مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1941|ئىنكاس: 15

‹‹ئېلان قىلىنغان ئەسەر›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 03:36:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  (مىكرو ھىكايە)
                                                خەنجىرى
ئىليار ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىقىپ نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان بىر قىسىم  ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ، لىكىن بىرەر پارچىمۇ ئەسىرى تېخى ھېچقانداق مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىپ باقمىغان ئىدى. ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ ئەسەر يازغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يازغان ، ئىلان قىلىنغان بىرەر پارچە ئەسىرىنى ھېچقاندىقى كۆرۈپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ  ئۈنىڭ قانداق  ۋاقىتتا يېزىپ، قايسى ۋاقىتلاردا ئەسەر ئەۋەتىدىغىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيتتى.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز دوست ئىرشاتتىن مىڭ سورىۋىدى، ئىرشات سورىدى:
= شۇنچە كۆپ پۇلنى نىمە قىلىسەن؟
- ئەسەر ئۈچۈن، دەپ جاۋاب بەردى ئىليار
- ئەسەر ئۈچۈن، دىدى ئىرشات ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى چۈشىنەلمەي
- شۇنداق، ئەسەر ئۈچۈن دەپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ كويدى ئىليار
شۇنىڭ بىلەن ئىرشات پۇلنى ئەتە ئەكىلىپ بىرىشكە ۋەدە قىلغاندىن كىيىن ئىليار كىتىپ قالدى.
ئەتىسى ئىرشات مىڭ يۈەن پۇلنى ئىليارغا بىرىپ تۇردى ۋە كىيىن ئۆزىچە ئويلىنىپ قالدى:
- ئەسەر يېزىش ئۈچۈن ھەر قانچە كەتسە قەغەز_ قەلەمگە ئون بەش يۈەن، ئەۋەتىش ئۈچۈن بولسا يىگىرمە بەش يۈەن كىتەر. بىراق ئىليار شۇنچە كۆپ پۇلنى زادى نىمىگە ئىشلىتىدىغاندۇ؟ ئىرشات شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىليارنى بىلىندۈرمەي كۆزىتىشكە باشلىدى. ئىليار ئادەتتە سەل كەپسىز بولسىمۇ، لىكىن سەمىمىي، راستچىل ئىدى. ئىليار تاماق يىسە ئىرشات تاماق يىدى، ئوينىسا بىللە ئوينىدى.قىسقىسى ئىرشات ئاساسى جەھەتتىن ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ھەمراھ بولدى. ئىرشاتنىڭ ئەسلى مەقسىتى پۇلدا بولماستن،  بەلكى ئىليارنىڭ‹‹ ئەسەر ئۈچۈن›› دىگەن گېپىنىڭ تېگىدە زادى قانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىشتە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىرشات ئىليارغا بولغان يوشۇرۇن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇردى. بىراق غەيرى ئەھۋال بايقالمىدى. بۇ جەرياندا ئىليار پەقەت دۈشەنبە_ سەيشەنبە ئىككى كۈنلا رۇخسەت سوراپ يوقاپ كەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندا باشقا ۋاقىتلاردا داۋاملىق مەكتەپتە ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىليار تۇيۇقسىز بىر سائەتلىك سوراپ يوقاپ كەتتى_دە، كىيىن بىر ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ كىرىپ :_ساۋاقداشلار! قاراڭلار، مىنىڭ بىر پارچە ئەسىرىم ژۇرنالدا ئىلان قىلىنىپتۇ!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەممەيلەن ئۇنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈشۈپ كىلىپ ژۇرنالنى تالىشىپ كۆرۈشكە باشلىدۇق. ھەقىقەتەنمۇ ژۇرنالدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئەسىرى بار ئىدى. ئىليار قاتتىق ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى ئىلان قىلىنىپ باقمىغان، ھەم ھەر ۋاقىت ئىليارنى بىلىندۈرمەي قاتتىق كۆزىتىپ ئۇنىڭ بىرەر يەرگە ئەسەر ئەۋەتكەنلىكىنىمۇ بايقمىغان ئىدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى قانداقلارچە ئۇشتۇمتۇتلا ئىلان قىلىنىپ قالدى؟ ئىرشات ئويلىغانسىرى بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يىتەلمەي تۇرۇپلا قالدى_دە، بۇ ئىشىنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېنىقلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۇرسەت ئىزدىدى.
تەلىيىگە بىر كۈنى ئىليار ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتا ئازراقتىن ئىچىشىپ قالدى. بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندە سورۇندىكىلەر تارقاپ، ئىليار بىلەن ئىرشات ئىككىسى يالغۇزلا قالدى. بۇ چاغدا ئىليار سەل تەڭشىلىپ قالدى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئىرشات گەپنى ئۇدۇللا ئېيتتى:
_ ئاداش، مەن ھەرگىز پۇلغا پىخسىقىلىق قىلغىنىم ئەمەس، ئۆتكەندە سەن مەندىن مىڭ يۈەن سورىغاندا نىمىگە ئىشلىتىشىڭنى سورىسام، سەن_ ئەسەر ئۈچۈن ، دىدىڭ. بىر پارچە ئەسەريېزىش ئۈچۈن ھەر قانچە كەتسە قەلەم بىلەن قەغەزگە ئون بەش يۈەن، ئەۋەتىش ھەققىگە يىگىرمە بەش يۈەن كىتەر. مەن ھېچقاچان سىنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرىڭنى بىرەر يەرگە ئەۋەتكىنىڭنى كۆرۈپ باقمىدىم.  كىيىن تۇيۇقسىز بىر پارچە ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئىلان قىلىنغان ئەسىرىڭنى كۆرسەتتىڭ.شۇڭا بۇنىڭ سىرىنى دەپ بەرسەڭ!
ئىليار ئەتراپقا قارىۋىتىپ ماڭا دىدى: ئاداش، بۇ ئىشنى ئەسلى سورىمىساڭ ياخشى بولاتتى. بوپتۇ، ئەڭ يېقىن دوستۇم بولغانلىقىڭ ئۈچۈن بۇ سىرنى دەپ بىرەي. لىكىن باشقىلارغا قەتئىي تىنمايسەن. مەن ۋەدە بەرگەندىن كىيىن ئۇ ھەممە ئىشنى دەپ بىرىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنىڭ سىرىنى ئاخىرى چۈشەندىم. ئەسلى بۇ ئىشنىڭ تېگى مۇنداق ئىكەن:
ئىليار ئەسەر يېزىشقا قىزىقىپ خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپتۇ. ھەمدە قانداق ئەۋەتىشنى بىلمىگەنلىكتىن ، مەتبۇئاتلارغا يېرىم يىلدا بىرەر پارچە ئەسەر ئەۋەتىپتۇ. ئەسەرلەرنىڭ داۋاملىق كەلمەي يېرىم يىلدا بىر قېتىملا كىلىشى سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئەسىرى پەقەت ئىلان قىلىنماپتۇ. ئىليارنىڭ ئەسلىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولسىمۇ بىرەر پارچە ئەسىرىنى ئىلان قىلىپ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىش نىيىتى بولسىمۇ، لىكىن ئاخىرىقى ھىسابتا نەتىجە يەنە باشتىكىگە ئوخشاش بوپتۇ.  ئامالسىز قالغان ئىليارنىڭ قولىغا تۇيۇقسىز بىر پارچە ماتىرىيال چىقىپ قاپتۇ. ئۇنىڭدىكى مىڭ يۈەن بەرسە ئەسىرىنى ئىلان قىلىپ بىرىش توغرىلىق بىرىلگەن ئىلاننى كۆرۈپ قالغان ئىليار ئىرشاتتىن مىڭ  يۈەن قەزر سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسىرى ‹‹ ئىلان قىلىنىپتۇ››.
ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 11:47 PM  


Manager بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 06:32:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 06:33:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بازار ئىگىلىكى.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 06:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ ئەسىرىڭىزنىڭ....

‹‹ئىلان››ئەمەس‹‹ئېلان›
‹‹ئىرشات››ئەمەس‹‹ئېرشات››
‹‹ئىليار››ئەمەس‹‹ئېلىيار››

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 06:53:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە، ياخشى يېزىپسىز، يەنىمۇ تىرىشىپ يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 08:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 06:49 PM
ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ ئەسىرىڭىزنىڭ....

‹‹ئى ...

ئاپتۇر نامىدىن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن.

ئىنىمنىڭ ئىسمى ئەسلى ئېليار ئىكەنتۇق،لىكىن ھازىر ھەممىمىز ئىليار دەپ خاتا ئاتايدىكەنمىز..
بىلىۋالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96952
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 11:02:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىغۇ يامان ئەمەس چىقىپتۇ. ئەمما باشلانغاندا ئۈچىنچى شەخس تىلىدا باشلىنىپتىكەن، ئوتتۇرىغا كەلگەندە بىرىنچى شەخس تىلى ئارلىشىپ قېلىپ ئاخىرىمۇ ئاشۇنداق چىقىپ قاپتۇ؟
«ئېرشات» بىلەن « مەن» بىر ئادەممۇ يا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 11:41:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇمۇ ئەسەرما؟؟؟؟  قېنى بۇنىڭدىكى ھېلىقى؟؟؟؟   

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-9 11:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87455
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-10 02:12:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىۋەتتىڭلا.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش