|
|
|
|
رىبىرى، رىيۇس، ۋان دېرۋات، مونتېلىۋو قاتارلىق كۆپلىگەن توپچىلار يارلىنىپ برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن خوشلاشقاندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، برازىلىيەدىن سامبا قوشۇنىنىڭ يادرولۇق توپچىسى نېيمار يارلاندى دىگەن خەۋەر تارقالغان.
نېيمار مەشىقتە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ئوشۇقىنى يارلاندۇرىۋالغان. شۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلالمىغان، نېيمارنىڭ چىراي ئىپادىسى ئىنتايىن ئازابلق بولۇپ، دوختۇر دەرھال داۋالاش ئېلىپ بارغان. ئاددى بولغان بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىن، نېيمار ئۆزى ئاخىرى ئېھتىيات بىلەن ئورنىدىن تۇرغان.
برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە يەنە 72 سائەت ۋاقىتمۇ قالمىغان ۋاقىتتا، برازىلىيەنىڭ يادرولۇق توپچىسى ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن. بىراق كېيىننكى يارىلىنىش دوكىلاتىدىن قارىغاندا، نېيمار مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئەسلىگە كېلەلەيدىغان بولۇپ، يارلىنىش نېيمارنىڭ كرودىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. ئەمما دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى يىتىپ كەلگەن پەيىتتە ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يارلىنىشى نۇرغۇنلىغان توپخۇمارلارنى ئەنسىرەتكەن.
|
|
|
|
|
|