قەلبىڭ ئوكيان بولسۇن
سەئىدىيە
قايغۇ غەملەر ھەرتۈن ئىزدەپ بۇ جېنىمنى قامال قىلدى.
ھەسرەت بىلەن ئۆتكەن ھەر كۈن ياش كۆڭلۈمنى زاۋال قىلدى.
ھىچ ئاھ ئېيتىپ ۋايسىمىدىم دوسىت بۇرادەر تۇققانلارغا،
بەلكى شۇنداق تۈمەن دەرتلەر ھەممىمىزنى مالال قىلدى .
ياش قەلىپمەن ،غۇنچە كەبى يېشىم يەتمەس يىگىرمە بەشكە،
لىكىن دەردىم كۆپلەردىن كۆپ ،يۈرەكلىرىم لەختە لەختە،
شۇنداقتا ھەم قەددىم تىكتۇر ،كۆزلىرىمدە چاقنار كۈلكە،
بىر سۆزۈم بار قەلىپ شۇ دەم بايان قىلماق نىيەت قىلدى.
كىمگە ۋاپا قىلسا شۇندىن جاپا كېلۇر دىدى كۆپلەر،
ۋاي دەپ باشتا كۆتۈرمىگىن مىنىپ ئالۇر دىدى كۆپلەر،
مەن ئىيتتىمكى ئوغۇت بەرسەڭ تىكەن بولماس، چىمەن چۆپلەر
بەلكى شۇنداق ۋاپاسىزلار بۇ دۇنيانى تۇمان قىلدى.
نىمە كېلۇر كىبرىمىزگە ؟قېرىنداشقا غادايغانغا ؟
مۇھتاج تۇرۇپ ساداقەتكە دوست يارەنگە ئالايغانغا،
ئىشەنچىسز ،مۇھەببەتسىز كۆنەرمىزمۇ ھەم يالغانغا ؟
ياش يۈرەكلەر قاتقان كۈنلەر ھالىمىزنى خاراب قىلدى.
كۆپ تىرىشىقىن راسىت سۆزلەشكە ،راسىت سۆزلىگەن قەلبى توقتۇر ،
غادايمىغىن ئۆزگىلەرگە ،ھالى چوڭنىڭ يۈزى يوقتۇر ،
قەدىرلىگىن ھەر ئىنساننى ،قايتۇرغىنى بەلكى زوقتۇر،
سەۋىر شۇنداق گۈزەل نىئمەت ،رەببىم بىزگە ئاتا قىلدى.
ياشارمىزكەن بۇدۇنيادا ،غەملەر تۈگەپ ئۆتمەس ئىكەن،
ھەممىمىزنىڭ ئەيبى كۆپ ،كۆرۈنسەكمۇ شايى چېكەن،
ئۆزۈڭگە قوي كۆزلىرىڭنى ،باشقىلارغا بولما تىكەن،
بۇ دۇنيادا ئۆزىنى بىلگەن ھەر نۆۋەتتە غەلبە قىلدى.
دەرتىلىرىڭگە ئاچچىقىڭغا باشتىن چىققاي بىر چاغ تۈتۈن،
ئازابلاردا مۇسىبەتتە كۈنلەر زۇلمەت ،ئۇيقۇسىز تۈن،
خاتالىقىڭ ،ئەقىدەڭ ھەم ۋىجدان سوراق قىلسا بىر كۈن،
دېڭىز يەتمەس ،بەلكى ئوكيان بۇ دۇنيانى گۈزەل قىلدى .
ئوكيان كەبى بولسۇن قەلبىڭ ،ئازاپلارغا سەۋىرلىك بول،
ئاچچىقلانما ھىچ بىراۋاغا ،شەيتانغا سەن بولمىغىن گول،
سورىماستىن ساداقەت بەر ،قەلىپ ئۈچۈن سۆيگۈ دۇلدۇل،
ياشالايدۇ ئوكيانسىز كىم، قايسى دانا بۇنى بىلدى ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-10 02:31 AM