قەبرە ئىزدەپ چۆللەرنى كېزەر سەپرايى،
قايەرلەردە سەپەر قىلىپ يۈرىدۇ كارۋان.
ئۇزۇن بولدى مۇنبەردە كۆرۈنمەس شاتئاي،
نە سەۋەبتىن يازما يازماس بوپتۇ ھۆكۈمران
دېھقان غېمى يەلكىسىدە ئالدىراش مارشال،
قايسى تېمىغا تۇتۇش قىلدى ئوماق قىز جىلۋە.
تېمىلارنى ئىزدىسەم كۆرۈنمەس زۇلايخا.
ئىنكاسلارمۇ يازماس بولدى تاتلىق نازىلە،
‹‹پانۇس كۆتۈرگەن قىزچاق››قوغلار رۇستەمنى،
‹‹قوش نىكاھ››نىڭ ئىچىدە يۈرەر تەرجىمان،
قامچا تىللىق شېئىر ئىچىدە ئۈزەر ھەققانىي.
ئىنكاس ئويناپ يۈرىدۇ ئەنە نۇرجاھان.
ھېسلىرىنى ئوغرىغا بەردىمۇ تاڭنۇر،
‹‹تىلەمچى قىز››غا يېتىشەلمەي ئاپئاق پىروزە.
‹‹تاققا-تۇققا›› سۆزلەر تېرىپ يۈرىيدۇ سانچاي،
رەنجىدىمىكىن بۇ مۇنبەردىن يۈرىكىم زېدە.
سۆز ئويۇنى توقۇشقا ئۇستا كېرىمجان،
كۆرۈنمەيدۇ مۇنبەردە،قاياردە ئايچىن،
مۇشائىرىدە جۆر بولارمۇ ماڭا شوخ كاككۇك ،
ئىلھام ئىزدەپ ئايتۇغمۇ نەگە كەتتىكىن.
مىسرالاردىن ئۈنچە چېچىپ كېلىدۇ شورلۇق،
‹‹قوشنا قىز››نى ئىزدەپ كەتتى يوچۇن ئادەممۇ.
رەسىم ئىچرە يۈرەر قاتناپ جاپادا رىناتسىن
مول بىلىمنى سۇنار بىزگە بىلىمخۇمارمۇ.
‹‹لەيلارىم››نىڭ ئىچىدە ئاھ ئۇرار تاتلىق،
تاققا –تۇققىغا جۆر بولۇپ ئوينار دىلنازقىز.
ئېسىل سوۋغا تەييارلاپتۇ بىزگە سۇلتاننۇر.
ئەقىل ئىزدەپ مۇنبەر كېزەر ئەنە ئەقىلسىز،
قاياردە،كىملەرنى ئىزدەر رىزۋانگۈل ،
چاخچاقلارغا تاۋىڭىز بارمىدۇ سەنەمجان،
تاماشاسى دۆڭمىكىن باي خېنىممۇ يوق،،
‹‹ھاراقكەش كېلىن››بىلەن يوقىدى شىرخان.
تەشەككۈرلەر ياغسۇن بىزدىن تاشپولات مۇئەللىم.
يېڭى بىلىم يەتكۈزىدۇ بىزگە بىلگەجان،
ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمەيدۇ ئالدىراشمۇ تۇز ،
ئېسىل شېئىرلار تۆكتى قاراڭ، ئەنە قاراخان.
مىسرالاردىن شېرىن ھېسلار تۆكىدۇ چاقنار.
قىزلارغا چاخچاق قېتىپ تويدۇڭمۇ شاجارىم.
تېمىلاردا،ئىنكاسلاردا كەم دىدار كەترەن،
قايەردەسىز تىلى تاتلىق،ئوماق ئاي خېنىم.
تۆرەمگە چاخچاق قېتىپ يۈرەر بۆرە چىشى،
بىزدىن كۆڭلى قالدىمۇ يوقتۇر مەلىكە،
ئۆزىمۇ ھەم سۆزىمۇ يوق نەدىدۇر پادىشاھ.
ئەپچىلەممۇ ئاي –يىللاردا كۆرۈنمەس ئەنە .
كۆرۈنمەيدۇ،كۇرسلاردا يۈرەمدۇ نازپەرى .
دالىلاردىن ئىلھام تېرىپ يۈردىمۇ ئوتخور.
ئىنكاسلاردا كۆرۈنمەس ،نەدىدۇر شابان.
چاخچىقىمغا جۆر بولارمۇ ئەقىللىق ئۇيول.
مەنبە : قېرى ئىلھاملىرىم
ئىلگىرى يېزىپ يوللىغان تېمامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ،قايتا يوللۇدۇم،ئىلگىركىدەك تازا ياخشى چىقماي قالدى،ئىلھاملىرىممۇ قېرىغان چېغۋا،چاخچاققا قاتقىنىمغا خاپا بولىدىغانلار بولسا ماڭا دەۋېتىڭلار –ھە ،ئىسمى چىقمىغانلارمۇ كەچۈرىۋېتىڭلار.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-12 02:02 PM