مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3318|ئىنكاس: 13

قان تومۇر ئېچىش شەربىتىنى ياساشتا دىققەت !!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 02:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ دورىدىن  ھازىرغىچە سەككىز تۈركۈم 650شىشە ياساپ  تارقىتىپ بولدۇق .تىۋىپلىرىمىز بۇ شەربەتنى ياساشقىمۇ خېلى پىشىپ قالدى ۋە بىر قاتار ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئىگەللىدى .تۆۋەندە بۇ رېتسىپنى تەييارلاشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .بىرزات ۋە تۆت تادۇ ۋەكىللىكىدىكى ئىزدىنىش تىۋىپلىرى تولۇقلاپ قويسا .
1.بەزى قېرىنداشلار تېلىفۇن قىلىپ شەربەت كۆپ كۆك چىقىپ قالدى دىدى .بىلىشىمىزچە بۇنىڭ سەۋەبىي بىرسى سامساقنى سىقىپ قويۇپ ،دەرھال شەربەتكە ئارلاشتۇرماسلىق .يەنى سامساق سۈيىنى ھاۋا بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇچىراشتۇرۇپ ئوكسىدلىتىۋېتىش .تەكلىپىمىز شۇكى سىز سامساقنى ئەڭ كېيىن سىقىڭ ۋە سىقىپ بولۇپلا دەرھال قازاندىكى ئارلاشمىغا ئارلاشتۇرۋېتىڭ .ئاندىن ئوتنى ئاچسىڭىز بولىدۇ .يەنە بىرسى يالغان ھەسەل ياكى سۈپۈتسىز ھەسەل ئىشلىتىۋالسىمۇ كۆك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .لېكىن مېنىڭ تەۋسىيەرىم شۇكى كۆك چىقىپ قالسىمۇ ئانچە چوڭ چاتاق يوق .ھەرگىز تۆكىۋەتمەڭ .چۈنكى قوشۇلغان رېتسىپلار يەنىلا ئاشۇ سامساق زەنجىۋىل ئالما ئاچچىسۈيى،لىمون شەربىتى بولغاچقا تۆكىۋېتىپ ئىسراپ قىلىۋەتكەندىن ئىچىۋەتكەن تۈزۈك .كىلەركى نۆۋەت ئۆلچەملىك ياسىسىڭىز بولىدۇ .
2.لىموننى تاللاشتا بىخەستىلىك قىلىش .بەزىلەر تەننەرخ تىجەيدىغانغا بەك ئەرزان لىموننى ئىشلىتىدىكەن .بىزنىڭچە لىموننى تاللاپ قىممەت بولۇشتىن قورۇقماي ياخشىسىنى بولۇپمۇ ئىمپورت قىلىنغان لىموننى ئىشلەتكەن تۈزۈك .چۈنكى بىر باسقۇچ ئىشلەش ئۈچۈن ئېشىپ كەتسە 600 سومغا بارىدۇ .بۇ يەنىلا نونىدىن ئەرزان .ئەگەر بىر ئىككى باسقۇچتا ساقىيىپ كەتسىڭىز ئويلاپ بېقىڭ قانچىلىك پۇل تىجەيسىز ؟بەزىلەر لىموننىڭ شوپىكىنى سويماي سىقىپتۇ .بۇنداق قىلسىمۇ مەسىلە ئانچە يوق .لېكىن لىمون سۈيى پاختىسىمان شۆپەككە سىڭىۋېلىپ ،جىق نەرسە سىقىپ چىقىرالمايسىز .شۇڭا شۆپەكتىكى سۇنى كۆزلىمەي ئىچىدىكى سۇنى كۆزلەڭ .
شۆپەكنى سويۋېتىپ ئاندىن سىقىڭ .
3.زەنجىۋىل تاللاشتا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز . ،بىز سەي ئورنىدا يەۋاتقان  زەنجىۋىللەرنى بەزى ئىنساپسىز سەي ساتقۇچىلارچىرىتماس دورىغا چىلايدىكەن .بۇ ئېچىلىپ كەتكەن مەخپىيەتلىكمىش .قىززىق يېرى بۇ زەنجىۋىلنى ئۇلار ئۆزلىرى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەيدىكەن .قانداق خەق بۇ ؟
شۇڭا سىز سەي توپ بازىرىغا بېرىپ ،ياخشى سۈرۈشتۈرسىڭىز دورىغا چىلىمىغان زەنجىۋىلنى تاپالايسىز .ئەڭ ياخشىسىنى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان  سەيچى بىلەن بىللە سەي توپ بازىرىغا چىقىپ ،شۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن سېتىۋېلىڭ .
4.يەنىلا شۇ سامساق .ھەرگىز پارنىك سامسىقى ياكى ئاسان سويۇلدىغان ھېلىقى سامساقنى ئالماڭ .ئەڭ ياخشىسى تاغ رايونىدا ئۆستۈرگەن ،ھېچبولمىغاندا ئۈستى ئوچۇق ئېتىزدا ئۆستۈرگەن يەرلىك سامساق ئىشلىتىڭ .بولسا ئۆز يۇرتىىڭىزدا ئۆستۈرگەن سامساقنى تاپالىسىڭىز شۇ ھەممىدىن نوچى .سامساقنى سىقىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئاغرىق ،چوپاق يەرلەرنى پاكىز ئېلىۋېتىڭ ياكى بۇنداق سامساقنى سىقماي سەردارلىرىنى سېلىپ سىقىڭ .
