مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3655|ئىنكاس: 32

ئىلى ئوبلاستىدىكى بەش ناھىيەنى ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىش پائالىيتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر كۈنى بىكار ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21225
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8913
تۆھپە نۇمۇرى: 781
توردا: 1951 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 04:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلى ئوبلاستىدىكى بەش ناھىيەنى ۋېلسىپىتلىك ئايلىنىش پائالىيتى   

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق  دوسلار غۇلجا ناھىيە 1- ئوتتۇرا مەكتەپىنىڭ مەكتەپتىكى 7 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە 15 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى پىلانلىغان شەرىقى 5 ناھىيەنى ۋىلىسپىتلىك ئايلىنىش سەپىرىنى بايان قىلماقچىمەن.
    غۇلجا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ يىقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان،ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىۋاتقان، قوش تىل ئوقۇتىشىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن نوقتىلىق تولۇق ئوتتورا مەكتەپ. يىقىنقى 2يىل جەريانىدا مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى رايۇنىمىز ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەنتەربىيە ئىشلىرىمۇ بارغانچە جانلانماقتا.ناھيە ئىچىدىكى پۇتپۇل مۇسابىقىلىردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.پارتىيە ھۆكۈمەت مەكتەپنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ يىڭى مەكتەپ قۇرلۇشىنى ئىلىپ بىرىپ ئاساسىي قىسمى پۈتۈپ ئوقۇتۇش باشلاندى.شۇ ۋەجىدىن مەكتەپنى تىخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تىخىمۇ چىنىقتۇرۇش مەقسىتىدە 7 نەپەر ئوقۇتقۇچى 15 نەپەر ئوقۇغۇچى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ30-كۈنى غۇلجا ناھيەسىدن ۋىلىسپىتلىك يولغا چىقىپ چاپچال ناھيەسىگە باردۇق،شۇ يەردە چۈشلۈك تاماقنى يەپ ئەۋلىيا چوققىسىغا قاراپ يولغا چىقتۇق.چاپچاللىق باللارغا تونۇشلۇق ئەۋلىيا چوققىسىنىڭ داۋانلىرى بەك تىك خەتەرلىك بولغاچقا سەپىرىمىزگە بەك ئىغىر توسالغۇ بولدى بولۇپمۇ قار يامغۇر ۋە مۆلدۈر يىغىپ قاتتاق سوغاقتا يولىمىزنى ئاران داۋام قىلدۇق،شۇندىمۇ ھەممىمىز جاپاغا چىداپ تىك چوققىنىڭ داۋانلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مۇڭغۇلكۈرە ناھيەسىگە كىلىپ كەچلىك تاماقنى يەپ يولىمىزنى يەنە داۋام قىلدۇق.مۇڭغۇل كۈرەدىن ئۆتۈپ كەچلىك قونالغۇغا بىر تۈز دالانى تاللاپ چىدىرلارنى تىكىپ ئورۇنلاشتۇق. كىم بىلسۇن كىچىچە بوران چىقىپ يامغۇر يىغىپ چىدىرلارنى سۇ قىلىپ ھەممىمىز سوغاقتا مۇزلاپ تاس قالدۇق شىھىتتەك قىتىپلا قالغىلى.ئىشقىلىپ تىل بىلەن دىگۈسىز قىينالدۇق.ئەتىسى ئەتىگەندە چىدىرلارنى يىغىپ يولىمىزنى داۋام قىلىپ 5 كىلومىتىر يىراقتىكى بىر قازاق يولداشلارنىڭ چىدىرىغا كىرىپ ناشتا قىلىپ بولۇپ يولىمىزنى يەنە داۋام قىلدۇق.يول يوللاردىكى بىزنى كۆرگەن ھەرمىللەت خەلقى سەپىرىمىزگە ئاق يول تىلەپ بارىكاللا ئىيتىشتى.ئارلىقلارداۋىلىسپىتلەر بۇزۇلغان بولسىمۇ قول قولچە رىمۇنىت قىلىپ سەپىرىمىزنى داۋام قىلدۇق.
    سەپىرىمىزنى داۋام قىلىپ تىكەس ناھيەسىگە كەلدۇق بۇ يەردە چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان داۋانلىق يولغا يۈرۈش قىلدۇق،تىكەس داۋىنى بەك تىك بولمىسىمۇ مۇساپىسى ئۇزۇن بولغاچقا ئەترەتتىكىلەر بەك قىينالدۇق.كۈچلۈك ئىرادىمىزنىڭ تۈرۈتكىسىدە تىكەس داۋىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ توققۇزتارا ناھيەسىگە كىلىپ قونۇپ ئەتىسى يەنە يولىمىزنى داۋام قىلىپ سالچىلار رومانىدا تەسۋىرلەنگەن يولللارنى بىسىپ ياماتۇغا كىلىپ بىر ئاز ئارام ئىلىپ ئاندىن ئالدىمىزغا چىققان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىدە بىر پىيالىدىن چاي ئىچىپ مەنزىلىمىزگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.چۈشتىن كىيىن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا غۇلجا ناھيە بازىرىغا كەلدۇق،بۇ كۈنى بالىلار بايرىمى بولغاچقا ناھيە بازىرىدا ئادەپ كۆپ بولۇپ بىزنى قارشى ئالغىلى چىققان ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار،ئاتا ئانىلار،يۇرتداشلار بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى قارشى ئالغىلى كۈتۈپ تۇرغانىكەن يىتىپ كەلگەندە ھەممىسى چاۋاك چىلىپ قىزغىن قارشى ئالدى.
     بۇ قىتىملىق سەپەر راستىنى ئىتقاندا ھاۋا شارئىتى تۈپەيلى بەك جاپالىق بولدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ قىتىملىق سەپەرگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارئاپىرىن!!

بۇ پائالىيەتلەردىن كۆرۈنىشلەر :




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چۇغلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 06:43 PM  


بىلىم بۇلغاندىلا چىقىش يۇلى كۆپ تېپلىدۇ، بىلىم بۇلمىسا جاپا مۇشەققەت كۆپ ئوچرايدۇ .

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21698
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9981 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 05:47:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەۋەرگە ئائىت رەسىملەر چىقماپتۇ. ئىنكاس ئارقىلىق يوللاپ بەرسىڭىز.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6718
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7027 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 05:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپالىق بولسىمۇ كۆڭۈللۈك ساياھەتتەك قىلىدۇ. رەسىم چىقماپتۇ ،يوللاپ قۇيارسىز

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107456
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-6-6
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 06:26:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ياخشى  چېنىقىش   بولۇپتۇ    ،   مەكتەپ   ئوقۇتقۇچلىرىگە  رەخمەت !!! غەيرىتىڭلارگە !!!!   
     80ياشلىق : - ئابدىغۇپۇر   ئەبەيدۇللام   . (  89- يىلى  ئۆچئون  خۇيزۇ  ئوتتۇرا  مەكتەپتىن  پىنسىيىگە  چىققان .)         2014 - 6 - 9 - كۈنى..   

       يېشىم 80دىن ئېشىپ ، پۇشايماندا قالدىم ؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 887
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 06:30:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرادىنى تاۋلايدىغان ياخشى ئىش بوپتۇ،بىزمۇ پۇرسەت بولسا قىلىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106728
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2555
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-5-13
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 06:40:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ،پاھ ،مىنىڭمۇ مۇشۇنداق ياكى ۋېلىسىپىت بىلەن ياكى موتۇ بىلەن ئايلىنىپ چىققۇم با ،خۇدايىم بۇيرىسا بۇ ئىشنى قىلىمەن . سىلەرنىڭ ئىرادەڭلەرگە ئاپىرىن.


ياخشىدىن ياخشى نام قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 08:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 05:47 PM
خەۋەرگە ئائىت رەسىملەر چىقماپتۇ. ئىنكاس ئارقىلىق يولل ...

ئورۇنلۇق پىكىر،ئەگەر رەسىملىرىمۇ بولغان بولسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەكلا يارىشاتتى..

بۇ سۇئالىم ئارتۇقچە بولسىمۇ لىكىن سوراۋىرەي---ئىلى ئوبلاستىنىڭ جۈمۈلدىن غولجىنىڭ تىمىدا تىلغا ئېلىنغان بەشلا ناھىيەسى بارمۇ ياكى قانچە ناھىيەسى بار ئۇلار قايسىلار.

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مۇشۇ يۇرتنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلغاچقا بۇ يۇرتنى تەپسىلىي چۈشۈنەي دىگەنتىم.

يوللىغۇچىغا رەخمەت جاپا چەكتىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13265
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9186
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 743 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 10:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما مەزمۇنىغا قارىغاندا  غۇلجا ناھيىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل مۇارىپى  بەك تەرەقى قىلغان ئۇخشايدۇ  ھەم قۇش تىل مۇارىپىدىمۇ  خېلى كۇزگە كۇرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ  مۇمكىن بۇلسا  سەپىرىڭلارنىڭ  رەسىملىك كۇرنۇشى بۇلغان بۇلسا بەك ياخشى بۇلاركەندۇق  

كېچىدە ئاي بولمىسا تەنھا يولمۇ يۈرەلمەيمەن!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1868
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4893
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 957 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 10:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dinar يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 10:09 PM
تېما مەزمۇنىغا قارىغاندا  غۇلجا ناھيىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل  ...

مۇارىپى  ئەمەس   مائارىپى  دەڭ     

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60764
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4577
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 2628 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 10:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hujayin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 08:51 PM
ئورۇنلۇق پىكىر،ئەگەر رەسىملىرىمۇ بولغان بولسا ئالتۇ ...

ئىلى ئوبلاستىغا 8ناھىيە 2شەھەر قارايدۇ   غولجا شەھىرى بىلەن كۈيتۈن، 8ناھىيە بولسا قورغاس،چاپچال ،غولجا ناھىيىسى،نىلقا،تىكەس،كۇنەس،موڭغۇل كۇرە،توققۇس تارا،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش