ۋەتەننىڭ باغرىدا ئاچىدۇ چىچەك،
ۋەتەنسىز بولمايدۇ پارلاق كېلەچەك.
مەڭگۈلۈك ۋەتىنىم بولسۇنكەن دەيمەن،
ۋەتەندىن ئايرىلسام بۇلارمەن پىچەك.
ۋەتەنسىز ھاياتنىڭ نىمە لەززىتى،
ۋەتىنى بولمىسا ، بولماس ئىززىتى.
يەنچىلگەن غۇرۇرنىڭ ئۆلگەن ئارماننىڭ،
ۋەتەندە ئۆلچىنەر نەرقى ، قىممىتى.
ۋەتىنىڭ بولمىسا ئۆلگىنىڭ ياخشى،
ۋەتەنسىز ياڭرىماس غەزەلكى ناخشى.
ۋەتەنلا يۆلەنچۈك ھەممە نەرسىگە،
ۋەتەندىن باشلايدۇ سۆزىنى باخشى.
ۋەتىنىم قۇياشىم ، كىچە زۇلمەتكە،
ۋەتىنىم باشپانا ئاجىز مىللەتكە.
ۋەتەندىن باشلىغان ناخشىمىز ياڭراق،
ۋەتىنىم لايىقتۇر ئالىي ھۆرمەتكە.
سېغىنىش
سېغىنىشنىڭ ئوتلىرى،
قىينىغاچقا يۈرەكنى.
سۆيەلمىدىم ھېچ قاچان،
يار سىنىڭدىن بىلەكنى.
چۈشلىرىمگە كىرسەڭمۇ،
قوزغىتىسەن كۆيەكنى.
ئىزلىمىدىڭ بىر قېتىم،
بىز ئولتۇرغان سۆگەتنى.
ئۇخلىمايمەن ھەر كىچە،
چۈشىنەلمەي بۇ گەپنى.
نىچۈن سالدىڭ يۈرەككە،
تاغدىنمۇ ئېغىر دەرتنى.
يوللار يىراق بولسىمۇ،
كۈتتۈم ماڭا كىرەكنى.
ئۆچۈرەلمەس ھېچ قاچان،
دەرتلەر ئارزۇ-تىلەكنى.
سېغىنىمەن ئۆلگۈچە،
سۆزى تاتلىق گۈدەكنى.
توختىتالماس مۇز تاغلار،
ساڭا كۆيگەن يۈرەكنى.
كەلگىن مىنى قىينىما،
بىلگىن ياخشى نىيەتنى.
ھەرگىز ئۇنتىما يارىم،
يۈرەكىمدىكى گەپنى.
رىئاللىق
يىغلىغاندا تۆكىمەن تامچە،
ئۆچ كۆرىمەن ئېغىر تىنىشنى.
ھەسرىتىمدىن ياغدۇرۇپ يامغۇر،
ئويلاپ قالدىم دەرتنى كۈمۈشنى.
رىئاللىقتا ئۆتىدۇ كۈنلەر،
ھىسياتىمنى يۇشۇرغۇم كەلمەس.
مىسكىن يۈرەك توزىدى گۈلدەك،
چۈنكى دەرتنى يۇشۇرماقمۇ تەس.
ھىسياتىمنى يۇشۇرالمىدىم،
سۆيۈپ كەلدىم سۈيۈلمىسەممۇ.
مەن سۆيگۈدە ياشايمەن مەڭگۈ،
ئاھ . كۆزۈڭگە كۆرۈنمىسەممۇ.
خەلقى ئالەم بىلسۇن سىرىمنى،
ساڭا بولغان سۆيگۈم ھەقىقەت.
دەرتلىرىمنى تۆكىمەن كۆرگىن،
يۈرەكتە دەرت قالمىسۇن پەقەت.
مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-10 10:49 AM