5.سىقىلغان ھەننىۋاسىنى قازانغا سالغاندىن كېيىن دەسلەپتە كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىۋالىسىز .قاينىغاندىن كېيىن دەرھال ئاجىز ئوتقا ئالماشتۇرۇپ ،قازننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىۋېتىسىز .بىر تال ئۇزۇن تاياق تېپىپ ،ياكى بىر تال چوكىنى ئەكىلىپ قازانغا چۆكتۈرۈپ ،ھۆل بولغان يەرگىچە بەلگە قىلىۋالىسىز .ئاندىن ھۆل بولغان يەرنىڭ ئوتتۇرىنى بەلگە قىلىۋالىسىز .بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ ،قازاندىكى شەربەتنى قاينىتىپ دەل ئاشۇ ھۆل بولغاننىڭ ئوتتۇرسىغا كەلتۈرمىز .ياكى باشقا ئوسول قوللىنىپ 50پىرسەنت سۈيىنى پارلاندۇرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .
6.ئۆزىڭىزنى ئالدىماي ياخشى ھەسەل ئىزدەپ تېپىڭ.ئەڭ ياخشىسى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان مەيدانغا بېرىپ كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ ئېلىپ كېلىڭ .بۇ توغرىسىدا ئارتۇق سۆزلىگىم يوق .بولمىسا ھەسەل ساتىدىغانلارنىڭ گەپ خالتىسىغا ئايلىنىپ قالماي .
7.بىر ئۆلۈش ھەسەل بەلكىم شەربەتنىڭ تەمىنى تاتلىقراقمۇ قىلالماسلىقى مۇمكىن .ھەسەل سېلىشتىكى مەقسەت تەمىنى تەڭشەشلا ئەمەس بەلكى تەبىئىتىنى تەڭشەش .شۇڭا تاتلىقراق ئىچەي دىسىڭىز يەنە بىر ئۆلۈش قوشسىڭىزمۇ ياكى شەربەتنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلغان ۋاقىتتا ،ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ .
8.ئاخىرىدا ئېلان
بىز ئىشلىگەن شەربەت بۇ نۆۋەت تىخىمۇ ئۆلچەملىك چىقتى .سانى 91 بوتولكا .كونا قايىدە بويىچە پۇل سالغانغا مال سالىمىز .يېڭىلىق شۇكى قاتناشنىڭ توشۇش مۇلازىمىتىدىن چاتاق چىقتى .ئۇلار ھېلىقى ئىشتىن كېيىن ئەينەك بوتولكىلىق ،سۇيۇق نەرسىلەرنى ئالمايدىغان بوپتۇ .شۇڭا ئەمىن مال توشۇش مۇلازىمىتىدىن مال سالىمىز .ئۇلار يېقىندا مۇلازىمىتىنى ئۆزگەرتىپ ،توشۇش ھەققىنى ئالدىن ئېلىۋالىدىغان بوپتۇ .مىڭ سۆزلىسەكمۇ بەكا چىقتى .شۇڭا مال پۇلىغا 30كوي توشۇش ھەققىنى قوشۇپ سېلىۋەتكەيسىز .ئەگەر پۇلىڭىز ئېشىپ قالسا قايىدە بويىچە ساندۇقىڭىز ئىچىگە تىقىۋېتىمىز .500مىللىلېتىر 620 گىرام لىق شىشىگە قاچىلاقلىق پۈتۈپ چىقىشى ئەمگەك ھەققىنى قوشماي 60كوي ئۆپچۆرىسىدە سېتىلىش باھاسى 70كوي .شۇڭا جىق پايدا ئەپكەتتىمىكىن دەپ كاللىڭىزنى ئۇپىراتماڭ .بىزنى خەلقىم ئۈچۈن دەپ قەسەم قىلدۇرمىسڭىزمۇ بولىدۇ  
             مال زاكاس قىلىش تېلىفۇنى 18999036938 ئۈندىدار 328451737 بۇ ئۈندىدار نومىرىنى تېلىفۇنغا باغلىمىغان .
بۇ توغرىسىدا تىببى مەسلىھەت ۋە ياساشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 15109027214
مەسلىھەت سوراش تور ئادرىسى :
www.sarwang.com ئەسكەرتىش:بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىمىزنى توقسۇ ئۇندىدار گىزىتى قاتارلىقلار ئۈندىدار سۇپىلىرىدا تەشۋىق قىپتۇ .سىلەرگە رەھمەت .بولسا تېلىفۇن نومىرىمىزنى قوشۇپ قويسىڭىزلار .بوپمۇ ماۋۇ يازمىنى يۆتكىگەندە تېلىفۇن نومىرىمىزنى قوشۇپ قويمىسىڭىز بىز رازى ئەمەس .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-10 03:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 04:05:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىنىڭ باشلىمىنى كۆرمىگەنتىم، شۇڭا ئانچە چۈشەنمىدىم. بولسا بۇ تىمىنىڭ باشلىمىنى يوللىۋىتىپ، ئاندىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بوپتىكەن.

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 04:33:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىشىنى كومەپتىكەنمەن      بوسا يوللىۋەتسەڭلا   بوپتىكەن

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 05:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 04:05 PM
مەن بۇ تىمىنىڭ باشلىمىنى كۆرمىگەنتىم، شۇڭا ئانچە چۈشە ...

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-121975-1-1.html

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 07:10:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TáwpéK0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 04:33 PM
مەنمۇ بىشىنى كومەپتىكەنمەن      بوسا يوللىۋەتسەڭلا   بوپ ...

بۇ شەربەت يۈرەككە كۆۋرۇك سالىسەن دەپ چىققان بىمارلارنىڭ كىسىلىنى يىنىكلىتىش رولى بار .بەك پايدا قىلىپ كەتكەندە ئېچىۋېتىپ كۆۋرۈك سېلىش ئاسارىتىدىن قۇتقۇزدۇ .مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلار
http://bbs.izdinix.com/thread-57753-1-1.html
يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى
http://bbs.izdinix.com/thread-57934-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر ئېچىش شەربىتى ياسالدى
http://bbs.izdinix.com/thread-58496-1-1.html
8-تۈركۈمدىكى ئالما سىركىلىك قان تومۇر ئېچىش شەربىتى پىشتى
http://bbs.izdinix.com/thread-58680-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى تەييارلاشتا دىققەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96423
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 07:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ياردەم قىلساڭلار  دادام ھازىر دوختۇرخانىدا   يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دەپ  دوختۇرلار
جىجا سالىمىز  ،زاۋيۇن قىلىمىز ، دەيدۇ . مۇشۇ 10 نەچچە كۈن ئىچىدە  قىلىمىز دەۋاتىدۇ .
بولسا  مۇشۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلەر بولسا  ماڭا تىلفۇن ئارقىلىق بىر يەتكۈزۈپ قويساڭلا
بۇ دورىنىڭ راسلا ئۈنۈمى بۇلامدۇ .   ئەگەر راسلا ئۈنۈمى بولسا ئوپراتسىيە قىلدۇرمىسام  بۇلاتتى دادام  ياشتا چوڭۇپ قالغان  ئوپراتسىيە ئېغىر كىلەمىكىن دەپ بەكلا ئەنسىرەيمەن .   
18997653027      نۇمۇرۇم مۇشۇ     

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10883
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2212 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 08:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بۇ شەربەت يوق ئەھۋال ئاستىدا، يەرلىك دورىلاردىن قايسى دورىلارنى ئىشلەتسە ئۈنىمى ياخشى بۇلىدۇ؟؟؟؟


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 10:12:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نۆۋەتلىك ئىشلەپ چىقارغىنىمىز ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ .يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاللاھ خالىسا ئۆگۈنلۈككە چىقىدۇ .لازىم قىلىدىغانلار پۇلنى سېلىۋېرىڭلار .شەربەت چىققاندا سېلىۋېتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44007
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4244
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1505 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 10:45:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،بۇ شەربەت قانتۇمۇر قىتىش ،پۇت -قول ئۇيۇشۇش ،قاتارلىقلارغا بولامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 12:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokatirgol يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 10:45 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،بۇ شەربەت قانتۇمۇر قىتىش ،پۇت -قول ...

ئاللاھ خالىسا مەنپەئەت قىلىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش