزەم تىز تاماقخانىسىغا كىرىشتى ،ئابلىكىم ئاللىقاچان كىلىپ بولغان بولۇپ ئەينەك دەرىزىنىڭ يىنىدىكى ئۈستەلدە تاماق تىزىملىكىمۇ ئەيتاۋۇر بىر كىتاپقا قاراپ ئولتۇراتتى ،زۆھرە تۇنجى قىتىم ئوغۇللار بىلەن تاماق يىيىشكە چىققانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇ بالىغا ئۇنىڭمۇ مەيلى تارتتىمۇ ئىشقىلىپ يۈرۈكى باشقىچىلا تىپچەكلەپ سوقاتتى .ئۇ كىرگەچ ئابلىكىمگە بىر قۇر نەزەر سالدى ،ئۈستى -بىشى ناھايىتى رەتلىك ،چاچلىرى تەكشى كىسىلگەن .ئورۇق ،بۇغداي ئۆڭلىكى ئۇنى تىخىمۇ تىتىك كۆرسىتەتتى .بۇ بالا بەك ئىگىز بولمىسىمۇ لىكىن شۇنداق كىلىشكەن ھەم بەكمۇ مىھرى ئىسسىق تۇيغۇ بىرەتتى ،ئۆزىمۇ كۈلۈپلا تۇرغاچقا يىنىدىكى ئادەملەرگىمۇ ئانچە ياتسىراش تۇيغۇسى بەرمەيتتى .ئۇ كۆزىنى يۈگۈرتۈپ قاراپ ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ قول ئىشارىسى بىلەن ئۇلارنى قارشى ئالدى ھەم كۈلۈمسىراپ ئولتۇرۇشقا تەكلىلپ قىلدى .ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بۇخەلچەم سىرتىدا زۆھرە ئىچىدىكى ئورۇندۇقتا ئابلىكىم بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇردى .بۇخەلچەم چەينەكنى قولىغا ئىلىپ پىيالىلەرنى بىر قۇر چايقىۋەتتى ھەم چاي قۇيۇپ ئاۋۋال ئابلىكىمگە ئاندىن زۆھرەگە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە قويدى ھەم چاينى ئوتلىغاچ گەپ باشلىدى .

-ھە ،ياخشى تۇردىڭىزمۇ ،مانا زۆھرەنى ئاخىرى چىقىشقا ئۇناتتىم ،ماڭا رەھمەت ئىيتىڭ جۇمۇ ،

-ماقۇل ،دەپ قاپسىز رەھمەتنى تىخى كەڭرى ئىيتىشۋالىمىز ،زۆھرەنى بىر ۋاخ تاماققا تەكلىپ قىلىشنىڭ بۇنچە تەسلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن ،شۇ جامبا يىگەن كۈندىن باشلاپ يا ئۇيقۇ يوق يا تاماق يىگۈم كەلمەيدۇ ،-ھەي قانداق قىلمەن دەڭە ئاخىرى سىزنى ئاۋارە قىلدىم شۇ .

-ھە  بوپتۇ شۇ بانادا مەنمۇ مىھمان بولۋالىدىغان بولدۇم ،ئىككىسى كۈلۈشۈپ كەتتى ،زۆھرە خىجىللىقتا پىيالە ئىچىگە قاراپ ئولتۇراتتى ،ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈشتىن ،بىشىنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇلىدىكى ئۇنىڭغا قاراشتىن قورقاتتى ،-زۆھرە چاي ئىچىڭ .......

بۇ  ئاۋازدىن ئۇ ئەندىكىپ كەتتى ھەم چاينى قايتا -قايتا ئوتلاپ ئىچكىلى تۇردى ،بۇخەلچەم بۇنى كۆرۈپ ئۇنى يىنىككىنە چىمدىپ قويدى ھەم ئاستا ئاۋازدا:- جىددىيلەشمە ،توۋا ...دەپ قويدى .

ئابلىكىم بۇنى كۆرۈپ ئارىدىكى جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىلفۇننى قولىغا ئالدى ،-دە :

-مەن تىلفۇن قىلىپ كىرەي سىلەر تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈپ تۇرۇڭلار دەپ سىرتقا ماڭدى .زۆھرە ئاراندا بىشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئارقىدىن قاراپ قويدى -دە،بىر نەپەس ئىلۋەتتى .

-قانداق قىلارمەن يۈرۈكۈم بەك تىز سوقۇپ كىتىپ بارىدۇ ،ئۇف.

-ھەي بۇنداق جىددىيلەشمە ئازادە ئولتۇرە قارا سومكاڭنىمۇ مۆرەڭدىن ئالماپسەن بىرسى بۇلايدىغاندەك ،-دىيىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى ،ئابلىكىم بولسا قولىدا تىلفۇن لىكىن سىرتتىكى ئەينەكتىن زۆھرەگە قاراپلا تۇراتتى ،زۆھرە ئاغزىنى ئىتىپ كۈلگىنىچە سىرتقا شۇنداق قاراپ ئابلىكىم بىلەن كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى ھەم تىزلا كۆزىنى يەنە ئىلىپ قاچتى ،سومكىسىنى ئاستا ئىلۋىتىپ تاماق تىزىملىكىگە قاراپ ئولتۇردى .ئابلىكىم يەنىلا زۆھرەدىن كۆز ئۈزمىدى ئۇنىڭغا قارىغانسىرى بىرخىل ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسى ئاشاتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى .ئاپئاق كۆينەككە ماسلاشتۇرۇپ كىيگەن قارا يوپكىسى يىرىم بوغۇلغان ئۇزۇن چاچلىرى ،گىرىمسىز تەبىئىي چىرايى ھەر قانداق كىشىنىڭ قەلبىدە ئورناپ قالاتتى .ئابلىكىم 5-10مىنۇتچە تۇرغاندىن كىيىن قايتىپ كىردى ،زۆھرە بىلەن بۇخەلچەم پاراڭلاشقاچ تاماق تىزىملىكى كۆرىۋاتاتتى .

-ھە قىزلار ،نىمە تاماق يەيمىز ؟

-مەن ئەنجان پولو يەي .

-زۆھرە سىزچۇ ؟

-مەننننننن،ھە سۇيقئاش ئىچەيمىكىن .....

-ۋاي ،باشقا تاماق يىگىنە سۇيۇقئاشنى ئۆيدىمۇ ئىچەلەيسەن ،-دىدى بۇخەلچەم زۆھرەگە قاراپ .
-بولدى نارىن يىسۇن ،-دىدى ئابلىكىم زۆھرەنى خىجىل قىلغۇسى كەلمەي ،-قانداق مەيلىمۇ ؟

-ھە ،مەيلى .

-كۈتكۈچى !!!!!كۈتكۈچى تىزلا تاماق يازىدىغان دەپتەرنى كۆتۈرۈپ كەلدى .

-بىزگە بىر ئەنجان پولو ،ئىككى نارىن ،10زىخ كاۋاپ ،بىر لەڭپۇڭ ،ئۈچ قىتىق ،-دىيىشىگە زۆھرە :

-يەپ بولالمىساق ئىسراپ بولىدۇ ،بولسۇن شۇلا دەپ توختىتپ قويدى ،ئابلىكىم خوش بولۇپ كەتتى چۈنكى زۆھرەمۇ خىلى ئىچىلىپ گەپ قىلپ ئولتۇراتتى .

-ئابلىكىم ؟سىز نەدە ئىشلەيسىز ؟گەپ باشلىدى بۇخەلچەم .

-مەن تاكسى ماشىنىسى ھەيدەۋاتىمەن ،ئاتا -ئانام مارالبىشىدا يەر تىرىيدۇ ،ئانچە -مۇنچە بىرىپ قارىشىپمۇ بىرىمەن .

-ھە ئاتا-ئانىڭىز دىھقان ئىكەندە ،ئۈرۈمچىدە ئۆزىڭىز يالغۇزمۇ ؟

-ياق ئاكام بار ئىككىمىز بىللە تۇرىمىز .

-ئىجارە ئىلىپمۇ ؟

-ھە ئە .

-بۇرۇن بىرەرسى بىلەن ئارلاشقانمۇ ؟

زۆھرە گەپنى بۇرىۋەتتى ،-بۇخەلچەم چاي ئىچىڭە؟ لىكىن ئابلىكىمگە نىسبەتەن بۇ سوئالغا جاۋاب بىرىش قىيىن ئەمەس چۈنكى ئۇ ھەئە دەپ جاۋاب بىرىشى ئىنىق ئىدى .

-بۇنداق سورىسام ھەيران قالماڭ ،زۆھرە تىخى ھىچكىم بىلەن ئارلىشىپ باقمىدى ،ئۇنىڭ ئازار يەپ قىلشىنى ئەسلا خالىمايمەن ،بۇ قىز ساددا ،ئاقكۆڭۈل ،ھەم كىچىك ،ئۆزەمنىڭ سىڭلىسىدەكلا شۇنىڭغا ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم ،توغرا چۈشىنىڭ ھە .

-ھىچقىسى يوق مەن بۇرۇن ئىككى قىز بىلەن ئارلاشقان لىكىن كىيىن ئۆيدىكىلىرى قارشى تۇرۇپ ئايرىلىپ كەتكەن .

-بۇنى ئاڭلاپ زۆھرە بىر قىسىملا بولۇپ قالدى ،ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئەمەس بەلكى يۈرگىنىگە ئاچچىقى كەلدى ئەيتاۋۇر.ئابلىكىم بولسا ئۇنىڭ تىخىچە ھىچكىم بىلەن ئارلىشىپ باقمىغىنىنى ئاڭلاپ بىر خىل خوشاللىق ھىسياتىدا بولدى ،كىسىپلا ئىيتقاندا ئۇنىڭ زۆھرەنى كۆرۈپ قوغلاشقاندىن بۇيانقى ھەممە خىياللارى ئۇنىڭغا سەمىمي بولۇپ ئۇنى قەدىرلەپ ،چوڭلار قوشۇلسا توي قىلىش خىيالىمۇ بار ئىدى .چۈنكى  ئۇنىڭ يىشىمۇ 25لەرگە بىرىپ قالغان بولۇپ ئاتا-ئانىسى توختىماي توي گىپىنى قىلىپ ئۇنىڭ بىشىنى ئاغرىتاتتى .ئۇلار بۇيرۇتقان تاماق چىقتى ئۈچىلىسى تاماققا تۇتۇش قىلدى ،لىكىن زۆھرە يەنىلا شۇ بايامقى گەپلەرنى ئويلاپ تاماقنىمۇ تۈزۈك يىمەيتتى .

ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ زۆھرە ئابلىكىمگە ئۆزى تىلفۇن قىلدى ،چۈنكى ئۇلار تاماق يىيىشكەن كۈنى زۆھرە ئابلىكىمنىڭ بىز ئارلاشساق بولامدۇ دىگەن گىپىگە ‹مەن ئويلىنىپ ئۆزەم جاۋاب بىرەي ،ئۇنىڭغىچە كۆرۈشمەي تۇرايلى ›دىگەن ئىدى .شۇ سەۋەپلىك ئابلىكىم ئۇنى كۆرگۈسى كەلسە يوشۇرۇنچە باراتتى ،ھەتتاكى تەربىيلەش كۇرسىغا بىرىپ يانغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئارقىدىن پىنھان ئۇنى قوغداپ ماڭاتتى ،زۆھرەمۇ بۇنى نەچچە قىتىم سەزگەن ھەم شۇنداق سۆيۈنۈش ھەم ئۇنىڭدەك بىرسىنىڭ ئۆزىنى قوغداۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىمۇ بولغان .

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم سىز بارمۇ ؟

-ۋەي ،ھە ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەن بار؟ئۆزڭىز ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟

-ھە ئە مەن ياخشى ،بۈگۈن مەن ئىشتىن چۈشكەندە مىنى ئالغلى كىلەرسىزمۇ ؟

-ھە ماقۇل ماقۇل مەن باراي .

-ماقۇل ئەمىسە چۈشتىن كىيىن كۆرۈشەيلى ،خۇدايىمغا ئامانەت.

ئابلىكىم بىر خىل بىسىپ بولالمايدىغان ھاياجان بىلەن چۈشتىن كىيىننى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى .لىكىن ئىچىدە زۆھرەنىڭ قانداق جاۋاب بىرىشىدىن ئەنسىرەپ ئىچى تىتىلدايتتى ،ھەم قولى ئىشقا بارمايتتى ،ھىلىمۇ ئۇ زۆھرەنى ئۈچ ئايغا يىقىن كۈتتى ،ئۇ ئۇ قىزنى پۈتۈنلەي چۈشۈنمىسىمۇ ،ھەر ھالدا ئۇنىڭ ئىشچان ،تىرشچان ،قالايمىقان ئىشقا ئارلاشمايدىغان ،ئويۇن -تاماششادىن يىراق قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشاللىق تويغۇسى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ مۇرادىغا يىتەلىسە چەكسىز بەختىلىك بولالايدىغانلىقغا كۆزى يەتتى .شۇنداق قىلىپ ئۇ تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن كۈنمۇ يىتىپ كەلدى ،چۈشتىن كىيىن ئۇ زۆھرە ئىشلەيدىغان سودا ساراينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردى ،ئەنە زۆھرە چىقىپ كەلدى سالماق قەدەملىرى يارىشىملىق ھاۋارەڭ كۆينىكى ئۇنى قەۋەتلا چىرايلىق قىلۋەتكەن ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئالاھىدە ياسانغاندەكمۇ قىلاتتى .ئابلىكىم زۆھرەنى كۆرۈپ ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى باستى ھەم دەرىزىدىن ئۇنى چاقىردى ،زۆھرەگە ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئىچىپ بەردى ،زۆھرە ئابلىكىمنىڭ يىنىدىكى ئالدى ئورۇندۇققا چىقتى ھەم قايتىدىن تىچلىق -ئامانلىق سورىدى :

-ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟

-ھەي ،قانداق دەيمەن ،ئىشقىلپ بولىدۇ ،بەك ئۇزاق يوقاپ كەتتىڭىز ،كۈندە تىلفۇنغا قارايمەن ،بەزىدە تىلفۇنۇم توختاپ قالغانمىدۇ دەپ تەكشۈرۈپ باقىمەن ،بەزىدە ئىتىلىپ قالغانمىدۇ دەيمەن ھەي ئىشقىلپ شۇنداقلا يوقاپ كەتكەنتىڭىز سەل ئەنسىرەپ قالغان .لىكىن سىز ئىزدىمىگىچە مەن ئىزدىمەيمەن دەپ ۋەدە بىرىپتىمەن ئامال قانچە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

زۆھرە ئاغزىنى توسۋىلىپ كۈلۈپ قويدى ھەم سۆز باشلىدى ،

-ھە ،شۇ ئۆزەمنىڭ سىز بىلەن يۈرسەم بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلمىدىم ،ئاندىن ئۆزەمنى سەل دەڭسەپ باقتىم قارىسام يەنىلا سىز بىلەن ئارلىشىپ كۆرۈپ بىقىش نىيىتىگە كەلدىم،-گەپنىڭ ئاخىرى بارغانسىرى پەسلەپ كەتكەچكە ئابلىكىم يەنە سورىدى :

-نىمە دىدىڭىز ئوبدان زۆھرە ؟قوشۇلدىڭىز شۇنداقمۇ ؟

-ھە ئە .

-يىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى،ھەجەپ خوش بولدۇم ،رەھمەت سىزگە ،سىزنى چوقۇم ئوبدان ئاسرايمەن ،قوغدايمەن ،ھەم بەختىلىك قىلىمەن ،ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇڭ،-ئۇ بەكلا خوشال شۇنداق دىگەچ زۆھرەنىڭ قولىنى تۇتماقچى ئىدى زۆھرە تىزلىكتە قولىنى تارتىۋالدى ھەم تاتلىق كۈلۈپ تاشلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت لىرىكىسى باشلىنىپ كەتتى .ئىككىسى شۇ قەدەر چىرايلىق ئارلاشتىكى بىر -بىرىنىمۇ سەنلەشكە كۆڭلى ئۇنمايتتى ،ھەم سىلىق ھەم شۇنداق يىقىملىق گەپلەر بىلەن پاراڭلىشىپ كىتەتتى ،گاھى كۈنلىرى 2-3سائەتلەپ پاراڭلىرى تۈگىمەي قالاتتى ،بىر قىتىممۇ ئىككىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ تاس قالدى دەرسكە كىچىكىپ قالغىلى ئابلىكىم ئۇنى تىزلىكتە ئاپىرىپ قويمىغان بولسا چوقۇم كىچىكەتتى ،ئابلىكىممۇ ئۇنى شۇنداق قوللايتتى ھەم ئۇنىڭ ئىشلىمەسلىكىنى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۇنى ئىشتىن چىكىندۈرۋالدى .ئامال قانچە ئۇ ئىشلىگەن يىرىگە قىيمىسىمۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇ ئىشتىن ۋاز كەچتى ،ئابلىكم بولسا ئۇنىڭغا يەنە ئىنگىلزتىلىنىمۇ قوشۇپ ئۆگىنىشىنى قوللاپ بىراقلا بىر يىللىق رەسميەتنى تەڭلا تۆلىدى .ھەم قول كومپىيوتىردىن بىرنى ئىلپ بەردى ،زۆھرە كومپىيوتىرنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ كەتتى ،ئۆيگە قانداق ئەكىرىشنى بىلمەي قالدى ،شۇنىڭ بىلەن كومپىيوتىر ئابلىكىمنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان ،لازىم بولغاندا ئەكىلىپ بىرىدىغان بولدى .مانا شۇ تەرىقىدە ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى ،ئابلىكىم ئۇنىڭدىن ياغلىق چىگىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇ ئىككىلەنمەي ياغلىق ئارتتى ،ھەم ئانچە -مۇنچە ئاكا-ئۇكا ئىككىسى يوق چاغدا ئابلىكىم بەرگەن ئاچقۇچ بىلەن ئۆيگە كىلىپ ئۆيلىرىنى تازلاپ ،كىيىملىرىنى يۇيۇپ دەزماللاپ ،تاماقلارنى ئىتىپ قويۇپ كىتەتتى .بۇلار ئىككىسى بىر -بىرىنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى ھەم ئاتا-ئانىلىرى قوشۇلسا توي قىلشنى كۆڭۈللىرىگە پۈكتى .قايناق مۇھەببەت ۋە جۇشقۇن ياشلىق بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت كۈچلىرىنى تاۋلاپ بىر -بىرىدىن ئايرىلالماس قىلىپ قويدى .

بالا -قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس ،پۇت -قولىنى ساڭگىلىتىپ دەپ ئابلىكىمگە كىلىشمەسلىك كەلدى .ئۇ كىچىسى كىرا تارتىپ مىڭۋاتقاندا قارشى تەرەپنىڭ ماشىنىسى سوقىۋەتتى .شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا ئىلىپ كىلىندى ،ئۇ ھوشسىز بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلغۇنى ۋەقەدە چىقىلىپ كەتكەچكە ھىچكىم بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولمىدى ،ئەزەلدىن كۈندە زۆھرەنى ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ۋاقىتقا بەكمۇ رىئايە قىلىدىغان ئابلىكىم تويۇقسىز يوقاپ كەتكەچكە زۆھرە سەل تىت -تىت بولدى ،دەسلەپ ئىشى چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ مەكتەپكە ئۆزى كىتىۋەردى ،لىكىن دەرىستىن چۈشكەندە يەنە يوق ،ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ئالالمىدى .چۈشتىن كىيىنگىچە ساقلايدىغان بولدى لىكىن نەتىجە ئوخشاشلا ئابلىكىم يوق ئىدى .ئەمدى ئۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى ھەم ئۇدۇللا ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى ئۆيدە ئاكىسىمۇ يوق ئىدى ،ئۇ چىقىپ ئاكسىغا تىلفۇن قىلدى ،ئاكىسى ئىشتىن چۈشۈپ بارغىچە ساقلاپ تۇرۇشنى ئىيتىپ تىلفۇننى قويۋەتتى .ئۇنىڭغىچە زۆھرە ئۆي ئىچىنى رەتلەپ تۇردى .ئابلىكىمنىڭ ئاكىسىنىڭ ئىسمى رۇسۇل بولۇپ تازلىق ئىدارىسىنىڭ ماشىنىنىسىنى ھەيدەيتتى .رۇسۇل بىر توي قىلىپ ئاجراشقاندىن كىيىن ئىنىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە بۇ يەردە ئىشلەۋاتاتتى .رۇسۇل تىزلا قايتىپ كەلدى ھەم زۆھرەنى كۆرۈپ :

-ئۇكام ئابلىكىم ماڭىمۇ تىلفۇن قىلمىدى ،مەن تىخى ئاغىنىلىرىدىن سوراپ باقاي دىگەن ،سىز بىلەنمۇ ئالاقىلاشمىدىمۇ ؟

-ياق ،دىدى زۆھرە تاراملاپ يىغلاشقا باشلىدى .

-بولدى ئۇكام ئەنسىرمەڭ ئۇ 10يىللىق شوپۇر تىخنىكىسى ياخشى ھىچ ئىش بولمايدۇ ،سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ،مەن چىقىپ ئىزدەپ باقاي .

-ماقۇل ،ئۇ ساقلا ساقلا بىر سائەتلەرچە ساقلىدى ،رۇسۇل قايتىپ كىرمىدى شۇنىڭ بىلەن زۆھرە تىخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى .ھەم چىقىپ تىلغۇن قىلاي دىيىشىگە روسۇل جىددىي قىياپەتتە :

-ئۇكام ،ئەنسىرەپ كەتمەڭ ،ئابلىكىم بىلەن نۆۋەتلىشىدىغان بالا بىلەن كۆرۈشتۈم ،كىچە ئۇ ھادىسىگە ئۇچراپتۇ ھازىر مەن دوختۇرخانىغا بارىمەن بارامسىز ؟

بىچارە زۆھرە بامۇ بولدى يوقمۇ بولدى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى .رۇسۇل ئۇنى كۈچى بىلەن سىلكىدى ھەم ،

-ئۇكام سىز بولسىڭىزمۇ بۇنداق قىلماڭ ،تىتىك تۇرۇڭ ،بولدى سىزنى ئاپىرىپ قوياي قايتىپ تۇرۇڭ مەن ئەتە سىزنى ئاپىراي ھازىر مەن ئاززىراق پۇل ئىلىپلا دوختۇرغا ماڭدىم .شۇنداق دىگىنىچە ئىچىگە كىرىپ چاماداندىن پۇل كارتىسىنى ئالدى -دە زۆھرەنى يۆلەشتۈرۈپ ماڭدى .زۆھرەنىڭ روھى بادۇ ھە ،ئۇ شۇنداق تاتىراڭغۇ كۆزلىرى بىر نۇقتىدىلا ئولتۇراتتى .بىر دەمدىلا روسۇل زۆھرەنىڭ مەھەللىسىگە كىلىپ ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويدى ھەم ئۆزى تىزلىكتە يۈرۈپ كەتتى ،زۆھرە بىر چامداپ ئىككى چامداپ ئۆيگە كەلدى ،ئىشىكنىمۇ شۇنداق بوش ئۇزۇن چىكىپ كەتتى ،ئاپىسى ئىشىكنى ئىچىپلا ئۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى ،

-ۋاي نىمە بولدى قىزىم ،مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ؟

زۆھرە ئۈندىمىدى .

-ۋاي توۋا بالام تامدەك ئاقىرىپ كىتىپسىز ماڭا دەڭە نەرىڭىز ئاغىرۋاتىدۇ ،مىنى قورقۇتماڭ قىزىم ،

-ئاپا!!!!!!! ،ئۇ ئاخىرى يىغلاپ ئۆكسۈپ كەتتى،-مەن بىردەم يىتىۋالاي ،-شۇنداق دىگىنىچە

ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ھەم شۇنداق ھۆڭرەپ يىغلىدىكى ،ئاپىسى قورقۇپ توختىماي ئىشىك چىكەتتى .

-قىزىم نىمە بولدىڭىز ،قىزىم ،ماڭا دەڭە مىجەزىڭىز بولمىسا ماڭا دەڭ بولامدۇ ؟دوختۇرغا ئاپىراي -دختۇر ،توغرا ئابلىكىم دوختۇرخانىدا مەن باراي ھازىرلا باراي ،دىدى دە يۈزلىرىنى ئىيتىپ دوختۇرخانىغا تەييارلاندى .

-بالام مەن بىللە باراي ،يا دادىڭىزغا تىلفۇن قىلاي ئۇ ئاپارسۇن ،-دىدى ئاپىسى ئامراق قىزىدىن ئەنسىرەپ .

-ياق ،ئاپا مەن بىرىپ كىلەي چوڭ ئىش يوق ،مەن كەلگۈچە دادامغا دەپ ئەنسىرەتمەڭ ،مەن ساق بىر دوستۇم ماشىنا ھادىسىدا دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ ،مەن بىرىپ يوقلاپ كىلەي ،جىنىم ئاپا دادامغا دەپ قويۇڭ مەندىن ئەنسىرمىسۇن سەل كەچ قىلىشىم مۆمكىن .

-قايسى دوستىڭىز ،ئىسمىنى دەڭە مەن بىلىمەنغۇ ھەممە دوسلىتلىرىڭىزنى قىزىم ،

-ئاپا بۇنى سىز تونۇمايسىز كىلىپ دەپ بىرەي .خوش مەن كەتتىم .شۇنداق دىگىنىچە ئاپا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرۇپلا قالدى ھەم ئىچىدە ‹ئاللاھ ھەر بەندىڭىزنى ئۆز پاناھىڭىزدا ساقلىغايسىز،ئامىن ›دەپ دۇئا قىلىپ قويدى . ھەم ئويلايتتى ئۇنىڭ ھەممە دوستلىرىنى تونۇيدىغان تۇرسام يا كۇرۇستىكى بىرەرسىمىدۇ ،باغرى يۇمشاق قىز بولدى ،جىنىم بالام ھەي ...



مەنبە :مەن

يىزىقچىلىقنى ياخشى كۆرگەچكە يىزىپ باقتىم. ئوقۇپ بىقىڭلار، ئاخىرى بار. تورداشلارنىڭ باھاسىغا قاراپ يازاي دىدىم، ياخشى چىقسا يازاي، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ياخشى چىقمىغان بولسا تۈگىسۇن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 05:41 PM  


ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:07:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ياخشىكەن دېمىسەك يازمامتۇق ؟ھە يازىلى...ئوبدان چىقىۋاتىدۇ...بەرىبىر كۆنۈك بىز بۇنداق ئىشلارغا....
ھارمىغايسىز.....

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى باشلىنىپتۇ، ھارمىغايسىز، داۋامىنى كۈتىمەن

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:10:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 06:07 PM
ھە ياخشىكەن دېمىسەك يازمامتۇق ؟ھە يازىلى...ئوبدان چىقى ...

ئۆزۈم يىزىپ ئوقۇپ ھىرىپ كەتتىم ،شۇڭا قاملاشمىغۇدەك بولسا يازمايلا دىگەن .

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23729
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار دىمەيلا يېزىۋەرسىڭىز بولمامدۇ ؟ مۇنبەردە داۋامىنى ساقلاپ كۆنۈپ كەتتۇق ھازىر . داۋامى ، داۋامى ..................دەپلا يۈرۈيمىز ، كىچىدە جۆيلۈپ سالمايمەن ياخشى داۋامى دەپ .


ياخشى چىقىپتۇ ، داۋامىنى يېزىۋىرىڭە .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12398
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32452
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىسىنى يازماي ئۈزۈپ قويسىڭىز قانداق بولىدۇ؟


تىل بايانلىرىدىكى قىسمەن تەرتىپسىزلىك ۋە ئىملا خاتالىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا خېلى ياخشى چىقىپتۇ....

داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 08:36 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82007
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3878
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2012-6-23
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەششەت ياخشى چىقىپتۇ   ئۇزاققا سوزىماي تىز راق يىزىڭا

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6742
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1857 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 06:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى چىقىپتۇ  ئەمدىغۇ يازاسىز     

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105857
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 07:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇسىز  ؟ بەك ياخشى چىقىپتۇ   ئۇزاققا سوزىماي تىز راق يىزىڭا  ، ئاخىرىغا تەشنا مەن




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1565
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 07:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،لىكىن ئۇ ئىككىسىنى نىمىشقا ئايرىۋېتىسىز دەيمەن.......

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش