بىلىكى يوق بالا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
6-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەتلىك ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى رەسمى باشلاندى، سىچۋەن ئۆلكىسى پەنجىخۈا شەھىرى 7-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىلىكى يوق ئوقۇغۇچىسى پېڭ چاۋمۇ ھاياتىدىكى تۇنجى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۈتىۋالدى.
ئەتىگەن سائەت 7 يېرىمدا پەنجىخۈا شەھرىدە يامغۇر يېغىپ كەتتى. پېڭ چاۋ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىمىنى كىيىپ، يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، دادىسى پېڭ چاڭفۇ بىلەن بىللە سىرتتىكى كىچىك ئاشخانىدا ئەتىگەنلىك تاماق يىدى، ھەمدە ئالى مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىغا يۈرۈپ كەتتى. يامغۇر يېغىۋاتقاچقا، پېڭ چاۋنىڭ دادىسى كۈنلۈك تۇتۇپ ئوغلىنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىپ قويدى.
ئىمتىھان مەيدانى سىرتىدا بالىلىرىنى ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغىلى كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئىنتاين كۆپ بۇلۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قوراللىق ساقچىلار ۋە قاتناش ساقچىلىرى ئىمتىھان مەيدانىنىڭ سىرتىدا تەرتىپ ساقلاۋاتاتتى. پېڭ چاڭفۇ كۈنلۈك تۇتقان پېتى ئۇدۇللا ئوغلىنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئەكىرىپ قويدى، ئۆزى مەكتەپ سىرتىدا جىددىلەشكەن ھالدا ئوغلىنى ساقلىدى.
پېڭ چاۋ سىچىۋەن ئۆلكىسى پەنجىخۈا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىق 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ، 6 ياش ۋاقتىدا يۈك ماشىنىسى سوقۇۋەتكەنلىكتىن ئىككى بىلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان ھەمدە ئوقۇش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغان. لېكىن ئۇ قەتئىي ۋاز كەچمەي، پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن پۇتى ئارقىلىق كىيىم كىيىش، خەت يېزىش، تورغا چىقىشتەك ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگەندى، ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئۆگىنىپ بولدى.
سائەت 11 يېرىمدا ئىمتىھان ئاخىرلاشتى، پېڭ چاڭفۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىنىڭ ئۈستىدە جىددىلىك بىلەن مەكتەپ تەرەپكە قارىدى. پېڭ چاۋ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ، مەكتەپ ئالدىدا دادىسى بىلەن كۆرۈشتى، دادا، بالا ئاددىغىنە پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئازراق ئارام ئېلىۋالغان پېڭ چاۋ كىيىنكى ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، پېڭ چاۋ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شىمال تەرەپتىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋىي قۇرۇلۇش فاكولتىتىغا ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
مەنبە: نۇر تورى