مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1218|ئىنكاس: 6

ۋىسالسىز سۆيگۈ10-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11200
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 01:01:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغىنى بۇدەل ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ قايتا باشلانغىنىدۇر!!
ئەلىىنىڭ خىجىل بولۇپ گەپ قىلمىغىننى كۆرگەن پاتىمىخان ئېغىز ئاچتى :
ئوغلۇم سەن ئوقۇشقا كەتكەن ۋاقتىڭدا قوشنىمىز قادىراكاڭ كۆپ ئىشلاردا ياردىمىنى ئايىمىدى، داداڭ رەھمىتى بار چاغلاردىمۇ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتەتتى،سېنىڭچە قادىركاڭنىڭ قىزى رابىيە قانداقراق ئوغلۇم?
دېمىسىمۇ قادىراخۇن ھەقىقەتەن ئېسىل ئادەم ئىدى ئەلى ئەقلىنى بىلگۈدەك بولغاندا دادىسى تۈگەپ كەتكەچكە قادىراخۇن بۇ يېقىن ئاغىنىسنىڭ ئائىلىدىسىدىكىلەرگە بەك ياردەم قىلاتتى. زىرائەتلىرىگە سۇ قويۇپ بېرەتتى ئۆينىڭ توك سۇ يوللىرى بۇزۇلسا ئوڭلاپ بېرەتتى ئىشقىلىپ ئائىلىدىكى ئەر كىشى قىلغۇدەك ئىشلار بولسىلا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاتتى،ئەلىنىمۇ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا بويۇنلىرىغا مىندۈرۈپ ئەركىلىتىپ ئۆز ئوغلىغا ئوخشاشلا كۆرەتتى، قىزى رابىيەمۇ ئەدەپ-ئەخلاقلىق چىرايلىق قىزئىدى ،بۇ تەرىپى ئەلىگە ئايان ئىدى لېكىن كۆڭۈلنى زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ دە!
مېنىڭ كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىم بار ئاپا دېدى ئەلى ئېغىز ئېچىپ:
دېگىنىڭىز ھەقىقەتەن توغرا ئاپا لېكىن كۆڭۈل دىگەننى يا زورلاپ تاڭغىلى بولمىسا ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ دەپ توختاپ قالدى ئەلى.
قارىغاندا لايىقىڭ بار ئوخشىمامدۇ ئوغلۇم دېدى پاتىمىخان ، ھەر قانداق كۆڭۈل سۆزۈڭ بولسا تارتىنماي ئېيتىۋەر ئوغلۇم مەن دىگەن سېنىڭ ئاپاڭ تۇرسام كۆڭۈل سىرلىڭنى مەندىنمۇ يۇشۇرامسەن ،خىجىل بولماي دېگىن ئوغلۇم.
يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى مەنمۇ كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا تويۇڭنى قىلۋېتەي، يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى بۇنى اللاھ ئېگەم ئۆزى بىلىدۇ.
ئۇنداق دېمىسىڭىزچۇ ئاپا دەپ ئېغىز ئاچتى ئەلى ئۇلۇغ اللاھ ئېگەم ئۆمرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى كۆرىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى، ئەمدى سىزمۇ باشقىلارنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاش ئارام ئالىسىز ،خىزمىتىڭىزنى مەن قىلىمەن ئاپا。
رەھمەت ئوغلۇم :
ئىنشااللاھ شۇ كۈنلەرمۇ نىسىپ بولا ،ئۆز گېپىمىزگە كىلەيلى ئوغلۇم ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلۈڭدە ئويلىغان ئادىمىڭ بولسا ئېيتقىن تارتىنما ئوغلۇم دېدى پاتىمىخان.
ماقۇل ئاپا :ئەلى شۇنداق دەپ قىزارغىنىچە بەرنا بىلەن بولغان بارلىق ئىشلىرنى ئاپىسىغا سۆزلەپ بەردى .
ئۇ قىزنىڭ ئائىلە ئەھۋالىچۇ ?ئۆيى قەيەردىكەن?ھەجەپ ئۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئاچمايسەنغۇ ئوغلۇم ?دەپ سورىدى پاتىمىخان.
ئەلى ئاپىسىغا بەرنانىڭ تۇرمۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.
ھەي دەپ ئېغىر ئۇھسىندى پاتىمىخان:
كونىلاردە يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن دەيدىغان گەپ بار ئوغلۇم ،نىمىشقىمۇ لايىقىمىزدىراق بىرەر قىزنى تاپمىغانسەن بىز دىگەن ئاددى سەھرالىق دېھقان تۇرساق ئۇلار دىگەن شەھەرلىك باي غوجاملار تۇرسا ئۇنداق ئېگىز ئوقۇرغا بويلىماي قالارمىزمىكىن.
نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز ئاپا دېدى ئەلى ئاپىسىغا بۇتنىغاندەك قىلىپ :
مەيلى سەھرالىق بولسۇن مەيلى شەھەرلىك بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش ئىنسان ئەمەسمۇ ،ئادەمنىڭ قىممىتى مال دۇنيا بىلەن ئەمەس ئىمانى ،ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ئاپا. ھازىر زامان بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ ھازىر زىيالىلاردا ئۆزگىرىش كۆپ .
سەن تېخى كىچىك ئوغلۇم جىق ئىشلارنى چۈشەنمەيسەن ئوغلۇم ھەممە ئىشلار سەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان بولمايدۇ بۇلارنى كېيىنچە چۈشىنىپ قالىسەن،مەن بۇ يېشىمغا كەلگۈچە ئۇنداق ئىشلاردىن قانچىسىغا شاھىت بولغىنىمنى بىلمەيمەن ،لېكىن بىلگىنكى ئوغلۇم اللاھ ئىگەم رىسقىڭلارنى قوشقان بولسا ھېچكىم ئايرىۋېتەلمەيدۇ،
خاتىرجەم بول ئوغلۇم  سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن  ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە مەن رازى دېدى پاتىمىخان.
مەن قادىركاڭغا مەسلىھەت سېلىپ باقاي ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن داداڭنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاغىنىسى ئەمەسمۇ ساڭىمۇ بەك ئامراق ،ئەسلى سېنى ئوغۇل قىلۋالغۇسى بار ئىدى بوپتۇ ئوغلۇم سېنىڭ خۇشاللىقىڭ مېنىڭ خاتىرجەملىگىم، مەكتىۋىڭگە ماڭغىن ئوغلۇم مەن ھېلىغىچە قادىراخۇن بىلەن كۆرۈشۈپ چىقاي اللاھ خالىسا مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلۋېتەيلى ماڭغىن ئوغلۇم دېدى پاتىمىخان .
ماقۇل ئاپا دېدى ئەلى ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ ، ئۇ يولدا ماڭغاچ بۇ خۇشاللىقتىن بەرنا بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن بەرناغا تېلفۇن قىلدى، ئەپسۇس بەرنانىڭ تېلفۇنى ئېتىك ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئەلى يەنىلا خۇشال ئىدى ،ئاپىسىدىن مىننەتدار بولاتتى اللاھقا شۈكۈرلەر ئېيتاتتى، لېكىن بىر تۇرۇپ يەنە ئۆزىنى قادىراخۇنغا قەرىزداردەك  ھېس قىلاتتى .!!!  

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 10:46:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ، لېكىن بەك ئۇزاقتا يوللا ۋاتىسىز جۈمۈ بىز ساقلىتىپ...

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئاق لەيلى5913

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37311
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3678
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 02:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قاچان چىقار ئەمدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 07:12:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ رابىيە دېگەن قىز ياخشى قىز بالىكەنتۇق، ھەي.......................

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82007
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3878
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2012-6-23
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 07:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان چىقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107180
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 07:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى  ، داۋامى ، يەنە داۋامى ........................................

ئاق لەيلى5913

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37311
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3678
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 01:41:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش