ئەسسالامۇ ئەلەيكوم :
قوللىرىم ھورۇنلىشىپ كىتىپ بارامدۇ ياكى ھىسلىرىم باغلىنىپ قىلىۋاتامدۇ بۇنىسى ماڭا نائېنىق ، بەزى چاغدا ئىچىمدىكىنى شۇنداق بىر تۆككۈم كىلىدۇ ، رومان يېزىۋىتىدىغاندەك نىيەتتە كۇنۇپكا تاختىسىغا قولۇمنى ئاپىرىمەنيۇ يەنە يېنىپ قالىمەن ، ئاستا ئۆزۈمگە : < بولدى قىل ئاشكار ، پايدىسى يوق > دەپ شۈك بولىمەن . ئەمدى بۇ يەردىكى پايدا قايسى پايدىنى كۆزدە تۇتار ؟ باشقىلارنى ئوڭشايمەن دىمەي ئاۋال ئۆزەڭنى ئوڭشىغىن دىگەندەك ........ لىكىن ، يېزىپ كۆنۈپ قالغان ئادەمنىڭ يەنىلا بىرنىمىلەرنى يېزىپ باققىسى كىلىدىكەن . خىلى يىللار ئىلگىردىكى بىر يازمامغا مۇشۇ مۇنبەردىكى دوستىمىز : شائىر-يازغۇچىلار يۈرىكىگە ئوت كەتكەن كىشلەردۇر ، دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەن ، مەن شائىر ئەمەس ، يازغۇچىمۇ ئەمەس ، ئەمما يۈرۈكىمگە ئوت كەتكەن كىشىدۇرمەن.....
*
ئىنساننى مۇھىت ئۆزگەرتەلمەيدىكەن . قوشنىڭىز ياكى ئاداشلىرىڭىزمۇ ھەم شۇ ، ئىنساننىڭ ئىچىدىن بىر ئوت كۆيمىسە ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ۋەز نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدىكەن ، قەلبىمىز تۇيۇقسىز ئېرىپ قالىدىكەن ، ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا قالىمىزكەن . باشقىلار : ھوي ! پالانچى ئوڭشىلىپ كىتىپتۇ ھە ، دەپلا قالىدىكەن . مانا بۇنى كۆڭلىگە ئىنساب بىرىپتۇ دەمدۇق ؟ جاھان تەتۇر پىرقىراۋاتقان بۇ كۈنلەردە ياشاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىرىمىز ئەگىشىپ پىرقىراۋاتىمز ، ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بىرەر .
*
قىش كەلسە ئۆزۈمنى قايرىپ قويۇپ مىسكېنلەرگە كۆڭۈل بۈلۈپ كىتەتتىم ، باھاردا دىھقانلارغا ئاسانلىق تىلەتتىم ، يازدا غۇرىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلار ئۈچۈن خوش بولاتتىم ، چۈنكى ئۇلار ھىچ بولمىسا مۇزلاپ كەتتىم دىمەيتتى ، كۈزدە يەنە شۇ جاپاكەشلەرنىڭ ھوسول ئېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم ، نىمانچە ئارتوقچە كۆڭۈل بۆلۈش بۇ ، ئاللاھ رىزقىنى بىرىدۇ ، بەلكىم شۇ جاپاكەشلەرمۇ ئۆزىدىن بەكەرەك جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ غېمىنى يەۋەتقاندۇ ھە !؟ نىمىدىگەن ئاقكۆڭۈل مىللەت بىز .
*
ئاتا- ئانا توغىرسىدا نۇرغۇن يازمىلار يېزىلدى ، ھەم داۋاملىق يېزىلغۇسى ، ئاتا-ئانا بولماي تۇرۇپ يازغان شۇ يازمىلارنىڭ ھەممىسى يالغان . ئوتقا كىرمەي تۇرۇپ ئوت بەك قىززىق ، سۇغا چۈشمەي تۇرۇپ سۇ بەك سوغۇق دىگۈچىلەر پەقەت كۆرگۈچى خالاس . بالا ئوتىنىڭ قانداقلىقىنى بىز ئاتا-ئانا بولماي تۇرۇپ ھېس قىلالىغان بولساقكەن كاشكى شۇ ئەزىزلەرنى ئەللەي ئېتىپ كۈتكەن بولاتتۇق . ئۆتكەندە بىر يازمامدىمۇ دىگەنغۇ دەيمەن ، ھەرقانداق ئىشنى ئەتىدىن باشلاي دىسىڭىز دەڭكى ئاتا-ئانىغا بولغان بۇرچىڭىزنى ، ۋاپادارلىقىڭىزنى ئەتىگە قويماڭ ، بەلكىم ئەتە ۋاي ئاتام ،ۋاي ئانام دەپ يىغلاپ قىلىشىڭىز مۈنكىن . جاھاندا ئاتا-ئانىدىنمۇ ئارتۇق راستچىل ، مىھرىبان ئىنسان بارمىدۇ ؟
*
غۇلجىغا كىلىپ باققانلار بىلىدۇ ، خەنزۇ بازىرى دەپ ئسمى جىسمىغا ماسلاشمىغان بىر بازار بار ، مەن ئۇ يەرنىڭ دائىملىق بىكارچىسى ، باشقىلار ئۇ بازاردا ئىش-ئوقەت قىلىدۇ ، مەن ئايلىنىمەن ، بىردە سۈت سېتىۋاتقان ئانىلىرىمىزغا يىراقتىن نەزەر سالىمەن ، بەزىدە نەچچە تىيىنلىك ئوقەت قىلىۋاتقان بوۋىلىمىزغا قاراپ كۆزلىرىمنى نەمدەيمەن ، ھەم مۇشۇ يەردىكى بىر توپ قوغلاپ تۇتۇپ ، بۇلاپ تالايدىغان قانۇنلۇق بۇلاڭچىلارغا نەپرەتلىنىمەن ، يىقىندىن ياقى ئۆزۈم كارتا بىجىرىپ ئىدارىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مائاش چىققاندا پارچە -پۇرات پۇللارنى مۇشۇ كارتىغا ئۇرۇشىنى مەلۇم سانغا يەتكەندە يىغىلغان پۇل بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدۇم ھەم شۇنداق ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ . ئەمما مەن يىغىلغان پۇللارنى نامىراتلارغا بەرمىدىم ، خىزمەتداشلارنىڭ بەزىلىرى رەنجىگەنمۇ بولدى ، مەن دىدىم : < نامىراتلارنى يۆلەپ بولغىلى بولمايدۇ ، ئىچىدىن قاينىمىسا بىكار ، شۇڭا مەن بۇ پۇللارنى ئوقۇشى ياخشى بالىلارغا ئاتىدىم ، مائارىپ يۈكسەلمىسە مىللەت ئالغا باسمايدۇ > ، ئادەم دىگەندە توغرا نىيەت ، ئېنىق نىشان بولمىسا ھىچ نەرسە ھوجۇتقا چىقمايدۇ .
ئۇزۇن بولۇپتىكەن شېئىر يېزىپ باقمىغىلى ، خەتنى جىقايىتقۇچە مىسرا -مىسرا بىلەنلا دەۋالاي .
سەھەر،
قوياش كائىناتنى ئىللىتى ئەمما ،
جانناماز يىگانە قالدى ، سورۇن ئۇزاق، تۈگىمەي نەغمە.
چىڭقى چۈش،
ئاپتاپ كۆيدۈرىدۇ دىھقاننىڭ گەجگىسىنى ،
كىم سورايدۇ؟ كىم ئاڭلايدۇ؟ بىچارىنىڭ غەلۋىسىنى .
كىچە،
ئىھ! ھاياتنىڭ گۈل-چىچەك پەسلى ،
ئۆچلۈك قىلىمەن ، تۈگىدى سەندە ئاغىنەمنىڭ ئەسلى-ۋەسلى.
بۇ ھاياتنىڭ بەرگەنلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ،
تامچە ئىزدەپ ئېقىندىن سۇ ئىچكەنلىرىم راسىت .
ئەسلىدىنلا ماڭا تەۋە دۇنيالىرىمنى ،
ئاقكۆڭۈلمەن ، بىراۋلارغا تىققانلىرىم راسىت .
ئەكەل دىسە ، ئالغىنا دەپ ئالدىغا تاشلاپ ،
ئالغىن دىسە ، خىجىل بولۇپ مۆككەنلىرىم راسىت .
خۇددى ،
مەن دۇنياغا قەرزىدار مەڭگۈ،
ياق! بۇ خاتا سەزگۈ ، خاتا سەزگۈ.
قاراڭ ،
قوشنامنىڭ گۆش ئارلاشمىغان تائاملىرىغا ،
مىسكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان ھويلا-ئايۋانلىرىغا .
ئۈچ ۋاقلىقىغا قۇرۇق نان يەر ئۇيغۇر بالىسى،
ھەي! ئۇيغۇر نالىسى ، ئۇيغۇر نالىسى..........
ئاشكار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-10 03:08 AM