ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر قېتىملىق غايەت زور مەبلەغ سېلىنغان، زور كۆلەملىك تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسان ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە ھەيرانلىقتا قالدۇرىغان نەتىجىلەرنى ئىلىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق زور كۆلەملىك تەتقىقاتلار ئىنسانلار بىلىم غەزىنىسىنى يېڭىلاپ پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىنى بىز ئويلاپ يېتەلمەيدىغان دەرىجىدە نامايەن قىلىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا چىقىرىدىغان مەبلەغ سېلىشتا ئىزچىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ، ئامېرىكا ئىلىم-پەننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ساھەلىرىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. دەل مۇشۇ خىل ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان تۈزۈلمە بولغاچقا، ئامېرىكا بۇندىن كېيىنمۇ ئۇزاق مۇددەت ھەر قايسى ساھەلىرىدە دۇنيانى يېتەكلەپ ماڭىدىغانلىقىدا شەك يوق، دەپ قارايمەن. خۇددى ئىلگىرىكى «ئايغا چىقىش پىلانى»، «ئىنسانلار گېن قۇرۇلۇشى تۈرى» قاتارلىق غايەت زور مەبلەغ سېلىنغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللىغان چوڭ كۆلەملىك تەتقىقات تۈرلىرىدەك، بۇلتۇر 4-ئايدا ئامېرىكا پرىزدېنتى ئوباما دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى دېرىكتورى دوكتور فىرانىسىس كولىن بىلەن بىرلىكتە جاكارلىغان «مېڭە پىلانى» نۆۋەتتىكى مەبلەغ ئەڭ كۆپ سېلىنغان دۇنيادىكى زور تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۈگۈن دوكتور كولىن نۇتۇق سۆزلەپ بۇ تەتقىقاتنىڭ تەپسىلىي پىلانلىرىنى ئاشكارىلىدى ۋە مەن دەل ۋاقتىدا بۇ نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىدىن سىلەرنى خەۋەردار قىلىشنى ئويلاپ نۇتۇقنىڭ تەرجىمىسىنى سىلەرگە سۇندۇم. ھازىر ۋاقتىم قىس بولغاچقا بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن سىلەرنى خەۋەردار قىلىش پىلانىم بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنى كىيىنگە قالدۇردۇم ۋە پات ئارىدا تولۇقلاپ قويىمەن. بۇنداق يېڭى تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بىزنىڭ مېڭىدىن ئىبارەت« پۈتۈن ئالەمدىكى ئوخشاش ھەجىملىك ماددىلار ئىچىدە ئەڭ مۇرەككەپ جىسىم» (بۇ سۆزنى داڭلىق نېرۋولوگىيە ئالىمى دوكتور داۋىد ئىگولمەن IN COGNITO ناملىق كىتابىدا ئېيتقان ۋە مەن ئۇنىڭ نەق مەيدان لىكسىيەسىدە ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان) ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزنى ۋە دەل شۇ مېڭىمىزنى ئىشلىتىپ تەپەككۇرىمىزنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا، مېڭىگە بولغان قىزىقىشىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس. بۇ پىلاننىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، بۇ تېمىغا قايتا كىلىڭ.
«مېڭە پىلانى»نىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزلىگەن نىشانلىرى ئۈستىدە بايانات
دوكتور فىرانسىس كولىن (Dr. Francis Collins)
http://www.nih.gov/about/director/06052014_statement_brain.htm
تېخى بىر يىل ئىلگىرى، پرىزدېنت ئوباما «يېڭىچە نېرۋا تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئىلىپ بېرىلىدىغان مېڭە تەتقىقاتى ياكى مېڭە پىلانى» نى يولغا قويغان ئىدى. بۇ پىلان ئېنقىلاپ خاراكتىرلىك زور كۈچ بىلەن بىئولوگىيەدىكى ئەڭ چوڭ سىر دەپ قارالغان - ئىنسان مېڭىسى ئۈستىدە كۈچلۈك ئىلمىي قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى NIH ئۆزىنىڭ نېرۋا ئىلىمى ساھەسىدىكى غايەت زور بىلىم كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش تارىخى بىلەن ئىنسان مېڭىسىكى مىلياردلىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى، سېگنال تورلىرى ۋە يوللىرىنىڭ پائالىيىتىنى نەق ۋاقىتتا ئېنىقلاش ئۈچۈن يېڭى قوراللارنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، بۇ ساھەگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۋاتقان كۆپلىگەن ئورۇنلار ئىچىدىكى باشلامچى دېسەك بولىدۇ.
پرىزدېنتنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، مېنىڭ باشقۇرۇشۇمدىكى دېرىكتور مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى «مېڭە خىزمەت گۇرۇپپىسى» بۇ ئاۋانگارت پىلاننىڭ ئىلمىي نىشانلىرى، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە بارلىق خىراجەتلىرىنى ئېنىقلاشتا تىز ۋە ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرلىدى. گۇرۇپپا دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەر ۋە دېرىكتور مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن، NIH دەسلەپكى قەدەمدىكى مۇھىملىقى ئەڭ يۇقىرى ساھەلىرىنى بەلگىلىدى ۋە بۇ يىل 9-ئاي ۋە 12-ئايدا مەبلەغ سالىدىغان «مېڭە پىلانى» تەتقىقاتىنىڭ 6 مۇھىم ساھەسى بويىچە 40 مىليون دوللارلىق تەتقىقات ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇشقا ئېلان چىقاردى.
بۈگۈن «مېڭە خىزمەت گۇرۇپپىسى» ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دوكلاتىنى دېرىكتور مەسلىھەتچىلىرى كومىتېتىغا سۇندى ۋە كۆرسىتىلگەن تەۋسىيەلەر قوبۇل قىلىشقا ئېرىشتى. مەن ئاتاقلىق ئالىملار تەرىپىدىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن «مېڭە پىلانى» نىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ناھايىتى ھاياجانلىنىمەن ۋە بارلىق تەۋسىيەلەرنى تولۇق ماقۇللىدۇم. «مېڭە پىلانى» پەقەت نېرۋولوگىيە ئىلىمىدا بىر مەيدان ئېنقىلابنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى (ئەلسايمىر كېسىلى)، بالىلاردىكى يالغۇزلۇق كېسىلى، تۇتقاقلىق، نېرۋا بۆلۈنۈش، يارىلىنىشتىن كېيىنكى مېڭە زەخمىسى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان نېرۋا كېسەللىكىرى سەۋەبىدىن ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئىمكانىيىتىمىزنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
مەن ھەممىڭلارنى «مېڭە پىلانى» ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى، بۇ زور كۆلەملىك تەتقىقاتنىڭ قانداق ئىلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي دوكلاتنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.
«مېڭە پىلانى»نىڭ قىسقىچە نىشانلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. كۆپ خىللىقنى بايقاش: ئوخشىمىغان مېڭە ھۈجەيرە تۈرلىرى ئۈچۈن تەجىرىبە قىلىش شارائىتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ۋە كېسەللىكتىكى رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
2. كۆپ قاتلاملىق مېڭە سېخىمىسى: مېڭە سىناپىسلىرىدىن پۈتۈن مېڭىگىچە بولغان ئېنىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان مېڭە ئېلىكتېر ھەرىكىتى تاختىسى دىئاگىراممىلىرىنى ئىشلەپ چىقىش.
3. مېڭە پائالىيەتچانلىقى: چوڭ مىقداردىكى نېرۋا ھەركىتىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مېتودلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە تەدبىقلاش ئارقىلىق فۇنكىسىيىسىنى يۈرگۈزۋاتقان (ھەرىكەتتىكى) مېڭىنىڭ دىنامىكىلىق سېخىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش.
4. سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش: نېرۋا ئېلىكتېر دىنامىكىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان دەل توغرا ئۆزگەرتكۈچى قوراللارنى ئىجاد قىلىپ مېڭە ھەرىكىتى بىلەن قىلمىشنى باغلاش.
5. تۈپكى پىرىنسىپلارنى ئېنىقلاپ چىقىش: يېڭى نەزەرىيىۋى ۋە سانلىق مەلۇمات ئانالىزى قوراللىرىنى ياساپ چىقىش ئارقىلىق روھىي پائالىيەتنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاساسلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن توغرا بولغان تۈپكى چۈشەنچىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش.
6. ئىنسان نېرۋا ئىلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش: ئىنسان مېڭىسى ۋە مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش؛ مۇكەممەل بولغان ئىنسان مېڭىسى تەتقىقات تورلىرىنى قوللاش ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى ۋە ئىجادىي تېخنىكىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش.
7. مېڭە پىلانىدىن مېڭىگىچە: يۇقىرىدىكى 1-6 گىچە نىشانلاردىن ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ نېرۋا پائالىيىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئاڭ، ھېسسىيات، بىلىش، ساغلاملىق ۋە كېسەللىكنى پەيدا قىلىش مىخانىزىمىنى تىپىپ چىقىش.
«مېڭە پىلانى» 2016-يىلى رەسمىي باشلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىي 10 يىل ئىچىدە تاماملىنىدىكەن. دەسلەپكى قاراردا بۇ تۈر ئۈچۈن يىلىغا 400 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلىنىپتۇ، كىيىنكى 5 يىلىدا مىقدارى كۆپەيتىلىپ ھەر يىلىغا 500 مىليون دوللاردىن مەبلەغ سېلىنىدىكەن ۋە جەمئىي 4.5 مىلياردلىق غايەت زور سوممىلىق تەتقىقات تۈرىگە ئايلىنىدىكەن.
بىلگەجان تەرجىمىسى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-10 03:30 PM