|
|
|
|
ئۆزەڭنى تونىساڭ ئەركەك
قېشىنى ئوينىتىپ تۈلكە، پۈۋلەيدۇ ئۇچۇرۇپ كۆككە. گۆشۈڭنى يەپ،سۆڭەك قالسا، تاشلايدۇ ئاپىرىپ چۆلگە.
ئۆزۈڭنى چاغلىماي قالساڭ، قەدىناس جۆرىدىن تانساڭ. قىساسى تۇتىدۇ بىر كۈن، ئەسلىڭنى ئۇنۇتساڭ،ئازساڭ.
ئايالىڭ كۆيۈنگەن بىلەن، سۈيۈڭدە ئاققىنى بىلەن. ئايىماس قىلچىلىك شەيتان، دۇنيانى بەرگىنىڭ بىلەن.
ئۆزەڭنى تونىساڭ ئەركەك، بولمايسەن ئۆكۈنۈپ بەزگەك. بوراندا توزىماس بەختىڭ، يۈرسەڭ گەر ھەرۋاقىت سەگەك.
مەنبە:ئىجادىيتىم (چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-9 03:29 PM
|
|
|
|
|
|