بىر يىل بۇرۇنقى رۇبائىيلار
(نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر)
بىلىمدۇر بىر دەرەخ،تۈمەنمىڭ شىخى،
سەندىكى پەقەتلا يۇمران بىر بىخى.
تاۋلىغىن ئۆزۈڭنى،ئۆگەنگىن ھارماي،
ئالدىڭدا ئۆتكەللەر تالايدۇر تىخى.
ئۆتسىمۇ ئەسىرلەر،چۆرگىلەپ جاھان ،
تۆھپىكار ئەجدادلار يادلىنار ھامان.
ئەل ئوغلى ئۆزىنى ئاتايدۇ ئەلگە،
سەنمۇ ھەم تەييار بول،ئاڭا ھەر زامان.
كىتابتىن تىپىلار ئەقىل ھىكمىتى،
پاراسەت ئەھلىنىڭ بولار ھۆرمىتى.
ئۆمۈرلۈك دوست كەبى بىر ياخشى كىتاب،
ھەتتاكى ئۇچقاندا بولۇر قانىتى.
كىلىدۇ بىشىڭغا تۈمەنمىڭ كۈلپەت،
ئۇچرايدۇ گاھ ياخشى،گاھ يامان ئۈلپەت.
ھاياتلىق بىر سەپەر ئەقىلدۇر چىراغ،
كۆكلىسۇن روھىڭدا چاڭ قونماس خىسلەت.
ھاياتلىق بىر ئىقىن،يانمايدۇ باشقا،
يول قويماس ھىچقاچان ئەھلى بەڭۋاشقا.
غايەڭگە يول ئاچسا يۈكسەك ئىرادەڭ،
ئۈمىدۋار كۆزلىرىڭ تولمايدۇ ياشقا.
كىتاپتۇر،قازساڭمۇ تۈگىمەس بىر كان،
يول باشلار،مىڭىشنى بىلمىسەڭ قايان.
كىتاپتىن ئەقىل تاپ،ئىقبالىڭ پارلات،
بەختىڭنىڭ يۇلتۇزى چاقنايدۇ ھامان.
ۋەتەن دەپ تۈرۈلسۇن سەندىكى بىلەك،
ۋەتەننىڭ ئىشقىدا بولغىن ئوت يۈرەك.
باغرى كەڭ مىننەتسىز يەر بارمۇ يەنە؟
كىندىك قان تۆكۈلگەن تۇپراقتىن بۆلەك.
(يۇقارقى رۇبائىيلار "شىنجاڭ گىزىتى"نىڭ 2013-يىلى
4-ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sultannur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-10 02:44 PM