مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1437|ئىنكاس: 10

دىيارىمىزدا ياسالغان فىزىكا تەجىرىبە قۇرۇلمىسى (J-29C ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96608
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

J-29C تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى

تەجىربىنىڭ مەقسىدى:

قاسىم سىدىق ئەپەندى تەشەببۇس قىلغان<< شەكىل نەزىرىيەسى >> نىڭ 29- تېئورمىسىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلاش.


29-2.jpg


1- رەسىم

(گالىلې پىسا قىيپاش مۇنارى تەجىربىسى)

يۇقارقىدەك مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن  تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار تەجىربە ئەسۋابى لايھىلەندى.

تەجىربە  لايھەسىدە پولات  شارچە تەجىرىبە ئوبىكتى بولۇپ، بۇ شارچىنى A شارچە دەپ ئاتىدۇق(3-رەسىم).    شارچىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىدىن ئۆتكەن تۈزسىزىقتىكى شارچىنىڭ ئىككى يان تەرپىدىن تۈشۈك ئېچىلغان. تەجىرىبە جەريانىدا Aشارچە ئۆز ئۇقىدا مىنۇتلۇق ئايلىنىش  1000 دىن 10000 مىڭغىچە ئايلايدۇرلۇپ ئېگىزلىكى m1.36 بولغان قۇيۇپ بىرىش قۇرۇلمىسىدىنئەركىن قۇيۇپ بىرىلىدۇ.

29-3.jpg



2-رەسىم

(ئېغىرلىق كۈچى تەجىربىسى)

شارچە يەرگە  چۈشكىچە نۇر سىزىش سېنزورلىرى ئارىسىدىن  ئۈتۈپ، چۈشۈش ھەركىتى باشلانغان ئورنى  خاتىرلىنىدۇ. يەرگە  چۈشكەندىن كىيىن ئىز قالدۇرۇش قەغىزى ئۈستىگەشارچە  قالدۇرغان ئىزلار ئارقىلىق، ئۆزئوقىدا  ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان  شارچە بىلەن  ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلماي تاشلانغان   شارچىنىڭ ئورنى خاتىرلىنىدۇ.

تەجىرىبە  ئادەتتىكى   تېمپىراتۇرا   نورمال  ئاتمىسفىرا شارائىتىدا ۋە ئادەتتىكى تېمپىراتۇرا  كېمەيتىلگەن ھەر خىل  دەرىجىدىكى ئاتمىسفىرا  بېسىم  شارائىتىدا تەكرار ئىشلىنىپ، چىققان سانلىق قىممەتلەر خاتىرلىنىدۇ.


29-4.jpg


3- رەسىم

تەجىربە ئەسۋابى چوڭ جەھەتتىن تەجىربەرايۇنى ۋە كونتىرول رايۇنىدىن ئىبارەت بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، تەجىربە رايۇنى –ئىچكى قۇرۇلما جازىسى ، تاشقى ۋاكومقېپى، تاشلاش  سېستىمىسى، ، ئايلاندۇرۇش  سېستىمىسى، ئايلىنىش قېتىم  سانىنى ئۆلچەش  سېستىمىسى، يۆلنىش  كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى، خاتىرلەش سېستىمىسى،  ماشىنا قول، كۈزتۈش سېستىمىسى قاتارلىق توققۇز سېستىمىدىنتەركىپ تاپىدۇ.

1. ئىچكى قۇرۇلما جازىسى

تۈزلىشى؛- ئېگىزلىگى ئىككى مېتتىر بولغان ئالتەدانە چاسا تۈمۈرنى  چەمبەر شەكىللىك ئالتەدانە تۇمۈرگە ئىچ تەرپىدىن تىگىشتۈرۈپ، ھەر ئىككى چەمبەر شەكىللىك تۈمۈر ئارلىقىنىئارلىق قالدۇرلۇپ كەپشەرلىنىدۇ. ئەڭ ئاستىنقى قىسمى سېلىندېر ۋاكوم قېپىنىڭ ئاستىغائالتە دانە بولتا بىلەن چىڭتىلىپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ( 6- رەسىم ).

رۇلى؛ بۇ ئارقىلىق ئۇقۇرغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانبۆلەكلىرىنىڭ مۇقىملىغىغا كاپالەتلىق قىلغىلى بولىدۇ.

2. تاشقى ۋاكوم قېپى.

تۈزۈلشى؛ ۋاكوم تۇربىسى ، ياپقىسى، ۋەكۈزىتىش كۆزنىكى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

ۋاكوم قىپىنىڭ رۇلى؛ 1- سىرتقى ھاۋانىڭتەجىرىبە ھەرخىل جەريانىدا ئىچىگە كىرىپ كىتىشنى تۇسۇپ، كېمەيتىلگەن ئاتمىسفۇرا بېسىمشارائىتىدا تەجىرىبە ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 2- كۈزتۈش كۆزنىكى ئارقىلىقئىچكى قىسىمىنى ھەر تەرەپتىن كۈزەتكىلى بولىدۇ. 3- ئاستىدىكى ھەركەتچان چاقئارقىلىق تەجىرىبە قۇرۇلمىسنى يۆتكىگىلى بولىدۇ.


29-5.jpg


4-رەسىم،

3. تاشلاش سېستىمىسى


29-6.jpg


5 -رەسىم

تاشلاش سېستىمىسى

تاشلاش سېستىمىسى – بۇ جازا بۆلىكى (5-رەسىم،1).ئۈستى مېخاينىك بۆلىكى (5- رەسىم،2). B پىششاڭ ھەركىتىنى ئاساسىزىخچىگە يەتكۈزۈپ بىرىش بۆلىكى (5-رەسىم،3). ئاساسى زىخچە بۆلىكى (5-رەسىم،4). قۇشۇمچەزىخچە بۆلىكى (5- رەسىم،5)  قاتارلىققاتارلىق بەش بۆلەكتىن تۈزۈلگەن.

جازا بۆلىكى

جازا بۆلىكى قېلىن بولغان تۈمۈر تاختاي  بۇلۇپ ئىچكى قۇرۇلما ئۇقۇرىنىڭ چەمبىرى ئۈستىگەكەپشەرلىنىدۇ

رۇلى؛ تاشلاش سېستىمىسى مۇشۇتاختاينىڭ ئۈستى ۋە ئاستى تەرەپلىرىگە مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپ، تاشلاش سېستىمىسىنىڭمۇقىملىقىغا كاپالەتلىق قىلىنىدۇ.

ئۈستى مېخاينىك بۆلىكى

بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسلىق رۇلى؛ ئېلىكتىرماتۇر بىلەن B پۇرجنانىڭ كۈچىنى تەڭ تەقسىملەپ، جازا بۆلكىئاستىدىكى ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بىرىدۇ.

B پىششاڭ ھەركىتىنى ئاساسى زىخچىگە يەتكۈزۈپ بىرىش بۆلىكى

بۇ بۆلەكنىڭ ئاساسلىق رۇلى؛- ئاساسىزىخچە ئايلىنۋاتقان شارئىتتا، B پششاڭنىڭ ھەركىتىنى ئاساسىزىخچىگە بىخەتەر يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ۋېنتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

ئاساسى زىخچە بۆلىكى

بۇ بۆلەك جازا بۆلكىنىڭ ئاستىدىكى تۈمۈرتاختىنىڭ ئاستىغا ئۇرۇنلاشقان بۇلۇپ A شارچىنى قىسىش، ئايلاندۇرۇش،تاشلاش ھەركەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

قۇشۇمچە زىخچە بۆلىكى

قۇشۇمچە زىخچە بۆلىكى- بۇ بۆلەكنىڭ رۇلى-A شارچىنى ئاساسى زىخچىگە قىستۇرۇشتىن بۇرۇن مۇشۇ بۆلەكتە تەڭشەپقىسىپ توغىرلىنىۋېلىپ، A شارچىنىڭ ئاساسى زىخچىگە ئۆلچەملىق قىسىلىشىغاكاپالەتلىق قىلىدۇ.

ئايلاندۇرۇش سېستىمىسى ۋە سۈرئەت ئۆلچەش سېستىمىسى


29-7.jpg


6- رەسىم

بۇ ئىككى سېستىما 6- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، رەسىمدىكى A ئايلاندۇرۇش سېستىمىسىنى ھەركەتلەندۈرگۈچىئاساسى ماتۇر بۇلۇپ، بۇ ئىچكى قۇرۇلما ئۇقۇرىنىڭ ئۈستى قىسمىغا جازا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.رەسىمدىكى D ئارلىقتىكى تاسمىلىق چاق ئوقى بۇلۇپ، بۇ بولساتاشلاش قۇرۇلما جازىسىنىڭ بىر تەرپىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ. رەسىمدىكى Eبولسا تاشلاش سېستىمىسىنىڭ ئاساسى زىخچە بۆلىكى بۇلۇپ، ئايلاندۇرۇش سېستىمىسىئارقىلىق ئايلاندۇرۇلدۇ. رەسىمدىكى B بولسا ئۆزىمىز ياسىغانئايلىنىش سۇرئىتىنى كېمەيتىش قىسمى بۇلۇپ، ئايلىنىش سۇرئىتىنى سائەت ئۆلچىگىدەكدائىرىدە كېميتىپ بېرىدۇ. رەسىمدىكى C بولسا ئايلىنىش سۇرئىتىنى ئۆلچەشسائەتى بۇلۇپ. شارچىنىڭ ئايلىنىش قېتىم سانىنى بىلگىلى بولىدۇ.

يۆلنىشكۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى


29-8.jpg


7- رەسىم

يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسىتاشلانغان شارچىنىڭ يۆلنىشىنى كۆرسىتىپ بېردىغان بۇلۇپ، جازا بۆلىكى، لازىر نۇر ۋەلازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بۆلىكى، ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى بۆلىكى، كۆرسىتىش چىرىقى بۆلىكىقاتارلىق بۆلەكلەرگە بۇلىنىدۇ.

جازا بۆلىكى

جازا بۆلىكى 23- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، تۈمۈر تاختىدا لازىر نۇر ۋە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بېكىتىش ئۈچۈن تۈشۈكتىشىلىدۇ. تۈشۈك تىشىلگەن تۈمۈر تاختا  ئەڭمۇۋاپىق ئۇرۇنغا تۇرغۇزۇلۇپ، تۈمۈر چېتىقلار ئارقىلىق تاشلاش سېستىمىسى جازاقىسمىغا مۇقىملىنىدۇ.

رۇلى؛ لازىر نۇر ۋە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتلارنىڭئورنىدا مۇقىم تۇرشىغا كاپالەتلىق قىلىدۇ.


29-9.jpg


8- رەسىم

لازىر نۇر ۋەلازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بۆلىكى

بۇ بۆلەكتە 50 دانە لازىر نۇر چىرىقىۋە 50 دانە لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات بولىدۇ. 50 دانە لازىر نۇر چىرىقىنى Aشارچىنىڭ ئىككى تەرپىگە 7- رەسىم ئوڭ تەرەپتە كۆرسىتىلگەندەك بېكىتىلىدۇ. 50 دانەلازىر نۇرلۇق ئۇز-چاتنى قارشى تەرپىگە بېكىتىلىدۇ.

ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى بۆلىكى

بۇ بۆلەك 150 دانە ئېلىكتىرماگىنىتلىق رېلىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، نىپىز تۈمۈر تاختايغا تىزىلىپ، ئىچكى قۇرۇلماجازىسىنىڭ ئۈستى تەرپىگە ئورنىتىپ قۇيۇلىدۇ(24- رەسىم).


29-11.jpg


9- رەسىم

كۆرسىتىش چىرىقى بۆلىكى

بۇ بۆلەك 25- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەكبۇلۇپ، 50 دانە كۆرسىتىش چىرىقىنى رەسىمدىكىدەك ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ (رەسىمدە ئىككىدانىسى ئارتۇق).


29-12.jpg


يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسى توك يۇلى

يۆلنىش كۆرسەتكۈچ سېنزور سېستىمىسىنىڭئىشلەش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.


29-13.jpg


10- رەسىم

لازىر نۇر لامپىسى، لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتقا نۇر دەستىسى چۈشۈرۇپ، لازىر نۇرلۇق ئۈز-چاتنى  ئۇلاپ تۇرىدۇ. Aشارچە تاشلانغاندا، نۇر دەستىسى تۇسۇلۇپ لازىر نۇرلۇق ئۈز-چات ئۈزۈلىدۇ-دە، ئۇزۇلگەنلىك سىگنال ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلىغا يىتىپ  بارىدۇ.


11- رەسىم

ئېلىكتىر ماگىنىتلىق رېلى سىگنالغا ئاساسەن ئۈزۈلگەن شۇ نۇر دەستىسىنىڭ كۆرسىتىش چىرىقىنى ياندۇرىدۇ. بۇئارقىلىق A شارچە تاشلانغان چاغدىكى يۆلنىشىنى بىلگىلى بولىدۇ(10- رەسىم).

خاتىرلەش سېستىمىسى

بۇ سېستىما ئىچكى جازا قۇرۇلمىسىنىڭ ئاستى تەرپىگە جايلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،A  شارچە چۈشكەن ئۇرۇننى خاتىرلەيدۇ. ئشلەش پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

29-15.jpg


12- رەسىم

ئالدى بىلەن بىرىلگەن بۇيرۇققا ئاساسەن ئاپتۇماتىك قەلەم A  شارچەئايلاندۇرۇلماي تاشلىغاندا چۈشۈدىغان ئۇرۇنغا بەلگە چىقىرىدۇ. A  شارچە ئايلاندۇرۇلۇپ تاشلانغانداچۈشكەن ئۇرۇنغا ئىز قالىدۇ. ھەر قىتىم ئاپتۇماتىك بەت ئالمىشىپ يېڭلىنىپ تۇرىدۇ. خاتىرلەنگەن بەلگىلەرگە ئاساسەن ئېغىش ئارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ماشىنا قول

29-14.jpg



13- رەسىم

بۇ ماشىنا قولنىڭ شەكلى 13- رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بۇلۇپ، ماشىناقولنى سىرىتتىن كونتىرول قىلىش ئارقىلىق  ۋاكومقېپى ئىچىدە A شارچىنى ئاستىدىن قىسىپ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىش، Aشارچىنىڭ تۈشۈگىنى زىخچە ئۈچىغا توغىرلاپ  بىرىش، A شارچە قىسىلىپ بولغاندا، ئەسلى ئورنىغا بېرىپيىغىلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار قىلدۇرۇلدۇ. قىسقىسى ۋاكوم ئىچىدە ئادەم قۇلىنىڭ رۇلىنىئوينايدۇ.

كۈزتۈش سېستىمىسى

ۋاكوم تۇربىسى ئىچىگە ۋە كۈزتۇش ئەينىكىگە ئۇدۇل ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىرقانچە تېلكامىرا ئارقىلىق كونتىرول سۇپىسىدىكى ئېكرانغا سىن كۈرۈنىشى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.بۇ

  كونتىرول سۇپىسى

بۇ سۇپىدا بىر قانچە ئېكران كۆپلىگەنھەرخىل ئۈز-چات، كۆرسىتىش چىراقلىرى بۇلۇپ، ئېلىكتىر سىمى ئارقىلىق تەجىربە

ۋاكوم تۇربىسى ئىچدىكى زاپچاسلارغا ئۇلىندۇ.بۇ ئارقىلىق قۇرۇلما ئىچىدىكى ئەھۋالىنى كۈزتىش،يۇرىتىش چىراقلىرىنى يۇرىتىش، ئېلىكتىرماتۇرلارنى قوزغىتىش ۋە توختۇتۇش، ئارقىلىق

29-16.jpg


(كونتىرول سۇپىسى)

ئۈسكىنىلەر ھەركىتىنى سىرىتتىن كۈزىتىپ،ماشىناقولنى ھەرخىل ھەركەتلەندۇرۇش، شارچە چۈشكەن ئۇرۇننى خاتىرلىگۈچنى باشقۇرۇش شارچىنىقىسىش-تاشلاش، شارچىنىڭ ئايلىنىشىنى كۇنتىرول قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىكونتىرول قىلىندۇ.




(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى قىسىپ ئېلىش ئادىدىكى كۈرۈنىشى)

29-17.jpg



(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى ئۈستىگە كۆتىرىپ چىقىۋاتقان كۈرۈنىشى)

قۇشۇمچە ئۇسكىنىلەر

ۋاكوم پومپىسى- بۇ ۋاكوم تۇربىسىنى ۋاكومقىلىشقا ئشلىتىلدۇ

ۋاكوم سائەتى- بۇ ئارقىلىق ۋاكوم دەرىجىسىنىھەر ۋاقىت بىلىپ، ۋاكوملۇق دەرىجىسىنى تەڭشگىلى بولىدۇ.


29-18.jpg



(ماشىنا قولنىڭ شارچىنى قىسىش ئورنىغا كۆتىرىپ چىقىپ شارچىنىڭ قىسىلىشىنى ساقلاپ تۇرغان كۈرۈنىشى)

ۋاكوم سائەتى- بۇ ئارقىلىق ۋاكوم دەرىجىسىنىھەر ۋاقىت بىلىپ، ۋاكوملۇق دەرىجىسىنى تەڭشگىلى بولىدۇ.

لازىر نۇر سەزگۈلىگىنى ئۆلچەش ئەسۋابى-بۇ لازىر نۇر تۇسۇلغاندىكى سەزگۈلىگىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلدۇ.

سىمسىز كونتىروللىغۇچ- بۇ ئارقىلىق زۆرۆربولغاندا شارچە تۈشۈگىنى زىخچىگە توغىرلاش، شارچىنى قىسىش، قۇيۇپ بىرىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.




تېخنىكىلار قۇرۇلمىنى قوراشتۇرماقتا


29-23.jpg


29-20.jpg



جۇرئەت (سولدا ) بىلەن ھۈسەنجان (ئوڭدا ) كونتىرول سۇپىسى ئالدىدا

29-21.jpg



رەخمىتۇللا تەجىرىبە قۇرۇلمىسى يېنىدا


29-24.jpg





29-1.jpg




ئەنۋەر ئەپەندىم قۇرۇلمىنى كۈزەتمەكتە




تەجىربە قۇرۇلمىسىنى لايھىلىگۈچى؛ جۈرئەت ئەنۋەر.


ماقالىنى تەييارلىغۇچى؛ ھۈسەن شەمشى


تەجىربە قۇرۇلمىسى ياساشقا قاتناشقۇچىلار؛

ئەنۋەرجان مۇھەممەت،جۈرئەت ئەنۋەر، رەخمىتۇللا كېرەم، ھۈسەن شەمشى.


مەبلەغ سالغان ئۇرۇن؛ ئەلدوست بىئوتېخنىكا تەرەقىيات شىركىتى

مەنبەسى ئەلدوس تورى  http://www.aldost.com/tatqiqat/?r=site/sagm&id=2

ئىزاھات: << J-29C >> - تەجرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ نامى

J بولسا تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنى لايىھىلىگۈچى جۇرئەتجانغا، 29 بولسا 29- تېئورمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. C بولسا ئىلگىرى ياسىلىپ تەجىربە ئېلىپ بېرىلغان ئوخشىمىغان ئۈچ خىل تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ ( A,B,C) ئۈچىنجىسى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.

(قىسقارتىپ يېزىلدى. تەپسىلى چۈشۈندۇرىلىشى كىيىن ئايرىم يوللىنىدۇ.)


2014- يىل 4- ئاينىڭ 17- كۈنى  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyax-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 02:50 PM  


29-23.jpg
29-22.jpg
29-19.jpg
29-10.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96608
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار ئالدىنقى نوۋەت رېسىملەرنى توغرا يوللىيالماپتىمەن، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئاۋارە قىلغىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyax-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 12:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 03:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەجرىبىنىڭ مەخسىتى نىمە؟

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6263 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 03:45:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئەلدۇسىت»شىركىتى ۋە تەجىربە گورۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ تۇلىگەن بەدەل،تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئوقۇيمەن.تەجىربە گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ۋاكىئوم تەجىربىسىدە 29-تىئۇرمىچە ئېغىشقا دەسلەپكى قەدەمدە ئىرىشكەنلىكىنى مۇبارەكلەيمەن.
تەجىربە گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ زۇرۇرى سانلىق مەلۇماتلارنى تولۇقلاپ «تەجىربە دوكىلاتى»نى تىزرەك روياپقا چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
تورداشلارغا ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم،تەجىربە گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار ۋاكىئومدا 29-تىئورمىچە ئېغىشقا ئىرىشىپ بولدى.مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى يەنە تەكرارى ئالماقچى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6263 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 03:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NURDEN يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 03:37 PM
بۇ تەجرىبىنىڭ مەخسىتى نىمە؟

شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ بايانى:
زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

بىر جىسىمنى ھەم ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ ھەم سىزىقىلىق ھەركەت قىلدۇرسىڭىز بۇنداق جىسىم ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ ئىلگىرلەيدۇ.ھەركىتى تۆز سىزىقلىق ھەركەت ئەمەس،ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت بولىدۇ.نۇر(پېقىرىغۇچ)نى ئەينەك شىرەنىڭ بىر چېكىسىدە قاتۇرۇپ،شىرەنى تەكشى كۇتۇرۆپ يانتۇ تەكشىلىك ھالىتىگە كەلتۇرسىڭىز بۇ ھادىسىنى كۇزىتەلەيسىز.بۇنداق ئېغىش ۋاكىئومدا ئەركىن تاشلانغان جىسىملاردىمۇ يۆز بېرىدۇ.
تەجىربىنىڭ مەقسىدى، ۋاكىئومدا مۇشۇنداق ئېغىشنىڭ يۆز بىرىدىغان ياكى يۆز بەرمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 03:53 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 03:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 03:46 PM
شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ بايانى:
زەررىچە ۋە  ...

ئەسلىي مۇنداق دەڭ .رەھمەت سىزگە يەنە بىر يىڭى بىلىم ئىرىشتىم.ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6263 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 08:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۆگۆنكى بۇ خەۋەرنى كۇرۆڭ:

ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئىسپاتلىدى:تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ ئاقار جىسىملار خاراكتىرى بولۇشى،قاينامسىمان ھالەت مەۋجۈت بولۇشى مۇمكىن


最新研究证:引力场或具流体性质 存在湍动漩涡


[url=http://www.kexue.com/]http://www.kexue.com

2014-06-11 11


  据物理学家组织网站报道,如果你在黑洞的附近,或许你会感到有些颠簸。但这的确会令很多科学家感到意外,因为引力研究学界传统的观点是认为时空无法出现湍动。然而一项加拿大圆周理论研究所(Perimeter)的成果却显示这一传统观点或许是错的  研究人员们遵循如下的思路:引力被认为可以表现为流体性质。而流体的一项特征便是湍动——这也就是说,在特定情况下,它们将不会平滑地运动,而是会出现涡流或漩涡。那么引力是否也会出现相似的情形



تولۇقى بۇ يەردە:



url=http://space.kexue.com/2014/0611/38465


بۇ تەتقىقات نەتىجىسى سىپى ئۇزىدىن 29-41-تىئورمىلارغا پايدىلىقتەك قىلىدۇ.ئەمدى ئاتالمىش«تارتىش كۈچى»كۈچ سىزىقلىرى «تۆز»ئەمەس،ئەگرى بولغىنى تۇرۇپتۇ.«تارتىش كۈچى مەيدانى»بولسا«قاينام»غا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ.بۇ قاراش ۋە نەتىجىلەر بىلەن 29-41-تىئورمىلاردىكى ئىدىيىلەردىكى ئارىلىق نەقەدەر يېقىن-ھە؟!.
ئىنشائاللا،ئاقىۋىتى نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەربىز دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئالدىنقى سىپىدە تەپەككۆر قىلىۋىتىپتىمىز!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 08:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8995
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 07:24:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  قولىمىزدىن باشقا ئىش كەلمىسىمۇ قوللاش يۈزىسىدىن چاۋاك چىلىش بىلەن بولسىمۇ ئىشلىرىڭىزغا زور غەلبە تىلەيمىز قاسىمكا !!!  

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە  نىسى پايدىدىن قىچىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىككىلىنىپ قالماي سىزنى قوللىغان ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتكەن بارلىق ساخاۋەت ئېگىللىرىگىمۇ ھۆرمىتىمىز بار . ئاللاھ شۇلارنىڭ ھەم سىزنىڭ ئىمانىڭلارنى . تىنىڭلارنى ، ئائلەڭلارنى سالامەت ، شاد-خۇرام قىلسۇن !!!!  


  ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ھەقىقەتەن ئېنتىزار بىز . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 07:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96608
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 10:04:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا نەتىنجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن كۆپەرەك تەجىرىبە ئشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ،. شۇڭا سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن، بىزمۇ  ئامال بار تىزراق نەتىنجىسىنى چىقىرىشقا تىرشىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96608
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 11:10:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2014 - يىل 4- ئاينىڭ 25- كۈندىن 5- ئاينىڭ 1- كۈنگىچە نورمال ئاتموسفىرا شارئىتىدا ۋە %85 پىرسەنت كېمەيتىلگەن ئاتموسفىرا شارئىتىدا جەمئىي 200 قېتىمدىن كۆپ تەجىرىبە ئىشلىدۇق. يەنە كۆپ قېتىم تەجىرىبە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ. كىيىن توردا ئېلان قىلىنىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuyax-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 03:47 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش