مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2091|ئىنكاس: 38

'ئارزۇ توشقۇزۇش' ئالدىدىكى ساۋاقداشلارغا ئىككى كەلىمە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13017
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 01:25:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    قەدىرلىك ساۋاقداشلار،سىلەر 10 نەچچە يىللىق باشلانغۇچ ۋە ئوتۇرا مەكتەپ ھاياتىڭلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىڭلاردا ئەڭ موھىم بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر.بۇ كۈننى سىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن،ئەمدى يېتىپ كەلگەندە بولسا شۇنداق جىددىلىشىۋاتقان،ئىچكى دۇنياسىڭلاردا زىددىيەتلىك تاللاشلارنى بېشىڭلاردىن كەچۈرىۋاتقان بولۇشۇڭلار مۈمكىن.بۇ ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك،چۈنكى بىزمۇ شۇنداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.شۇڭا بۇ توغرىلىق ئارتۇقچە سۆزلىمەيمەن.بۈگۈن مەن سىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ،ھەم مەنمۇ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە-"ئارزۇ توشقۇزۇش" مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز قىلىمەن،ئويلىنىپ كۆرەرسىلەر.
  بىز ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن،ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلمىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى،بۇنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز.خوشاللىنارلىقى بۇ ھالنى ئۆزگەرتىشنى،بولسا بۈگۈنلا ئۆزگەرتىپ،دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىز.لېكىن بۇ ئارزۇيىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى دەل سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلارنى قانداق توشقۇزۇشىڭلارغا باغلىق.
  بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟دۇنيادا مائاتىپقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بىرمۇ دۆلەت ياكى مىللەت يوق.لېكىن دۇنيادىكى 200چە دۆلەت بىلەن 2000چە مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئاسمان زېمىن پەرق قىلىدۇ.ئۇنداقتا بۇنداق چوڭ پەرق زادى نەدىن كەلگەن؟ئوبېكتىپ جەھەتتىكى سەۋەپتىن كېلىپ چىققانمۇ ياكى سوبېكتىپ جەھەتتىكى سەۋەپتىنمۇ؟مېنىڭچە بۇ پەرق سوبېكتىپ ئاڭدىن كېلىپ چىققان،ھەرگىزمۇ بىز دەرسلىكلەردە بايان قىلغان ئوبىكتىپ سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان ئەمەس.تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى ئىقتىساس ئىگىلىرى ئاساسەن كارخانا ساھەسى بىلەن مائارىپ ساھەسىگە مەركەزلەشكەن،راۋاج تاپمىغان دۆلەتلەردە بولسا ئىقتىساس ئىگىلىرى مەمۇرىيەت بىلەن دوختۇرلۇق دېگەندەك پۇقرالارنىڭ يانچىقىدىكى تەييار پۇلنى تېپىشنى ئويلايدىغان ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.نەتىجىدە ئالدىنقى خىلدىكى دۆلەرلەر ئۈزلۈكسىز بايلىق يارىتىپ ،دۆلەت ۋە خەلقنى باياشاتلىققا باشلايدىغان،كېيىنكىلىرى بولسا بايلىق ياراتماي،پۇقرالارنىڭ يانچۇقىدا بار بولغان تۆت تەڭگىنى قەستلەپ دۆلەت ۋە خەلىقنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرىدىغان ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىققان.مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوپمۇ-ئوخشاش.بۇ بىر پاكىت،ھېچ قانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.
    ئەپسۇس ،بىزنىڭ دۆلىتىمىز ھەم ئۇيغۇر مىللىتىمىز كېيىنكى خىلدىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ.بۇنىڭدىكى سەۋەپمۇ دەل بىزدىكى ئاڭدىن كەلگەن.ئويلاپ باقايلى،ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللايدۇ.دوختۇر بولمىسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە،لېكىن جەمئىيەت دوختۇرغا تويۇنۇپ بولغىلى نەۋاق.ناھىلىك دوختۇرخانىلارغىمۇ پۇل خەجلىمىسە كىرەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى.پۈتۈن جۇڭگودىكى 10 چوڭ كاسات كەسىپنىڭ بىرى دوختۇرلۇق.بىر كېسەل دوختۇرخانىغا كىرسە 10 دوختۇر تالىشىدۇ،زۇكام چاغلىق بىر ئاددى كېسەلنى ئادەم قورقۇتۇپ نەچچە يۈز يۈەن ھەتتا مىڭ يۈەنلەپ پۇل شۈلۈپ ئاندىن ساقايتىدۇ.مۇشۇنداق ھالەتتە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار يەنىلا دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىسا بۇ نىمە دېگەن ئېچىنىشلىق،نىمە دېگەن ئىسراپچىلىق ھە!
    دوختۇرلۇقتا ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتەلمەي قالغانلارنىڭ تالىشىدىغىنى بولسا مەمۇرلۇق.مەمۇرلۇق ئىمتىھانى دېسە بىر سانغا ئاز دېگەندە نەچچە ئون،كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز،ھەتتا مىڭلاپ ئوقۇغۇچى تىزىملىتىدۇ.شۇنچە رىقابەت بىلەن ئۆتكەنلەر بولسا،قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق ئۆمرىنى ئۈستەل ساقلاپ ئۆتكۈزىدىغان گەپ.
    قالغانلار بولسا،پۇل ياكى يولنىڭ كۈچى بىلەن باشقا ساھەلەرگە كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.2000 يۈەن مۇئاش بېرەلمەيدىغان  بىرەر تۆمۈر تاۋاققا  100مىڭ يۈەن خەجلەپ ئېرىشىدىغان ئەخماقلارمۇ يوق ئەمەس ئارىمىزدا.بۇ ئەخمىقانىلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرەر كۈچنىڭ مەجبۇرلىشىدىن ئەمەس،بەلكى ئېڭىمىزنىڭ زامانغا ماسلىشالمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
   ئويلاپ باقايلى،جەمئىيەتتىكى بايلىقلار نەدىن كېلىدۇ؟ئۇ بايلىقلارنى كىملەر يارىتىۋاتىدۇ؟ كاللىسى ئاددى كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپتىن كېلىدۇ.ئەمىلىيەتتىچۇ؟ھۆكۈمەت ئۇ بايلىقلارنى تەخسىم قىلىش پىرىنسىپى تۈزگۈچىلەر ۋە خەجلىگۈچىلەر خالاس،ئۇنى ياراتقۇچىلار بولسا كارخانىلار ۋە يەككە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر.ھەتتا بىز چوڭ بىلىدىغان،بىر كېسەلدىن 100 مىڭ يۈەنلەپ كىرىم قىلالايدىغان دوختۇرلارمۇ پەقەت خەقنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا يۆتكىگۈچىلەردۇر خالاس.
   بايلىقنىڭ  يەنە بىر چوڭ كېلىش مەنبەسى مائارىپ.مائارىپ كۆرۈنىشكە بايللىق سەرىپ قىلىدىغان ساھەدەك كۆرۈنسىمۇ،لېكىن ئۇ جەمئىيەتكە مىليونلىغان يۇقۇرى ساپالىق بايلىق ياراتقۇچىلارنى تەربىيىلەپ بەرگەنلىگى ئۈچۈن،ئەمىلىيەتتە جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى بەلگۈلەيدىغان ساھە ھېساپلىنىدۇ.
   دۇنيا ھازىر ئەقىل بىلەن بايلىق يارىتىدىغان بىلىم دەۋرىگە قەدەم قويدى.دۇنيادا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر دۆلەت رەھبەرلىرى،ھەربىي گېنراللار ياكى چولپانلار ئەمەس،بەلكى بىل گايتس،جېك ۋېلچ،ۋورېن بافېت ،زاككېربېرگ ،مايۈن قاتارلىق كارخانىچىلاردۇر.مىللەتنىڭ ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىز ئىستىقباللىق كەسپلەرنى تاللاپ توشقۇزۇڭ.ھەرگىزمۇ دورۇمۇچىلىق قىلىپ،ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تاللىماڭ.بىزنىڭ مائارىپىمىز قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى،ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىمۇ تېخى بۆشۈگىدە ياتماقتا،بۇ ئىككى ساھەدە يۈكسىلىش بولمايدىكەن،مىللىتىمىزنىڭ ،جۈملىدىن سىزنىڭ، بىزنىڭ،شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ تەقدىرىمىز ئېچىنىشلىق بولىدۇ.
   ۋەتەن،مىللەتنىڭ كەلگۈسى سىلەرگە باغلىق،سىلەر ئالدىنقىلارنىڭ يولىنى تۇتساڭلار شۇلار كۆرگەننى كۆرىسىلەر،ئەگەر يىراقنى كۆزلەپ،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ياشلىرى قوغلىشىۋاتقان ساھەلەرگە ئۆزۈڭلارنى بېغىشلىساڭلار،چوقۇم گۈزەل كەلگۈسى يارىتالايسىلەر.
   ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىمىز، سىلەر ئاتا -ئاناڭلار تاللىغان كونا يولنى تاللامسىلەر ياكى مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان يېڭى يولنى تاللاشقا جۈرئەت قىلالامسىلەر،قېنى ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13017
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 01:31:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۇيغۇر كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىغىلى مىڭ دوختۇر چىقىدۇ،لېكىن پۇل چىقىرالمىسا قانداق بولىدۇ؟ دوختۇر بىلەن كارخانىچىنىڭ قايسىسى ئۇلۇغ ئىكەن؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-11 02:34 PM):
ئۇيغۇرنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى دوختۇرلۇق ئۈچۈن قۇربانلىق بولۇپ كەتمەڭلا.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-11 03:32 PM):
دوختۇر داۋالىمىغاننى پۇل چىقارغۇچىلار داۋالىتالايدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 11:55:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى ئىقتىساس ئىگىلىرى ئاساسەن كارخانا ساھەسى بىلەن مائارىپ ساھەسىگە مەركەزلەشكەن،راۋاج تاپمىغان دۆلەتلەردە بولسا ئىقتىساس ئىگىلىرى مەمۇرىيەت بىلەن دوختۇرلۇق دېگەندەك پۇقرالارنىڭ يانچىقىدىكى تەييار پۇلنى تېپىشنى ئويلايدىغان ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن   

بالىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرمىغى بەكمۇ قىيىن....ئىمتىھان نەتىجىسى چىقىپ بولغاندا ، توشقۇزغان بولسىمۇ سەل ئاسانراق بولار ئىدى....
ئالدى بىلەن ئىمتىھان نومۇرىنى قىياس قىلىش، شۇ نومۇرغا ئاساسەن ئالدىنقى 3 يىللىق ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قىلىش سىزىقىنى سېلىشتۇرۇش، ئاندىن 1-،2- تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرۇس ۋە مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرى ۋە كەسىپلىرىنى تاللاش، بۇ جەرياندا شۇ كەسىپكە ئالىدىغان ئادەم سانىغا دىققەت قىلىش، ئەڭ ئاخىردا 1-ئارزۇغا ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ، ئارزۇنى بېكىتىش....

  رايۇنىمىز ئىچىدە يەنىلا شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ نومۇر سىزىقى ھەممىدىن يۇقۇرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ يېقىن مەزگىلدە ئۆزگەرمەسمىكى.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghurbufet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 12:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106651
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2014-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال يۈرەكنى تۇتۇپ بېقىش ، كەسىپنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئارزۇ تاللاش كېرەك ،نەتىجىڭىز بەك ياخشى بولسا ياخشى مەكتەپنىڭ ئۆزىڭىز خالىغان كەسپىنى قوقماي يېزىڭ  ،ئوتتۇرھال بولسا سىز ئارزۇ قىغان كەسىپ، نورمال مەكتەپنى يازسىڭىز بۇلىدۇ . ناچارراق بولسا مەكتەپلەرنىڭ سوغوقراق كەسىپلىرىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ  مېنىڭ مەسلىھەتىم .........

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10060
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7796 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:45:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممدىن ئارزۇ توشقۇزۇش مۇھىم ،مەنمۇ تېخى قەيەرلەرنى ،قايسى كەسىپنى  توشقۇزۇشقۇزۇشنى ئويلىشىپ بولالمايۋاتىمە،ئارزۇ توشقۇۇشتا دىقىقەت قىلدىغان نوقتلار توغرىسىدا بىلىدىغانلار بولسا چۈشەنچە بەرسەڭلاربوپىكەن.

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:49:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 01:31 AM
بىر ئۇيغۇر كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىغىلى مىڭ دوختۇر چى ...

بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ قاپتۇ. جۇڭگودا دوختۇرلۇق كەسپىنىڭ تويۇنۇپ كەتكىنى راست، ئەمما ئۇيغۇر ئۈچۈن دوختۇرلۇق كەسپى تېخى تويۇنغىنى يوق، بولۇپمۇ يېزا قىشلاقلاردا ھېلىھەم دوختۇر كەمچىل. تىببىي كەسپ ئوقۇغانلارنىڭ زور كۆپچىلىكى شەھەرلەرگە مەركەزلىشىۋالغان، يېزىلاردىن، چەت ناھىيەلەردىن تىببىي كەسپ ئوقۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدا ئارزۇ تولدۇرىدىغان بولغاچقا ،نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار ئىدى،ھازىر ياخشى بوپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئىمتىھان بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تولدۇرىدۇ....

تېمىدا دېيىلگەن  تەكلىپلەر ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 01:02:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىز ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن،ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلمىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى،بۇنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز

بۇ سۆزىڭىز تازا توغرا بولمىغان،بىز ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ھەر ساھەدىكى ئالىم ،پىراپىسسور،دوكتور....لار باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا سىز دىگەندەك ئۇنداق تۆۋەن نىسبەتتىمۇ  ئەمەس،ئۆز مىللىتىمىزنى ئۇنداق تۆۋەن ئورۇنغا چۇشۇرۇپ قويماڭ.مەيلى تارىختا بولسۇن،مەيلى ھازىرقى دەۋىردە بولسۇن چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلىرىمىز بولغان ھەم بولىۋاتدۇ،تومتاقلا شەخسى كۆز قاراش بىلەن بىر مىللەتكە باھا برىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس.




يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 01:43:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇنى ئەسكەرتىمەنكى : شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ ماتىماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە ، بىئولوگىيە قاتارلىق كەسىپلىرىنى قەتئىي تاللاپ سامماڭلار . مەنمۇ فىزىكا ئۇقۇپ قۇربانلىق بوپكەتتىم .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 01:44:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتنى تاللايدىغانلا بولساڭلا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلا ، مەن ياخشى مەسلىھەت بىرىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش